تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

11 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلىلىك ئاھالە كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىشتىن نەپكە ئېرىشتى

ئاقسۇ شەھىرى:

11 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلىلىك ئاھالە كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىشتىن نەپكە ئېرىشتى

11 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، ئاقسۇ شەھىرى يېڭىبازار كوچا باشقارمىسى يېڭىبازار مەھەللىسى شياڭخېلى ئولتۇراق رايونىدىكى كىچىك دوستلار ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى ئاممىۋى مەيداندا ئوينىماقتا. (شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جىڭ بو، جوۋ پېڭ، جاۋ چاڭفۇ خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئەتىگەندە، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ يېڭىبازار كوچا باشقارمىسى يېڭىبازار مەھەللىسى شياڭخېلى ئولتۇراق رايونىنىڭ ئاھالىسى ۋاڭ خېشېڭنىڭ ئۆيىگە كىرسەك، ئىسسىق ھاۋا يۈزىمىزگە ئۇرۇلدى.

«ئولتۇراق رايون ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، ئۆيىمىزنىڭ تېمپېراتۇرىسى 25 سېلسىيە گىرادۇس بولۇۋاتىدۇ، قىشتىمۇ بەزىدە ئۆينىڭ دېرىزىسىنى ئېچىپ قويىمىز.» ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىش ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىش تىلغا ئېلىنغىنىدا ۋاڭ خېشېڭنىڭ سۆزىدىن مەمنۇنلۇق چىقىپ تۇراتتى.

بۇ يىل ئاقسۇ شەھىرى كونا ئولتۇراق رايونلارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتكەندىن كېيىن، پۈتۈن شەھەر بويىچە 11 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلىلىك ئاھالىنىڭ تۇرمۇشى قولايلاشتى، سىرتقا چىقىشى ئاسانلاشتى، ئولتۇراق مۇھىتى گۈزەللەشتى، ئۇلار پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى.

ئۆي ئىسسىدى، توڭلىمىدۇق؛ يول قاتتىقلاشتۇرۇلدى، مېڭىش ئاسانلاشتى؛ يول چىرىغى ياندى، بىخەتەر بولدى؛ ئەخلەتلەر تۈرگە ئايرىلدى، پاكىز بولدى. ئاھالە بەي گۇاڭچياڭ مۇنداق دېدى: «مەن ھازىر شياڭخېلىدا تۇرىدىغانلىقىمنى تىلغا ئالسام، ناھايىتى ئىپتىخارلىنىمەن».

شياڭخېلى ئولتۇراق رايونى ئاقسۇ شەھىرى 140 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ تۇنجى تۈركۈمدە ئۆزگەرتكەن كونا ئولتۇراق رايونلارنىڭ بىرى. تۇنجى تۈركۈمدە ئۆزگەرتىلگەن كونا ئولتۇراق رايون 41 ئولتۇراق رايوننى بىرلەشتۈرۈپ تۆت ئولتۇراق رايون قىلدى، شياڭخېلى ئولتۇراق رايونى ئون ئولتۇراق رايوننى بىرلەشتۈرۈشتىن بارلىققا كەلگەن.

كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىش خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ھەم خەلق رايى قۇرۇلۇشى. ئۆزگەرتىش داۋامىدا، ئاقسۇ شەھىرى ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىش، پۇقرالار قاتنىشىش، ئاھالىلەر تالون بۇيرۇتۇش، پۇلنى ھۆكۈمەت تۆلەش ئەندىزىسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ پىكرىنى تولۇق ئاڭلاپ، پۇقرالارنى بۇنىڭغا قاتناشتۇردى.

ئىلگىرىكى شياڭخېلى ئولتۇراق رايونىدا، كۆپ ساندىكى بىنالار 30 يىللىق بوران - چاپقۇننى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، ئەسلىھەلىرى كونا بولۇش، ئۆگزىسىدىن سۇ ئۆتۈپ كېتىش، تۇرۇبا يوللىرى توسۇلۇپ قېلىش، تۇرۇبا تورى كونىراپ كېتىش، يوللىرى كونىراش، قائىدىگە خىلاپ سېلىنغان قۇرۇلۇش قاتارلىق مەسىلىلەر گەۋدىلىك ئىدى. ئاھالىلەر مەسىلىلەرگە قارىتا تالون بۇيرۇتتى، ئاقسۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت تالون قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، 39 مىليون 600 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سالدى، ئاھالىلەر ئۆزى 5 مىليون 400 مىڭ يۈەن غەملەپ ئۆزگەرتىش ئېلىپ باردى. قىسقىغىنا بىرنەچچە ئايدا، ئولتۇراق رايوننىڭ كونا قىياپىتى يېڭىلاندى.

ئاقسۇ شەھەرلىك ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ يېڭىبازار مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى ساۋ جىنخۇا مۇنداق دېدى: ئاھالىلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا مەبلەغ غەملىشى ئاھالىلەرنىڭ سۇبيېكتىپ پائالىيەتچانلىقىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئولتۇراق رايوننىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلىرىگە قاتنىشىپ، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ئۈچۈندۇر.

13 - بىنا 1 - ئىشىك 401 - ئۆيدە تۇرۇشلۇق ئاھالە باھارگۈل ئابلىمىتنىڭ ئېرى بۇ يىل 3 - ئاينىڭ بېشىدا يىقىلىپ چۈشۈپ يارىلىنىپ سىرتقا چىقىشى قولايسىز بولغانلىقتىن، ئۇلار ئولتۇراق رايوندىن كۆچۈپ چىقىپ، سىرتتىن لىفىتلىك ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرغانىدى. 9 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئۇ ئېرىنى ئېلىپ ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ، كەتمەسلىكنى قارار قىلدى.

«مەن بۇ يىل ئىككى قېتىم يىغلىدىم. ئالدىنقى قېتىم ئېرىم دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغاندا، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئاتچوت قىلىنغاندىن كېيىن مەن ھېچقانچە پۇل خەجلىمىگەنلىكىمدىن خۇشال بولۇپ يىغلىدىم؛ بۇ قېتىم ئولتۇراق رايوننىڭ ئۆزگىرىشى بەك چوڭ بولغانلىقىدىن خۇشال بولۇپ يىغلىدىم! قاراڭ، ئولتۇراق رايوننىڭ مۇھىتى گۈزەللىشىپتۇ، ھەممە بىنالارغا يەنە لىفىت ئورنىتىلىپتۇ، قولايلىق ھەم ئازادە ئىكەن، بۇنداق تۇرالغۇ مۇھىتنى كىممۇ ياقتۇرمىسۇن؟ مەن پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن» دېدى باھارگۈل ھاياجانلانغان ھالدا.

كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىشتە خەلق مايىل قىلىندى، خەلق رايى مۇجەسسەملەندى. ئاقسۇ شەھەرلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ليۇ خۇەن مۇنداق دېدى: پۇقرالارنىڭ ئالقىشى بىزنىڭ خىزمىتىمىزگە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بېغىشلىدى. پۈتۈن شەھەر بويىچە 2 - تۈركۈمدىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش خىزمىتى باشلاندى، كېلەر يىلى 6 - ئايدا ھەممىسى تاماملىنىدۇ.

پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ياخشىلاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. «بىز ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي نۇقتىدىن كۈچەپ، قىيىن نۇقتىدىن مەسىلىنى ھەل قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ قولايلىق، تېخىمۇ ئازادە، تېخىمۇ گۈزەل قىلىمىز» دېدى ساۋ جىنخۇا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ