تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى: دېھقانلار ئاممىسى ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان تىلدا ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىش كېرەك

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرلار كاڭ خاۋيەن، جاڭ ۋەندې، يىن تۇڭيۈەن، ۋاڭ جوۋ، سۇبات ئەسقەر خەۋىرى، فوتوسى): 11-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى 8-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، كوناشەھەر ناھىيەسى، ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئەڭ يېڭى ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ مۇدىر ۋراچى، تەتقىقاتچى نى مىڭجيەن مۇخبىرنىڭ كۈز ۋە قىش پەسلىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى قانداق قىلغاندا ياخشى ئىشلىگىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  نى مىڭجيەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېزىلاردا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا، كەنت، گۇرۇپپا ئۈچ دەرىجە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش كۈچلىرىنى تەشكىللەپ، سەپەرۋەر قىلىپ، كەنتنى تورلاشتۇرۇپ، گۇرۇپپىنى كاتەكچىلەشتۈرۈپ يولغا قويۇپ، كاتەكچىلەشتۈرۈش بىرلىكىنى ئىنچىكە، زىچ پىلانلاش، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئاھالىلەر نۇقتىلىرىغا چۈشۈرۈپ، ئاھالىلەرنى ھۆددىگە ئالغان كادىر گۇرۇپپىلارغىچە بېرىش، مەسئۇلىيەت ئائىلىلەرگىچە بېرىش، ئىز قوغلاش ئادەمگىچە بېرىش، تەدبىرلەر دەل جايىدا بولۇش كېرەك. يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە پائال قاتنىشىشقا تەشكىللەش كېرەك. شۇ جايدىكى سەھىيە-ساغلاملىق تارماقلىرى كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنى ئۆيمۇئۆي كىرىپ ئاممىنىڭ يوقلاشماسلىقىغا، توپلاشماسلىقىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، يۇرتقا قايتقانلار، كۆچمە نوپۇسلارنى بىرىنچى ۋاقىتتا ئىز قوغلاپ ئىلغاپ تەكشۈرۈپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ تىزىملاپ، ساغلاملىق ئەھۋالىنى كۆزىتىشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. كاتەكچىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، ئۆيدە تېببىي كۆزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، قىزىپ قالغانلار ۋە گۇمانىي ئاغرىق مىساللىرىنى ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرسىتىپ، بىنورمال ئەھۋال بايقالسا بىرىنچى ۋاقىتتا دوكلات قىلىپ بىرتەرەپ قىلش كېرەك.

  چوڭ كاناي، كۆچمە كىچىك كاناي قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئۇسۇللار ئارقىلىق، دېھقانلار ئاممىسى ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان تىلدا ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىپ، كەنتمۇكەنت، ئۆيمۇئۆي ئارىلاپ يۈرۈش، بازارغا بېرىش، كوچا ئايلىنىش قاتارلىق توپلىشىش خاراكتېرلىك پائالىيەتلەرنى ئازايتىش ياكى ئۇنىڭدىن ساقلىنىش كېرەك. ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، دېھقانلار ئاممىسىنىڭ ماسكا تاقاش، قولنى پات-پات يۇيۇش، دائىم ھاۋا ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ئاساسىي ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك.

     نى مىڭجيەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئاممىنىڭ ئاڭلىق ھالدا ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشىنى، ماسكا تاقاش، قولنى پات-پات يۇيۇش، دائىم ھاۋا ئالماشتۇرۇشتەك ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈپ، مەدەنىي، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈشىنى، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە كەسپىي تارماقلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش، مۇھىتنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش قاتارلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيەشتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئۆزىنى قوغداش ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يېمەك-ئىچمەك تازىلىقىغا دىققەت قىلىپ، ساغلاملىقنى كۆزىتىپ ئۆلچەشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك، ئەگەر قىزىش، قۇرۇق يۆتىلىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، داۋالاشتا ئىشلىتىدىغان ماسكا تاقاپ، ۋاقتىدا يېقىن ئەتراپتىكى قىزىتما ئامبۇلاتۇرىيەسىگە بېرىپ كېسەل كۆرسىتىش، كېسەل كۆرسەتكەندە دوختۇرغا تۇرۇشلۇق جايىنىڭ ئەھۋالى ۋە يېقىندىن ئۇچرىشىش تارىخى، بولۇپمۇ خەۋپ-خەتەر دەرىجىسى يۇقىرى، ئوتتۇراھال رايونلاردا ساياھەت قىلىش تارىخى ۋە ئاغرىقلار بىلەن ئۇچرىشىش تارىخى قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ بار-يوقلۇقىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېيتىپ، ۋاقتىدا رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشكە قولايلىق يارىتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ