11-ئاينىڭ 4-كۈنى، گۇئەن ناھىيەلىك 7-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش خادىمىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئوت ئۆچۈرگۈچنى ئىشلىتىپ ئوت ئۆچۈرۈشنى ئۆگەندى.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 11-ئاينىڭ 4-كۈنى، خېبېي ئۆلكىسى گۇئەن ناھىيەلىك ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش چوڭ ئەترىتى «119 ئوت ئۆچۈرۈش بىخەتەرلىك تەربىيەسىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش» باش تېمىلىق تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ئوت ئۆچۈرۈش مانىۋېرى، ئوت ئۆچۈرۈش جابدۇقلىرىنى كۆرسىتىش، ئوت ئۆچۈرۈش بىخەتەرلىك بىلىملىرىنى سۆزلەش، ئوت ئۆچۈرۈش سايمانلىرىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى قاتارلىقلار ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش بىخەتەرلىك ئېڭى ۋە قېچىپ قۇتۇلۇش، ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى.(مېن سۇڭشو فوتوسى)
11-ئاينىڭ 4-كۈنى، گۇئەن ناھىيەلىك 7-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش خادىمىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئوت ئۆچۈرگۈچنى ئىشلىتىپ ئوت ئۆچۈرۈشنى ئۆگەندى.