تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ياش «نەشپۈتچى دېھقان»نىڭ ئۆزگىچە تاللىشى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 11-ئاينىڭ 5-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر گاۋ خەن، خۇ خۇخۇ): كۈز پەسلىدە، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ «بىڭتاڭشىن» ئالمىسى مول ھوسۇل پەسلىنى كۈتۈۋالدى، ھازىر ئېلېكتىرونلۇق سودا تېز پويىزى ئارقىلىق ھەرقايسى جايلاردىكى ئىستېمالچىلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلمەكتە. نەشپۈت، تاتلىق ئۆرۈك، ئالما قاتارلىق خاس مېۋىلەرنىڭ بازىرىنىڭ ئىتتىك بولۇشى ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، ھەسەنجان ئەخمەت قاتارلىق بىر تۈركۈم ياشلارنىمۇ ئىگىلىك تىكلەشكە جەلپ قىلدى.

  بۇ يىل 4-ئايدا، 33 ياشلىق ھەسەنجان بىلەن ئۈچ دوستى ئاقسۇ شەھىرىدە رۇگو يوۋجياڭ بىيو پەن -تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى قۇردى. يېرىم يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، شىركەتنىڭ توردىكى سودا سوممىسى 17 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتتى. شىركەت تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ، ئىگىلىك تىكلىگۈچى ھەسەنجاننى مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى، شۇنداقلا ئۇنى ئۆزىنىڭ ئەينى چاغدىكى تاللىشىدىن خۇشال قىلدى.

  2012-يىلى، ھەسەنجان داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن يۇرتىغا قايتىپ، دادىسى بىلەن بىللە ئۆيىدىكى 50 مو نەشپۈتلۈكنى باشقۇردى.

  بۇ يىل 3-ئايدا، ھەسەنجاننىڭ قولىدا تېخى سېتىلمىغان نۇرغۇن نەشپۈت بار ئىدى، «نەشپۈتنىڭ سېتىلىش زىيىنى پەقەت بۇنىڭ بىر قىسمىلا، ئىجارىگە ئالغان توڭلىتىش ئىسكىلاتىنى ساقلاش خىراجىتىمۇ ئاز ئەمەس».

  ھەسەنجاننىڭ ھازىرقى ئىگىلىك تىكلەش ھەمكارلاشقۇچىسى لى چېڭجۈن ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ نەشپۈت سېتىۋالدى.

  بىر تەرەپتىن يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان باغۋەنلەرنىڭ نەشپۈتى بازار تاپالمىدى، يەنە بىر تەرەپتىن ۋىيشىن سودىگەرلەرگە تايىنىپ نەشپۈتلەر سېتىلىپ تۈگىدى. قائىدە بويىچە ئېيتقاندا، سودىنى ياخشى قىلىش كېرەك ئىدى، لېكىن ھەسەنجان ئېلېكتىرونلۇق سودىنى رەت قىلدى.

  «ئىلگىرى ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن ئۇچرىشىپ باقمىغان، توردا ئانچە كۆپ مال سېتىلمايدىغانلىقىنى ھېس قىلاتتىم ھەمدە ھەممىسى ئادەم ئالدايدۇ، دەپ قارايتىم» دېدى ھەسەنجان چۈشەندۈرۈپ.

  توردا سېتىش ناھايىتى قىزىپ كەتتى، لى چېڭجۈن ساتقان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېھتىياجنى قاندۇرالماي، بىر ھەپتىگە قالمايلا 40 توننا نەشپۈت سېتىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەسەنجاننى ھەيران قالدۇردى: «40 توننا، بۇ ئاساسەن ئائىلىمىزنىڭ بىر نەچچە ئايلىق سېتىش مىقدارى ھېسابلىنىدۇ».

  «قانداق قىلىش كېرەك، 4-ئاينىڭ ئاخىرى كېلەي دەپ قالدى، مەن سىناپ بېقىش مەقسىتىدە لى چېڭجۈننى ئىزدەپ ھەمكارلاشتىم». ھەسەنجان مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىم سىناپ باقسام ھېچقىسى يوق، پەقەت مېنىڭ نەشپۈتىملا ئەمەس، ھەتتا مېنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان، دوستلىرىمنىڭ نەشپۈتىمۇ سېتىلىپ تۈگىدى، ئەسلىدە زىيان تارتىشقا تەييارلىق قىلىپ قويغان ئىدۇق، ئويلىمىغان يەردىن يەنە كۆپ پۇل تاپتىم».

  ئەينى ۋاقىتتىن باشلاپ، ھەسەنجاندا ئىگىلىك تىكلەپ ئېلېكتىرونلۇق سودا قىلىش ئويى پەيدا بولدى، لى چېڭجۈن دەل بىر ئېلېكتىرونلۇق سودا سېتىش شىركىتى قۇرماقچى بولغاندا، ئۇ بۇ شىركەتكە قوشۇلدى.

  ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى يوق بىر قانچە ياش زادى ئىگىلىك تىكلىيەلەمدۇ يوق؟

  ئېلېكتىرونلۇق سودىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھام بەرگەن ئاقسۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت مۇنداق جاۋاب بەردى: ئۈچ يىللىق ئۆي ئىجارىسى، سۇ، توك پۇلى، مۈلۈك باشقۇرۇش ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىپ، كومپيۇتېر ۋە ئىشخانا ئۈستەل-ئورۇندۇقلىرى سەپلەپ بېرىلىدۇ، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر سومكا كۆتۈرۈپ ئىش بېجىرسىلا بولىدۇ...

  «شىركەت يېڭى قۇرۇلغاندا، ھەر كۈنى مىڭ يەشىك مەھسۇلات ساتالايمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم». ھەسەنجان مۇنداق دېدى: نەتىجىدە شىركەتنىڭ تەرەققىياتى ھەممە كىشىنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىقتى، مېۋە-چېۋە سودىسىنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە، بىر ئايدا پەقەت تېز يوللانما ھەققىغىلا 600 نەچچە مىڭ يۈەن ئارتۇق خەجلەندى.

  ھازىر باغۋەنلەر مەنبەدىن تۈرگە ئايرىپ ساتقاندىن كېيىن، باھامۇ ئۆرلىدى، بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ مېۋە-چىۋىلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە ئىناۋىتىگە كاپالەتلىك قىلىندى ھەم باغۋەنلەرنىڭ مەھسۇلاتنى دەرىجىگە ئايرىش ئاكتىپلىقىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، ئىككى تەرەپ بۇنىڭدىن نەپ ئېلىپ، بىر خىل ياخشى سۈپەتلىك ئايلىنىشنى شەكىللەندۈردى.

  ھازىر ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق، شۇ كۈنىلا مال زاكاز قىلىپ تارقىتىلىدۇ، بۇ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، يەنە مەھسۇلاتنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇردى. كارخانا تۇرۇشلۇق پىندودو ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقا سۇپا سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، سۇپىدىكى سېتىلىش مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ساقلاش مۇددىتى بىر قەدەر قىسقا بولغان يېڭى مېۋىلەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە كىچىك قىزىل ئۆرۈك بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا كۈنىگە 6500 تالون، 420 مىڭ يۈەن سېتىش رېكورتىنى ياراتقان.

  «ئىگىلىك تىكلىگەندىن بۇيان ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كەتتىم، لېكىن بۇ ئالدىراشچىلىقنىڭ ئەھمىيىتى بار». ئىگىلىك تىكلىگەندىن بۇيانقى ئۆزگىرىشلەر تىلغا ئېلىنغاندا، ھەسەنجان مۇنداق دېدى: مەن ھاياتلىقتا ئاتا-بوۋىمىزنىڭ ئىزىنى بويلاپ مېڭىپ، ئەنئەنىۋى نەشپۈتچى دېھقان بولىمەن، دەپ ئويلىغانىدىم، ئىگىلىك تىكلىگەندىن كېيىن، ئۆزۈمنىڭ كىشىلىك ھاياتىمدا بىر يول ئالماشتۇردۇم، يەنە يېڭى مۇمكىنچىلىككە ئىگە بولدۇم.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ