تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز لى لىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر گۇڭ رۈييۆ): بۇ يىل يەنجى ئويمانلىقىدا لازىدىن يەنە مول ھوسۇل ئېلىندى. يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى باغراش ناھىيەلىك تارماق بانكىسى چېنگۇاڭ بىيو پەن-تېخنىكا گۇرۇھى يەنجى چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ يەنجى چېنگۇاڭ دېيىلىدۇ) ۋە شىنجاڭ چېنشى لازىچىلىق كەسپى چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ چېنشى لازىچىلىق كەسپى دېيىلىدۇ) گە 248 مىليون يۈەن ئىناۋەت مەبلىغى بېرىپ، كارخانىلارنىڭ لازا سېتىۋېلىش، پىششىقلىشىغا مەدەت بېرىپ، كىچىك لازىنى چوڭ كەسىپكە ئايلاندۇرۇشقا كۈچ قوشتى. ھازىر، تۇنجى تۈركۈمدىكى 100 مىليون يۈەن نامراتلارنى يۆلەش كۆچمە مەبلىغى تارقىتىلىپ نەقلەشتى.
دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇ يىل، يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى باغراش ناھىيەلىك تارماق بانكىسى مۇددەتتىن بۇرۇن يەنجى چېنگۇاڭ، چېنشى لازىچىلىق كەسپى بىلەن ئالاقىلىشىپ، كارخانىنىڭ لازا سېتىۋېلىش جەھەتتىكى مەبلەغ ئېھتىياجىنى ئىگىلىدى ھەمدە سالاھىيەت ئىجازىتى، ئىناۋەت دەرىجىسىنى باھالاش، قەرز پۇل تەستىقلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تاماملىدى. سېتىۋېلىش مەبلىغى دېھقانلارنىڭ قولىغا تەگكەندە، ئۇلارنىڭ چېھرىدە خۇشاللىق كۈلكىسى جىلۋىلەندى. يەرلىكنىڭ لازا كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش بىلەن بىللە، بۇ نامراتلارنى يۆلەش قەرز پۇلىمۇ كارخانىلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان 40 ئائىلىگە ياردەم بېرىشكە يېتەكلىدى، مۆلچەرلىنىشىچە، 160 مىڭ يۈەن كىرىمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشقا يەنە پۇل مۇئامىلە كۈچى قوشۇلىدىكەن.
«بۇ بىر قانچە يىلدا، كۆپچىلىك لازا ئۆستۈرۈشنىڭ تەمىنى تېتىدى، بىز يەنجى چېنگۇاڭ ۋە چېنشى لازا كەسپى بىلەن زاكاز توختامى ئىمزالاپ، سېتىش مەسىلىسىدىن ئەنسىرىمىدۇق. بۇ يىل، ھەمكارلىق كوپىراتىپى 1500 توننا لازا سېتىۋېلىپ، دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى» دېدى يەنجى ناھىيەلىك شىنيۇڭخۇڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى مەسئۇل يولداش.