تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چېگرا بويىدىكى كەنتتە كۈنلەر لەززەتكە تولدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ رۇيلىن، ئىختىيارىي مۇخبىر شۈ ليەنفېڭ

ئاقچى ناھىيەسىنىڭ قارا بۇلاق يېزىسى ئاقئۆڭكۈر كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى تۇردىگۈل سۇلايمان كەنتتىكى ئىگىلىك تىكلەش بازىسىدا بىر كىيىم - كېچەك دۇكىنى ئاچقانىدى، ھازىر ھەر ئايلىق كىرىمى نەچچە مىڭ يۈەن بولۇپ، تۇرمۇشى ئالدىراش ھەم مەنىلىك ئۆتۈۋاتىدۇ.

«كەنتتە بىكار يۈرۈيدىغانلار قالمىدى. پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى ئىگىلىك تىكلەپ كىرىمنى ئاشۇرۇش سۇپىلىرىنى كۆپەيتتى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئىككى قولىغا تايىنىپ تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشنى ئويلايدىغان بولدى» دېدى 11 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تۇردىگۈل سۇلايمان كۈلۈپ تۇرۇپ.

ئاقئۆڭكۈر كەنتى چېگرا بويىدىكى كەنت، ئىلگىرى قاتناش قولايسىز، ئۇچۇر راۋان ئەمەس ئىدى، بۇ يەردە تۇرىدىغان كەنت ئاھالىلىرى دۇنيادىن بىخەۋەر دېگۈدەك ھالەتتىكى كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشىنى كەچۈرەتتى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ يەرنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى كۈنسېرى مۇكەممەللىشىپ، كەنت قىياپىتى ۋە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ روھىي قىياپىتى پۈتۈنلەي يېڭى تۈسكە كىردى.

يېڭى تۇرمۇشنى باشلاش

كەنت ئاھالىسى ئاجى ئاقىش ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەندىن كېيىن، تۇرمۇشى رەڭدارلاشتى. خىش - بېتون قۇرۇلمىلىق يېڭى ئۆي پاكىز ھەم يورۇق بولۇپ، ئۆي جاھازلىرى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى تەل بولغان بۇ ئۆي تولىمۇ ئىللىق كۆرۈنەتتى، ئۆينىڭ ئالدى - كەينىگە تېرىلغان گۈل - گىياھلار كىچىك ھويلىنى ئىنتايىن چىرايلىق تۈسكە كىرگۈزگەنىدى.

بۇ يىللاردا، كەنتتە خەلقنى بېيىتىپ ئەمىن تاپقۇزۇش ئولتۇراق رايونىدىن بەشىنىڭ ئارقا - ئارقىدىن پۈتۈشىگە ئەگىشىپ، كۆچمەن چارۋىچىلىق قىلىدىغان چېگرا ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسىنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. «تۇرۇبا سۈيى ئىچىدىغان بولدۇق، توك ئىشلىتىشتىن غەم قىلمايمىز، قىشتا يەنە پار بار.» ئاجى ئاقىش ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش سەپەرگە چىقىشتا بولدى، ئىلگىرى كەنتتە تۈزۈكرەك يولمۇ يوق ئىدى، يېزىدىكى بازارغا بىر قېتىم بېرىپ كېلىشكە يەتتە - سەككىز سائەت ۋاقىت كېتەتتى، ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى ئۈستبېشىمىزنى چاڭ - توپا باسسا، يامغۇر ياغقان كۈنلىرى لايغا مىلىنىپ كېتەتتۇق».

2018 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، پۈتۈن كەنتتىن ئۆتىدىغان ئاساسلىق غول يول Z660 لىنىيەسى پۈتۈپ قاتناش باشلاندى، 69 كىلومېتىر كېلىدىغان كەنت دەرىجىلىك ئاسفالت يول، 21 كىلومېتىر كېلىدىغان كەنت - گۇرۇپپا يولى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىش يولىنى راۋانلاشتۇردى. يوللارنى يورۇتۇش قۇرۇلۇشى كەنت - گۇرۇپپا يولى بىلەن ماس قەدەمدە يولغا قويۇلغان بولۇپ، قۇياش ئېنېرگىيەلىك يول چىرىغىدىن 100ى ئورنىتىلىپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشى قولايلاشتۇرۇلدى.

كونا قىياپىتى يېڭى تۈسكە كىرگەن ئاقئۆڭكۈر كەنتىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇدى. كەنت دەرىجىلىك سودا كوچىسى ۋە 400 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان كىچىك بازار كەنت دەرىجىلىك سودا - سېتىق، مۇلازىمەت كەسپىنى گۈللەندۈرۈپلا قالماي، يەنە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەميېنىنى تومپايتتى. چېنىقىش مەيدانى، ۋاسكېتبول مەيدانى، كۇتۇپخانا، بىليارتخانا، تىكتاك توپ ئۆيى، ئامما چوڭ سەھنىسى قاتارلىقلار دېھقان - چارۋىچىلارنى ئۆگىنىدىغان، چېنىقىدىغان، كۆڭۈل ئاچىدىغان ياخشى جايغا ئىگە قىلدى.

يېڭى ئۈمىد يېتىلدۈرۈش

ئاقئۆڭكۈر كەنتى تاغلىق رايوندىكى ئېگىز، سوغۇق يەرگە جايلاشقان بولۇپ، ئەنئەنىۋى كۆچمەن چارۋىچىلىق كەنتى. ئۇزاقتىن بۇيان، شۇ جايدىكى چارۋىچىلار تەبىئىي ئوتلاققا ھەددىدىن زىيادە تايىنىۋېلىپ، چارۋىنى چەكتىن ئاشۇرۇپ باققاچقا، ئوتلاق بىلەن چارۋا ئارىسىدىكى زىددىيەت گەۋدىلىك ئىدى.

«قىشلاقتىكى ئوت - چۆپ مىقدارى يىلدىن - يىلغا ئازىيىپ كەتكەچكە، چارۋىلارنىڭ قىشتىن ئۆتىدىغان يەم - خەشىكى كەمچىل بولۇپ، ھەر يىلى قىشتا قۇرۇق ئوت - چۆپ سېتىۋېلىشقا 6000 يۈەن كېتەتتى» دېدى كەنت ئاھالىسى مەمەتتۇردى خۇۋاك ئەسلەپ.

2018 - يىلىنىڭ بېشىدا، ئاقچى ناھىيەلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىنىڭ ئاقئۆڭكۈر كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئورمان، ئوتلاق مۇتەخەسسىسلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ ھەم كەنتتىكى پارتىيەلىك كادىرلارنى يېتەكلەپ باشلامچىلىق بىلەن ھەرىكەتكە كېلىپ، كەنتتىكى بىكار تۇرۇۋاتقان 18 مو بوش يەرنى چوڭقۇر ئاغدۇرۇپ، تۈزلەپ، ئوغۇتلاپ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە غىشە ۋە ئارپىنى سىناق قىلىپ تېرىدى، ھوسۇلى كىشىلەرنى خۇشال قىلدى.

نەتىجىنى كۆرگەن دېھقان - چارۋىچىلار بەس - بەستە سۈنئىي ئوت - چۆپ تېرىش تۈرىگە قاتناشتى، دالىلاردا، كەنت ئاھالە كومىتېتى ئەتراپىدىكى بوش يەردە، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئالدى - كەينىدە، ھەممىلا يەردە بولۇق ئۆسكەن غىشەنى كۆرگىلى بولىدىغان بولدى. 2020 - يىلى، پۈتۈن كەنت بويىچە سۈنئىي ئوت - چۆپ تېرىلغان كۆلەم جەمئىي 1600 مودىن ئاشتى، بۇ، پۈتۈن كەنتتىكى 8000دىن ئارتۇق قوي - كالا قاتارلىق چارۋىلارنى قوتاندا بېقىشقا يېتىدۇ.

ئاقچى ناھىيەلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىنىڭ ئاقئۆڭكۈر كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى لى گۇاڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، كەنت تېرىلغۇدىن ئورمانغا، ئوتلاققا قايتۇرۇش، ئېكولوگىيە تۆلەم تولۇقلىمىسى ۋە ئېكولوگىيەنى قوغداش قۇرۇلۇشى مەبلىغىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئەمگەك ئىقتىدارى بار نامرات نوپۇسنى ئورمان مۇھاپىزەتچىسى، ئوتلاق باشقۇرغۇچى ۋە پەرۋىش قىلغۇچى قاتارلىق ئورۇنلارغا تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىپ، 100 ئادەمنى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

يېڭى «پۇل تېپىش» يولى ئېچىش

كەنت ئاھالىسى كامال ئەخمەت ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە كىچىك ھويلىسىنى سۈپۈرۈپ تازىلاپ يىغىشتۇرىدۇ، بۇ پۈتۈن ئائىلىدىكىلەرنىڭ ئادىتىگە ئايلاندى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاقئۆڭكۈر كەنتى «گۈزەل ھويلا - ئاران» «ئەڭ گۈزەل ئائىلە» بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يېزا مۇھىتىنى تۇتاش تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىپ، گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇشنى تېزلەتتى.

كەنت قىياپىتىنى ياخشىلاش، يېزا - كەنتلەرنىڭ مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئېگىزلىك ئېكولوگىيەسىدىن ھۇزۇرلىنىش ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدەندى. بۇلتۇر 6 - ئاينىڭ بېشىدا، كەنتتىكى تۇنجى قىرغىز چارۋىچىلار ئارامگاھى ئېچىلىپ مېھمان كۈتۈۋالدى، چارۋىچىلار ئارامگاھىنىڭ مەسئۇلى جۇمامىدىن جۇمالى ياخشى ئاشپەزلىك ھۈنىرىگە تايىنىپ نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى، تىجارەت باشلىغاندىن بۇيان كىرىمى خېلى ياخشى بولدى.

«كەنتنىڭ مۇھىتى ياخشىلاندى، ئەتراپتىن ساياھەتكە كېلىدىغان كىشىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى، چارۋىچىلار ئارامگاھى ئېلىپ كەلگەن كىرىم قوي - كالا باققاندىن كۆپ بولدى» دېدى جۇمامىدىننىڭ ئايالى تۇردىگۈل جۇماقادىر.

ئاقئۆڭكۈر كەنتى تەۋەسىدە قارلىق تاغ، جىلغا، ئېگىز تاغ چىملىقى قاتارلىق ئېگىزلىك مەنزىرىلىرى بولۇپلا قالماي، يەنە تۆت پەسىل ئۈزۈلمەي ئېقىپ تۇرىدىغان جىلۇسۇ ئارىشىڭى بار. بۇ ئەۋزەل بايلىقلارغا تايىنىپ، كەنتتىكىلەر تارىم دەرياسى مەنبەسى مەنزىرە ساياھىتى، كۆچمەن چارۋىچىلىق مەدەنىيىتىدىن ھۇزۇرلىنىش ساياھىتى قاتارلىق ساياھەت لىنىيەلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، «ئېگىزلىك مەنزىرىسى+ مىللىيچە مەززىلىك تائاملار + قىرغىزلار مەدەنىيىتى + قونۇش، ئىستىراھەت» يېزا - كەنت ساياھىتىنى راۋاجلاندۇردى. بۇ يىل كەنتكە ساياھەتكە كەلگەن ئادەم سانى 2200 ئادەم قېتىمدىن ئاشقان بولۇپ، دېھقان - چارۋىچىلار ساياھەتكە تايىنىپ 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى.

«بىز يېزا - كەنتلەرنىڭ ساياھەت مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش بىلەن بىللە، يېزا - كەنت ساياھىتىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇپ، زورايتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى سىجىل مۇقىم ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىمىز» دېدى لى گۇاڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ