تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

شىنجاڭ «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى»نىڭ ۋارىسلىرى بېيىش يېڭى ناخشىسىنى يازدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 11-ئاينىڭ 16-كۈنى تېلېگراممىسى: تېمىسى: شىنجاڭ «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى» ۋارىسلىرى بېيىش يېڭى ناخشىسىنى يېزىپ چىقتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى: يۈ تاۋ، دۇڭ بوتىڭ

شىنجاڭنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيەسى ئىچئېرىق بازىرى جاي كەنتى يىراق-يېقىنغا داڭلىق ئاز سانلىق مىللەت چالغۇ ئەسۋابلىرى ياساش كەنتى. پۈتۈن كەنتتىكى 290 نەچچە ئائىلىلىك ئىچىدە، يېرىمغا يېقىن كىشىنىڭ ئاساسلىق كەسپى چالغۇ ئەسۋاب ياساش بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يەنە نۇرغۇن چالغۇ ئەسۋاب ياساش ھۈنەرلىرى «غەيرىي ماددىي مەەنىيەت مىراسى»نىڭ ۋارىسلىرى ئىدى.

دۆلەت دەرىجىلىك «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى» ۋارىسى ھېيت ئىمىن (ئوڭدا) ئۆيىدە شاگىرتلىرى بىلەن بىللە چالغۇ ئەسۋاب ياسىماقتا (11-ئاينىڭ 12-كۈنى تارتىلغان).

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ مەن فوتوسى

توقسۇ ناھىيەلىك مەدەنىيەت سارىيىنىڭ ساراي باشلىقى سى لىلى تونۇشتۇرۇپ شۇنداق دېدى: ھازىر كەنتتە دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلغۇچىدىن 1 كىشى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلغۇچىدىن بەش كىشى بار.

ھېيت ئىمىن دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋارىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن داڭلىق «چالغۇ شاھى» ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، ھويلىدا چالغۇ ئەسۋاب ياسايدىغان ياغاچ ماتېرىياللار دۆۋىلەنگەن بولۇپ، دەسلەپكى پىششىقلانغان تاختايلار تۈرلەر بويىچە رەتلىك تىزىپ قويۇلغانىدى.

ھېيت ئىمىن ئۆيىدىكى چالغۇلار كۆرگەزمىخانىسىدا مىللىي چالغۇ چالماقتا (11-ئاينىڭ 12-كۈنى تارتىلغان).

ھېيت ئىمىننىڭ خىزمەت ئۆيى بىر چالغۇ مۇزىيىغا ئوخشايدۇ. بۇ يەردە ھەرخىل رەڭلىك، ھەر خىل تىپلىق دۇتار، غېجەك، راۋاب قاتارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى چالغۇ ئەسۋابلىرى بار. ھيېت ئىمىن 15 يېشىدىن باشلاپ بوۋىسى ۋە دادىسىغا ئەگىشىپ ساز چېلىشنى ئۆگەنگەن، يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك چېنىقىش ئارقىلىق، بۈگۈنكى كۈندە ئۇ بارلىق ئۇيغۇر چالغۇلىرىنى ياساش ماھارىتىنى پىششىق ئىگىلىدى.

كەنتتە، ھېيت ئىمىن بىلەن بىر نەچچە «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى»غا ۋارىسلىق قىلغۇچىلار ھۈنەر تارقاتقۇچى بولۇپلا قالماي، يەنە بېيىش باشلامچىسى. ھېيت ئىمىن ياسىغان چالغۇلارنىڭ بوغۇمى توغرا، ئاۋازى يېقىملىق، شەكلى چىرايلىق بولغاچقا، بازارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى، يېقىن ئەتراپتىكى نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى ئۇنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ، ئۇستاز تۇتۇپ ھۈنەر ئۆگەندى. ئۇ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، ئۇ 200دىن ئارتۇق شاگىرت تەربىيەلەپ چىققان بولۇپ، نامرات ئائىلىلىدىن كەلگەن بۇ يېزا ياشلىرى نەچچە يىل ئۆگىنىش ئارقىلىق، ئاساسىي جەھەتتىن چالغۇ ئەسۋابلارنى ياساش، رېمونت قىلىش، مۇزىكا چېلىش قاتارلىقلارغا ئاساسلىنىپ كىرىمىنى ئاشۇردى.

كەنت ئاھالىسى جاي كەنتى چالغۇ ئەسۋابلارنى ياساش دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا مىللىي چالغۇ ياسىماقتا (11-ئاينىڭ 12-كۈنى تارتىلغان).

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ