تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

نەنجىڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 4-شىسىدىكى كارخانىلارنىڭ مەھسۇلات قوشۇمچە قىممىتىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى

  10-ئاينىڭ 25-كۈنى، جېنجياڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش، ئاقىللارنى كىرگۈزۈش تۈرى — شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 4-شىسىنىڭ چۇاڭجىن يېزا ئىگىلىكى بىلەن نەنجىڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى دۆلەت گۆش مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى كونترول قىلىش قۇرۇلۇش تېخنىكىسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات ھەمكارلىق بازىسىنىڭ كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى، بۇ چۇاڭجىن يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ «ئەقىل»دىن پايدىلىنىپ يۇقىرىغا ئۆرلەش تەرەققىيات ئەندىزىسىنى يولغا قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  چۇاڭجىن يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى قارىمىقىدىكى چۇاڭجىن چارۋىچىلىق شىركىتى بولسا 4-شى كۆكدالا شەھىرى نۇقتىلىق بەرپا قىلغان چارۋىچىلىق كەسپىدىكى باشلامچى كارخانا بولۇپ، ئۈچ يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىقى، يەم-خەشەك پىششىقلاش، ئەلا نەسىللىك كالىلارنى كۆپەيتىش، گۆش كالىسى باقمىچىلىقى، چارۋا مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، سېتىش، ئورگانىك ئوغۇت پىششىقلاشقا ئالاقىدار كەسىپ زەنجىرى شەكىللەندى. بۇ شىركەت مەھسۇلاتنى ئىنچىكە پىششىقلاش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، بۇ يىل دۆلەتنىڭ «چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى» تۈر مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ، 22 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يىلىغا 900 توننا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدىغان يېمەكلىك پىششىقلاش زاۋۇتى قۇردى.

  مەھسۇلات سۈپىتى ۋە قوشۇمچە قىممىتىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش ئۈچۈن، جېنجياڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت گۇرۇپپىسى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، بۇ كارخانىنىڭ ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش، ئاقىللارنى كىرگۈزۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا پائال ياردەم بەردى. 9-ئايدا، جېنجياڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت گۇرۇپپىسى كىچىك ئەترەتنى جياڭسۇغا ئەۋەتىپ، دۆلەت دەرىجىلىك گۆش مەھسۇلاتلىرى تەتقىقات مەركىزى بولغان نەنجىڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات ھەمكارلىق بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدەندى. 10-ئايدا، نەنجىڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى دۆلەت گۆش مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى كونترول قىلىش قۇرۇلۇش تېخنىكىسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ پىروفېسسورى جاڭ ۋەنگاڭ ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى. نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، جاڭ ۋەنگاڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بۇ شىركەتنىڭ چارۋىچىلىق كەسپى ئومۇمىي كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك باھا بەردى ھەم بۇ شىركەت بىلەن تېخنىكا ھەمكارلىقى كېلىشىمى ئىمزالىدى، كالا گۆشى يېمەكلىكلىرى، تۇزلانغان مەھسۇلاتلار، توڭلىتىپ تەڭشەلگەن مەھسۇلاتلار، گۆش مەھسۇلاتلىرىنى سوغۇق، يېڭى پېتى ساقلاش، ئېرىتىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە كالا قوشۇمچە مەھسۇلاتلارنى ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش، ئېچىش جەھەتتە چوڭقۇر ھەمكارلاشتى ھەم بۇ شىركەتنىڭ يېمەكلىك پىششىقلاش كارخانىلىرىغا تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ بەردى.

  بۇ قېتىمقى چۇاڭجىن يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى جېنجياڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت گۇرۇپپىسى ئارقىلىق ئىچكىرىدىكى داڭلىق مەكتەپلەر بىلەن بىرلىكتە مەھسۇلاتلىرىنىڭ قوشۇمچە قىممىتىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، يەرلىك داڭلىق ماركا يارىتىپ، 4-شى كۆكدالا شەھىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

(يۈەن جياڭ)

شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ