تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

جىمىسار ناھىيەسى: سەي كاۋىسى ئۆستۈرۈش دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى

تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر رېن دۇڭشېڭ خەۋىرى): «كاۋا ئۇرۇقىنىڭ قۇرۇش دەرىجىسى ۋە سۈپىتى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، زاكاز تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ». 11-ئاينىڭ 17-كۈنى ئەتىگەندە، ئىچكى موڭغۇلدىكى قورۇلغان يېمەكلىك كارخانىسىنىڭ سودىگىرى جىمىسار ناھىيە شۇنخې يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات شىركىتى سەي كاۋىسى كەسىپلەر باغچىسىغا كېلىپ، زاكازلىق ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەندە شىركەتنىڭ سەي كاۋىسى ئۇرۇقىنىڭ سۈپىتىدىن ئىنتايىن رازى بولدى.

«بىز ئىچكى موڭغۇلدىكى قورۇلغان يېمەكلىك كارخانىسى بىلەن زاكاز ئىمزالاپ، ھەر يىلى مەھسۇلاتنىڭ يېرىمىنى ئۇلارغا تەمىنلەپ بېرىدىغان بولدۇق» دېدى شۇنخې يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات شىركىتىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى جۇڭ خۇڭبىن مۇخبىرغا.

كەسىپلەر باغچىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، مۇخبىر ئۈچ تولۇق ئاپتوماتىك تازىلاش، قۇرۇتۇش لىنىيەسىنىڭ تولۇق ئىشلەپچىقىرىۋاتقانلىقىنى، دانلىرى تولۇق سەي كاۋىسى ئۇرۇقىنىڭ تازىلاش، تاللاش، رەڭ تەڭشەش قاتارلىق ئىش تەرتىپلىرىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، تەييار مەھسۇلات ئامبىرىغا كىرگۈزۈلۈپ سېتىشقا تەييارلانغانلىقىنى، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش جەريانىدا تولۇق ئاپتوماتلىشىش، يۇقىرى ئۈنۈمدە ئېنېرگىيە تېجەشنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقىنى كۆردى.

تېخنىك ليۇ جۈنفېڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «بۇ يىل شىركەت مەملىكەت بويىچە ئەڭ ئىلغار سەي كاۋىسى ئۇرۇقىنى ئاپتوماتىك تازىلاش، قۇرۇتۇش غول لىنىيەسىدىن ئۈچنى كىرگۈزدى، تازىلاش، قۇرۇتۇش، دەرىجىگە ئايرىپ تاللاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىر ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىلا تاماملىغىلى بولىدۇ. خېرىدارلىنڭ ئوخشىمىغان تەلىپى بويىچە، مەھسۇلاتلار 19 دەرىجىگە ئايرىلغان، كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 100 توننىغا يېتىدۇ، پۈتۈن يىلدا 5000 توننا پىششىقلىغىلى بولىدىغان بولۇپ، مەھسۇلات قىممىتى 80 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ».

بۇ بىر نەچچە يىلدا، جىمىسار ناھىيەسى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ شۇ جايدا ئۆستۈرۈشكە ماس كېلىدىغان خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پائال تەرەققىي قىلدۇردى. سەي كاۋىسى ئۇرۇقىنىڭ سۈپىتىگە مەنبەدىنلا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، جىمىسار ناھىيەسى شۇنخې يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات شىركىتىگە تايىنىپ، سەي كاۋىسىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئۆستۈرۈشنى كۈچەيتىپ، سەي كاۋىسىنى تېرىش، يىغىۋېلىش، ئاپتاپقا سېلىپ قۇرۇتۇشنىڭ پۈتۈن مۇساپىسىگە بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەم تۈزگەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىشنى ياخشى قىلىپ، سەي كاۋىسى ئۇرۇقىنىڭ سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ