تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز كاڭ خاۋيەن، جاڭ ۋەندې، يىن تۇڭيۈەن، ۋاڭ جوۋ، سۇبات ئەسقەر فوتوسى، خەۋىرى): 11-ئاينىڭ 3-كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى 8-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، كوناشەھەر ناھىيەسى، ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئەڭ يېڭى ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ مۇدىر ۋىراچى، تەتقىقاتچىسى نى مىڭجيەن مۇخبىرلارنىڭ كۈز ۋە قىش پەسلىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى قانداق ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بەردى. نى مىڭجيەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كۈز، قىش پەسلى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ كەڭ تارقىلىش خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى بولغان پەسىل، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەلىپى بويىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ كۈز، قىش پەسلىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ئورۇنلاشتۇرۇش تەدبىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى ياخشى قوغداش كېرەك. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى تەييارلىقىنى تولۇق ياخشى ئىشلەش جەريانىدا، قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسى، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش، تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش، تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش، دوختۇرخانىدا يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، مۇھىتنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەدبىرلەرنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسى، مەھەللە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ قاراۋۇلخانىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەركەزلىك ئايرىپ تېببىي كۆزىتىش نۇقتىلىرىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپى، نۇقتىلىق سورۇن، نۇقتىلىق ھالقىلاردىكى ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. چېگرا ئېغىزىدا كارانتىن قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، چېگرادىن كىرگەنلەرنى باشقۇرۇشنىڭ يوچۇقسىز ئۇدۇللىشىشى ۋە يېپىق ھالقىلىق يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، «دۆلەت دەرۋازىسى»دىن «ئائىلە ئىشىكى»گىچە بولغان پۈتۈن زەنجىرلىك باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ۋاقتىدا بايقاش، تېز بىر تەرەپ قىلىش، دەل جايىدا باشقۇرۇش-تىزگىنلەش، ئۈنۈملۈك قۇتقۇزۇش-داۋالاشتىن ئىبارەت ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئادەتتىكى مەزگىل بىلەن جەڭ مەزگىلىنى بىرلەشتۈرۈپ، كەسپىي ئالدىنى ئېلىش بىلەن ئامما ئالدىنى ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، «بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاش» تەلىپىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.