تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قەشقەر ۋىلايىتى: ئەخلەتلەرنى «كۈندىلىكنى كۈندىلىك تازىلاش» بويىچە بىرتەرەپ قىلدى

11-ئاينىڭ 16-كۈنى، كوناشەھەر ناھىيەلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى شەھەر باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتىنىڭ توشۇش ئىشچىلىرى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش مەشغۇلاتى قىلماقتا.

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى چۇنشيا خەۋىرى): 11-ئاينىڭ 16-كۈنى، كوناشەھەر ناھىيەلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى شەھەر باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا، بىر نەچچە ئەخلەت توشۇش ئاپتوموبىلى قاتار تىزىلغان، توشۇش ئىشچىلىرى مۇداپىئە كىيىمى كىيىپ، ماسكا، قوغداش ئەينىكى تاقاپ يولغا چىقىشقا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى مەخمۇتجان ئابدۇكېرىم ھەربىر ئىشچىنىڭ مۇداپىئە كىيىمىنى ياخشى كەيكەن-كەيمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈشكە ئەستايىدىل ياردەم بەردى، «مۇداپىئەنى چوقۇم ياخشى قىلىڭلار» دەپ تاپىلىدى ئۇ.

ئەخلەت بىر تەرەپ قىلىش يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىدىكى مۇھىم ھالقا. كوناشەھەر ناھىيەسىدە يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، قەشقەر ۋىلايىتى ئەخلەتلەرنى توشۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، تۈرلۈك دېزىنفېكسىيەلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەخلەتلەرنى «كۈندىلىكنى كۈندىلىك تازىلاش» ۋە زىيانسىزلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىشنى قوللاندى.

«بۇ قېتىم يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، بىز جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش دەسلەپكى لايىھەسىنى دەرھال قوزغىتىپ، 36 نەپەر ئىشچى كېچە-كۈندۈز ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلدى، بىرەيلەنمۇ زارلاپ باقمىدى» كوناشەھەر ناھىيەلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، شەھەر باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتىنىڭ چوڭ ئەترەت باشلىقى ۋۇ جوۋمىڭنىڭ دېيىشىچە، بۇ چوڭ ئەترەت ھەر كۈنى ئالتە ئەخلەت توشۇش ئاپتوموبىلىنى ئەۋەتىپ، ناھىيە بازىرىدىكى ھەرقايسى ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى ۋە ئايرىش نۇقتىلىرىدىكى ئەخلەتلەرنى توشۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ، ھەر كۈنى 80 توننىغا يېقىن تۇرمۇش ئەخلىتىنى توشۇغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەر كۈنى شەھەر رايونىدىكى كوچىلارنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرگەن.

ۋۇ جوۋمىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، كوناشەھەر ناھىيەسى تۈرلۈك ئەخلەت ساندۇقلىرىنى دېزىنفېكسىيەلەش تەدبىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەخلەتلەرنى توشۇشنىڭ ئالدى-كەينىدە ئايرىم-ئايرىم بىر قېتىمدىن دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەخلەت كۆمۈش مەيدانى، ئەخلەت توشۇش ئاپتوموبىلى، ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلەر، ئەتراپنىڭ مۇھىتى قاتارلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈپ، 2-قېتىملىق بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغان. ئايرىش نۇقتىلىرىدىكى ئەخلەتلەرنى بەلگىلەنگەن ۋاقىت، بەلگىلەنگەن ئادەم، بەلگىلەنگەن ئاپتوموبىل، بەلگىلەنگەن لىنىيە شەكلىنى قوللىنىپ، ۋاقتىدا توشۇپ، بەلگىلەنگەن رايوندا بىرتەرەپ قىلغان.

سائەت 14تە، قەشقەر شەھىرى قۇم دەرۋازا كوچىسى ئازادلىق جەنۇبىي يولى مەھەللىسى فېڭسەي ئولتۇراق رايونىدا، بىر ئەخلەت توشۇش ئاپتوموبىلى ۋاقتىدە ئولتۇراق رايونغا كىرىپ ئەخلەتلەرنى توشۇدى. شوپۇر مۇتەللىپ مۇختارنىڭ دېيىشىچە، بۇ ئۇنىڭ شۇ كۈنى 2-قېتىم ئەخلەت توشۇشى بولۇپ، ئۇ ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تۆت ئاپتوموبىل ئەخلەت توشۇيدىكەن.

«يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، بىزنىڭ 86 نەپەر خىزمەتچى خادىمىمىز ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەر كۈنى 600 توننا ئەتراپىدا تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى توشۇدى» دېدى قەشقەر شەھەرلىك شەھەر قىياپىتى مۇھىت تازىلىقىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى گاۋ ئەنزۇنىڭ ئېيتىشىچە، شەھەر قىياپىتىنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن، قەشقەر شەھىرىدە ھەر كۈنى سۇ چېچىش ئاپتوموبىلى، يول سۈپۈرۈش ئاپتوموبىلى، توشۇش ئاپتوموبىلىدىن 60 نەچچىسى نورمال خىزمەت قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە توشۇش ئاپتوموبىلىدىن 26سى باركەن. بۇ ئىدارە تۈرلۈك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەتچى خادىملارنى مەركەزلىك باشقۇرۇپ، ياتاق-تامىقىنى بىرتۇتاش قىلىپ، مۇداپىئە كىيىمى، ماسكا قاتارلىق مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرىنى تەقسىملەپ بېرىپ، ئاپتوموبىللارنى تەلەپ بويىچە دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، توشۇش جەريانىدىكى بىخەتەرلىك ۋە خىزمەتچى خادىملارنىڭ تەن ساغلاملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان.

«بىز توشۇش ئاپتوموبىللىرىنى مۇۋاپىق تەڭشەش-تەقسىملەش ئارقىلىق، يىغىۋېلىش-توشۇش لىنىيەسىنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى بەلگىلەنگەن ۋاقىت، بەلگىلەنگەن نۇقتىدا يېپىق ھالەتتە توشۇدۇق. توشۇش ئاپتوموبىللىرى 24 سائەت بۇيرۇق كۈتۈپ تۇردى ھەمدە ئەمەلىي ئېھتىياج بويىچە ئەخلەت توشۇش قېتىم سانىنى زورايتىپ، ئەخلەتلەرنى <كۈندىلىكنى كۈندىلىك تازىلاش>قا كاپالەتلىك قىلىپ، ۋاقتىدا دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈردۇق» دېدى گاۋ ئەنزۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى