7-ئاينىڭ 19-كۈنى، باھارگۈل تۇرغۇن ھويلىسىنى رەتلىمەكتە.
ئالبوم ئىگىسى: چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى جاغىستاي بازىرى جاغىستاي كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى باھارگۈل تۇرغۇن
ئىش ئورنۇم بار، ئىشقا ئۆزۈمنىڭ ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ بېرىپ كېلىمەن، بۇنداق تۇرمۇش مەندەك دېھقان ئايالغا نىسبەتەن ئىلگىرى بىر چۈش ئىدى. ئەمما ھازىر دۆلەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەشكە ئىلھام بېرىشتىكى ياخشى سىياسىتىگە تايىنىپ، مەن بىر يېمەكلىك زاۋۇتىنىڭ زاۋۇت باشلىقى بولۇپ، ھاللىق تۇرمۇش ئۆتكۈزۈۋاتىمەن.
2014-يىلى 5-ئايدا، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن كەنتتە ئۆتكۈزۈلگەن كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتنىشىپ، تورت ياساش تېخنىكىسىنى ئۆگەندىم.
ئۈچ ئايدىن كېيىن، مەن كەنتتىكى بىر يېمەكلىك زاۋۇتىدا خىزمەت تاپتىم. ئەينى چاغدا ئىشقا بېرىش جاپالىق ئىدى، ئەمما مەن جاپانىڭ تېگى راھەت دېگەن داۋلىغا ئىشىنەتتىم، ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىپ، ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ يېتىلدىم.
بىزگە ئىلھام بېرىش ئۈچۈن، شىركەت شۇ ئايدا ئىشقا تولۇق كەلگەن خادىملارغا 100 يۈەندىن مۇكاپات بەردى، مەن يېرىم يىلدا جەمئىي 500 يۈەن مۇكاپات ئالدىم. خىزمەت قىلىپ يېرىم يىلدىن كېيىن، مەن 1100 يۈەن مۇكاپات ئالدىم، يەنە ئاچا-سىڭىللار مېنى كىچىك گۇرۇپپا باشلىقلىقىغا تەۋسىيە قىلدى، ئايلىق مائاشىممۇ دەسلەپ ئىشقا كەلگەن چاغدىكى 800 يۈەندىن 3000 نەچچە يۈەنگە ئۆستى. مەن ئۆز خىزمىتىمنى تېخىمۇ سۆيۈشكە باشلىدىم.
باھارگۈل تۇرغۇن(ئوتتۇرىدا)نىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن چۈشكەن خاتىرە سۈرىتى(1996-يىلى 12-ئايدا تارتىلغان).
2015-يىلى، ئائىلىمىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. 2016-يىلى شىركەت مېنى زاۋۇت باشلىقلىقىغا ئۆستۈردى، يەنە يىراق-يېقىنغا نامى چىققان «ئىستىقباللىق كىشى»گە ئايلىنىپ، ئەتراپتىكى يېزا-كەنتلەر مېنى كەچلىك كۇرسلاردا دەرس سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىدىغان بولدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كىرىمىمنىڭ كۈنسايىن ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، بىز يېڭىدىن ئۆي سالدۇق، ئۆيدە زامانىۋى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ ھەممىسى تولۇق. بۇلتۇر، يەنە كىچىك ئاپتوموبىل سېتىۋالدۇق، ئېرىممۇ كەنتكە قايتىپ باقمىچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇردى. پارتىيەنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى بىلەن ئائىلىمىز كەڭرى ھاللىق سەۋىيە يولىغا قەدەم باستۇق.
(باھارگۈل تۇرغۇننىڭ ئاغزاكى بايانى، مۇخبىر جاۋ چۇنخۇا رەتلىگەن، سۈرەتلەرنى باھارگۈل تۇرغۇن تەمىنلىگەن)