تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر فېڭ لېي، ئىختىيارىي مۇخبىر لى خەيشيا): «مەلىكەم، بۈگۈن سودىڭىز ياخشىدۇ؟» «ياخشى، ماۋ شۇجى، بۈگۈن بىر ئەتىگەنلا ئۈچ كەنتكە بېرىپ، 300 يۈەن كىرىم قىلدىم.» بۇ 10-ئاينىڭ 26-كۈنى، كىچىك يۈك ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ ھەرقايسى كەنتلەرگە بېرىپ كۆكتات ساتقان مەلىكەم نىيازنىڭ 1-شۇجى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ماۋ جۈن بىلەن قىلىشقان گېپى.
مەلىكەم نىياز ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاقسۇ شەھىرى ئايكۆل بازىرىنىڭ جىگدە باغ كەنتىدىكى دېھقان بولۇپ، بىر نەچچە بالىسى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، ئۇنىڭ باشقا ماھارىتى ۋە تېرىقچىلىق تېخنىكىسى بولمىغاچقا، 2016-يىلى كەنت تەرىپىدىن ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە قىلىپ بېكىتىلگەنىدى.
«ئائىلىمىزدىكى قىيىنچىلىقنى كۆرۈپ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-سەنئەت مەركىزىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ماڭا ياردەم بەردى.» مەلىكەم نىيازنىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ كۆڭلىدە بىر ھېسابات بار ئىدى، قارا مور ئۆستۈرۈش تۈرىدىن تارتىپ ھويلىدىكى كىچىك ئەگمە پارنىكقىچە، يەنە قوتاندىكى ئىككى كالىغىچە ھەممىنى خىزمەت ئەترىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ بەرگەنىدى.
2018-يىلى، خىزمەت ئەترىتى تۈر مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ كەنتتە 118 كۆكتات پارنىكى قۇردى، مەلىكەم نىياز ئەستايىدىل، ئىشچان بولغاچقا، ئۈچ پارنىكتىكى كۆكتاتنى باشقۇرۇپ، شۇ يىلىنىڭ ئاخىرىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.
«نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش كېرەك، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىدە ئازراقمۇ بوشاڭلىق قىلىشقا بولمايدۇ.» ماۋ جۈن مۇنداق دېدى: كەنت ئاھالىلىرىگە پارنىكتا كۆكتات ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى تېزدىن ئىگىلىتىش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىسى ۋاڭ جىڭبونى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ پەن-تېخنىكا مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا تەكلىپ قىلدى، ئۇ كۆپچىلىككە پارنىكتا كۆكتات تېرىشنى قولمۇقول ئۆگەتتى.
«ۋاڭ مۇدىر ياخشى ئۇستام، بىرەر مەسىلىگە دۇچ كەلسەك ھەر ۋاقىت ئۇنى ئىزدىسەك بولىدۇ. خىزمەت ئەترىتى بىزگە تېخىمۇ يېقىن، ماڭا ئۈچ پارنىكنى باشقۇرۇشقا بەرگەندىن سىرت، يەنە كۆكتاتنى قانداق سېتىشىمغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئائىلەمنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى.» مەلىكەم نىياز مۇنداق دېدى: «ئائىلىمىزنىڭ بۈگۈنكىدەك ياخشى كۈنگە ئېرىشىشىنى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ئەڭ مۇھىمى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن تېخىمۇ ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.»