تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ئېزىق چىشنى چۈشىنەمسىز؟

  بالىلار چىش كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە: «ئېزىق چىش» چىش چۈشۈش مەزگىلىدە چۈشۈپ قايتىدىن چىقمايدىكەن، پۈتۈن ھاياتىدا بىرلا قېتىم ئۆسۈپ، بالىغا بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ چىشنى قۇرت يىيىش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن. مەيلى قايسى چىشنى قۇرت يېسۇن ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلمىغاندا، ئەتراپىدىكى ساغلام چىشلارنى يۇقۇملاندۇرۇپ چىرىتىپ، ئېغىر بولغاندا يېڭى چىشلارغا تەسىر قىلىدىكەن، ھەتتا يېڭى چىش ئۆسۈپ چىقمايدىكەن. شۇڭا بالىنىڭ ئېزىق چىشى چىققاندا، ۋاقتىدا ئويمان ئېرىقچىلارنى ھىملەپ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، قۇرت يىيىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەككەن. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، قۇرت يېگەن چىشنىڭ ئويمان ئېرىقچىلىرىنى ھىملىگىلى بولمايدىكەن، چىشتىكى ئويمان ئېرىقچىلارنى ھىملەش ئالدىنى ئېلىش رولىنىلا ئوينايدىكەن. 

  ئويمان ئېرىقچىلارنى ھىملەش دېگىنىمىز بىر خىل ئاغرىتمايدىغان، زەخمىلەندۈرمەيدىغان ئۇسۇل بولۇپ، بۇ تېخنىكا خەلقئارادا 50 نەچچە يىللىق ئىشلىتىش تارىخىغا ئىگە. ئويمان ئېرىقچىلارنى ھىملەش يۇقىرى مولېكۇلالىق چىش چىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ماتېرىيالنى چىش كاۋاكچىلىرىغا سۈركەپ، قاتقاندىن كېيىن بىر قەۋەت يۇتۇشقا بولىدىغان قوغداش پەردىسى ھاسىل قىلىپ، يېمەكلىك ۋە باكتېرىيە داغلىرىنىڭ يىغىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئېغىز بوشلۇقى مۇھىتىدىكى چىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللارنى توسۇپ، چىشنىڭ چىرىپ كېتىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىشنى كۆرسىتىدۇ.

   نۇرغۇن ئاتا-ئانىلاردا ئېزىق چىشنىڭ ئورنىغا ھامان بىر كۈن سۈت چىش چىقىدۇ، دەيدىغان خاتا قاراش بار، گەرچە قۇرت يېگەن چىشنى بايقىسىمۇ ۋاقتىدا بالىنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتمەيدۇ ۋە داۋالاتمايدۇ، چىش دوختۇرى بالىنىڭ چىشىنى تارتىۋېتىشكە مەجبۇر بولغاندا، ئاندىن پۇشايمان قىلىدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ چىش ئەھۋالىغا دىققەت قىلىشى، ئېزىق چىش چىققاندا، ۋاقتىدا چىشتىكى ئويمان ئېرىقچىلارنى ھىملىشى ياكى فتور سۈركەپ چىش چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ