دېھقان ئالىم ساۋۇت يېرىم يىلدا پار قازان ئىشچىلىرىنى باھالاشتىن ئۆتتى
«نامرات راھەتپەرەسلىك»تىن تىرىشىپ ئىشلەشكىچە
شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى يۈ مېڭرەن، ئىختىيارىي مۇخبىر ئەمەرجان ھەسەن
11 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، باي ناھىيەسى تيەنيۈەن ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى ئالىم ساۋۇت ئەتىگەندىلا ئىدارىگە كېلىپ، خىزمەت فورمىسىنى ئالماشتۇرۇپ، بېشىغا قالپاق كىيىپ، بىر كۈنلۈك خىزمىتىنى باشلىدى.
ئىلگىرى كەنتتىكى «ھۇرۇن»دىن كارخانىنىڭ خىزمەتچىسىگىچە، بۈگۈنكى كۈندە ئالىمنىڭ ئىشلەش غەيرىتى ئېشىپ، ئىشەنچى تولۇپ تاشتى.
ئىش ئورنىغا كەلگەن ھامان، ئۇ ئالدى بىلەن پار قازان ئۆيىگە كېلىپ خىزمەتدىشىدىن خىزمەتلەرنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كىيىن، خىزمەتلەرنى ئۆتكۈزۈۋېلىش - ئۆتكۈزۈپ بېرىش ھېسابات دەپتىرىنى ئەستايىدىل تولدۇردى، ئاندىن پار قازاننىڭ بوشاپ كەتكەن ۋىنتىلىرىنىڭ بار - يوقلۇقىنى تەپسىلىي تەكشۈردى، پار قازاندىكى قايتقان سۇ تېمپېراتۇرىسىنىڭ نورمال - نورمال ئەمەسلىكىنى تەكشۈردى...
«مىجىت، يەنە 40 مىنۇتتىن كېيىن بىز كۆمۈر سېلىشنى باشلايمىز، سەن ئالدى بىلەن ئازراق سۇ تولۇقلىغىن، تېمپېراتۇرىغا دىققەت قىلغىن...» دېدى ئالىم شاگىرتىغا تاپىلاپ، ئۇ ھازىر تېخنىكىسى پىشقان پار قازان ئىشچىسىغا ئايلاندى، يەنە تېخى شاگىرت تەربىيەلەۋاتىدۇ.
43 ياشلىق ئالىم باي ناھىيەسى باي بازىرى شەھەرلىك مەھەللە كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بولۇپ، ئائىلىسىدە بەش جان ئادەم ۋە بەش مو يەر بار ئىدى، تۇرمۇشى ناھايىتى غورىگىل ئۆتەتتى.
«ئۈچ قىزىمنىڭ ھەممىسى مەكتەپتە ئوقۇيدۇ، ئالدىنقى نەچچە يىلدا مەن ئەقىلسىزلىقىمدىن كۈنبويى ئۆيدە يېتىۋېلىپ، سىرتقا ئىشلىگىلى چىقماي، <نامرات راھەتپەرەسلىك>نى ئويلايتتىم. ئۇ چاغدا بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى خوتۇنۇم ئۇ يەر - بۇ يەردە ئىشلەپ تاپقان پۇلغا تايىنىپ تۇرمۇشىمىزنى قامدايتتۇق.» بۇ گەپلەرنى قىلغاندا ئالىم بەكمۇ خىجىل بولدى.
ئالدىنقى يىللاردا، ئالىمنىڭ چوڭ قىزى رېماتىزم كېسىلى بولۇپ قالدى، ئۇنىڭ پۇلى بولمىغاچقا، تەرەپ - تەرەپكە قاتراپ پۇل ئارىيەت ئېلىپ، بالىسىنىڭ كېسىلىنى كۆرسەتتى. بۇ ئىش ئالىمغا قاتتىق تەسىر قىلدى، ئۇ قەتئىي نىيەتكە كېلىپ تىرىشىپ ئىشلەپ بالىلىرىنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرمەكچى بولدى. لېكىن ئالىمنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى تۆۋەن ھەم تېخنىكىسى بولمىغاچقا ئىش تېپىپ ئىشلىشى تەسكە توختىدى.
2019 - يىلى 4 - ئايدا، ئەينى چاغدىكى باي ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ شەھەرلىك مەھەللە كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى ۋۇ يامېينىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن، ئالىم ناھىيەدىكى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە شىركىتىگە كېلىپ ئىشلىدى.
خىزمەت بىلەن تېزدىن تونۇشۇش ئۈچۈن، ئالىم ئادەتتە كۆڭۈل قويۇپ كۆزىتىپ، بىلمىگەنلىرىنى توختىماي سوراپ تىرىشىپ ئۆگەندى.
«ئالىم يېڭى كەلگەن ۋاقتىدا ھېچنېمە بىلمەيتتى، بىز بىر پېشقەدەم ئۇستامنى ئۇنى يېتەكلەشكە ئورۇنلاشتۇردۇق، يېرىم يىل تىرىشىش ئارقىلىق، ئالىم تۈرلۈك باھالاشتا لاياقەتلىك بولۇپ، پار قازان ئىشچىسىغا ئايلىنىپ، مۇستەقىل ئىشلىيەلەيدىغان بولدى» دېدى باي ناھىيەسى تيەنيۈەن ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى دوڭ جۈن.
يېرىم يىلدا باھالاشتىن ئۆتۈشتىن ئىبارەت بۇ نەتىجە ئالىمغا نىسبەتەن ھەقىقەتەن ئاسانغا توختىمىدى. دېھقاندىن ئىشچىغا ئايلانغۇچە، ئالىم جاپالىق ئەجىر سىڭدۈردى.
«ئاشۇ بىرنەچچە ئايدا، مەن تۈرلۈك مەسىلىلەرگە تاقابىل تۇرۇشنى ئۆگىنىۋېلىش ئۈچۈن دائىم ئىدارىدە قوندۇم، ئۇستاملار ماڭا نۇرغۇن تەجرىبىلىرىنى ئۆگىتىپ قويدى، بۇنىڭ تېز ئىلگىرىلىشىمگە ناھايىتى چوڭ ياردىمى بولدى» دېدى ئالىم.
ھازىر، ئالىم باي ناھىيەسى تيەنيۈەن ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە شىركىتى بىلەن ئەمگەك توختامى ئىمزالىدى، ئۇ كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئىشەنچكە تولدى.
«مەن 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل ئامانەت قويدۇم. كەنت ئاھالە كومىتېتى يەنە خوتۇنۇمنى ئۇن تاماقلىرى ئېتىشنى ئۆگىنىشكە ئەۋەتتى، ئۇنى بىر كەسمە چۆپ دۇكىنىدا ئىشلەشكە تونۇشتۇرۇپ قويدى، ھازىر ئۇنىڭمۇ ئايدا مۇقىم كىرىمى بار بولدى» دېدى ئالىم.
ھازىر ئالىم ئەر - خوتۇننىڭ ئارزۇسى كۆپرەك پۇل تېپىپ، تۇرمۇشىنى تېخىمۇ گۈلدەك ئۆتكۈزۈش.