تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

نەق مەيدان تەرتىپى تەرتىپلىك بولدى ئاھالىلەر پائال ماسلاشتى

قەشقەر ۋىلايىتى 3- قېتىملىق بارلىق خادىملارنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى ھەقسىز تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى

نەق مەيدان تەرتىپى تەرتىپلىك بولدى ئاھالىلەر پائال ماسلاشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى چۇنشيا

ماسكا تاقاڭلار، بىر مېتىر ئارىلىق ساقلاڭلار... 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ بۇلاقسۇ يېزىسى قىزكەنت كەنتىدە، كەنت ئاھالىلىرى تەلەپ بويىچە تەرتىپلىك ئۆچرەتتە تۇردى، بۇلاقسۇ يېزىلىق مەركىزىي دوختۇرخانىدىن كەلگەن نوكلېئىك كىسلاتاسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىش گۇرۇپپىسى كەنت ئاھالىلىرىدىن نوكلېئىك كىسلاتاسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىشنى قانات يايدۇرۇۋاتاتتى.

نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش سالمىقى ۋە قېتىم سانىنى ئاشۇرۇش «تۆت بالدۇر» تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يۇقۇملانغۇچىلارنى دەل جايىدا بايقاشنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتىسى. كوناشەھەر ناھىيەسىدە يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، قەشقەر ۋىلايىتى 3 - قېتىملىق بارلىق خادىملارنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى ھەقسىز تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ ھەم نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق كىشىلەر توپى، يۇقۇملىنىش خەۋپى يۇقىرى ئاسان يۇقۇملىنىدىغان كىشىلەر توپىغا قارىتا تەكشۈرۈش قېتىم سانىنى كۆپەيتتى، نۆۋەتتە بۇ خىزمەت جىددىي، تەرتىپلىك ئىشلەنمەكتە.

«بىزنىڭ ئەۋرىشكە ئېلىش گۇرۇپپىمىزدا جەمئىي ئالتە ئادەم بار، ئەۋرىشكە ئېلىش جەريانىدا بىز مۇداپىئە تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بارلىق خادىملار 3 - دەرىجىلىك مۇداپىئە كۆردۇق، ھەربىر ئادەمدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ بولغاندىن كېيىن قولىمىزنى دېزىنفېكسىيە قىلىپ، ئەۋرىشكە ئېلىش جەريانىنىڭ بىخەتەر، ئەۋرىشكە ئېلىشنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق.» قىزكەنت كەنتىدىكى نوكلېئىك كىسلاتاسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىش نەق مەيدانىدا، ئەۋرىشكە ئېلىش خادىمى خەلچىگۈل كەنجى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: گەرچە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ناھايىتى جاپالىق بولسىمۇ، لېكىن بالدۇرراق ئەۋرىشكە ئېلىپ بولساق تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ بالدۇرراق چىقىدىغانلىقىنى، دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈپ ئىلغاپ تەكشۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىشى، كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئويلىساقلا، ھەممىمىزنىڭ غەيرىتى تولۇپ تاشىدۇ.

بىخەتەر، ئۈنۈملۈك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، نوكلېئىك كىسلاتاسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىش جەريانىدا، نۇرغۇن مەھەللىلەر مۇددەتتىن بۇرۇن تەييارلىقنى ياخشى ئىشلەپ، ئاھالىلەرگە بىنادىن چۈشۈشنى ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ئاھالىلەرگە ياخشى مۇلازىمەت قىلدى.

11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى سائەت 17دە، قەشقەر شەھىرىنىڭ قۇمدەرۋازا كوچا باشقارمىسى جەنۇبىي ئازادلىق يولى مەھەللىسى فېڭسەي ئولتۇراق رايونىدا، ئاھالىلەر تەرتىپلىك ئۆچرەتتە تۇرۇپ نوكلېئىك كىسلاتاسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىشنى كۈتۈۋاتاتتى. ھامىلىدار شۈ شياۋمېي ئالتە ياشلىق بالىسىنى يېتىلەپ ئەۋرىشكە ئېلىش نۇقتىسىغا كېلىشى بىلەنلا، پىدائىيلار ئۇنى سەپنىڭ ئەڭ ئالدىغا باشلاپ بېرىپ ئۇچۇرىنى تىزىملىغاندىن كېيىن ئەۋرىشكە ئېلىشنى تاماملىدى.

«ئاھالىلەرنى نوكلېئىك كىسلاتاسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىشقا تەشكىللىگەندە، بىز ئوخشاش بولمىغان ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى تولۇق ئويلىشىپ، ياشانغانلار، ھامىلىدارلار، بالىلار قاتارلىقلارنى ئالدىن ئەۋرىشكە ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆچرەتتە تۇرغۇزۇپ ساقلاتمىدۇق؛ ھەرىكىتى قولايسىز بەزى مېيىپ كىشىلەر قاتارلىقلارغا قارىتا ئىشىك ئالدىغا بېرىپ ئەۋرىشكە ئېلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدۇق» دېدى قۇمدەرۋازا كوچا باشقارمىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، جەنۇبىي ئازادلىق يولى مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى نيې تىڭ.

ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىنچىكە مۇلازىمەت ئاھالىلەرنىڭ چۈشىنىشى ۋە پائال ماسلىشىشىغا ئېرىشىپ، نوكلېئىك كىسلاتاسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىشنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى. 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى سائەت 23تە، يورۇق ئاي نۇرىدا، قەشقەر شەھىرىنىڭ دۇڭخۇ كوچا باشقارمىسى ئەسىر يولى مەھەللىسى دۇڭچېڭ گۈللۈكى ئولتۇراق رايونىدىكى ئاھالىلەر نوكلېئىك كىسلاتاسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىشقا قاتنىشىۋاتاتتى، نەق مەيدان تەرتىپلىك بولۇپ، ئاھالىلەر ئاڭلىق ھالدا ئۆچرەتتە تۇرۇپ ئارىلىق ساقلاۋاتاتتى.

«بىزنىڭ مەھەللىدە 16 ئولتۇراق رايون، 6800 ئاھالە بار، چۈشتىن باشلاپ ئەۋرىشكە ئالساق، ئەتىسى سەھەر سائەت 1دە بارلىق ئاھالىلەردىن ئەۋرىشكە ئېلىپ بولالىشىمىز مۇمكىن.» ئەسىر يولى مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئابدۇنەبىجان ئابدۇقادىر مۇنداق دېدى: نوكلېئىك كىسلاتاسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، بۇ مەھەللە خادىملارنىڭ ئۇچۇرىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تەييارلاپ بولدى، مەھەللە كادىرلىرى، ھەرقايسى بىنالاردىكى پىدائىيلار ئاھالىلەرگە بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا بىنادىن چۈشۈشنى ئۇقتۇرۇپ، بىنالار بويىچە ئەۋرىشكە ئېلىپ، ئۆچرەتتە تۇرۇش ۋاقتىنى تېجەپ، توپلىشىپ يۇقۇملىنىش خەۋپ - خەتىرىدىن ساقلاندى.

«ئون نەچچە مىنۇت ئۆچرەتتە تۇرغاندىن كېيىن ماڭا نۆۋەت كەلدى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى تەرتىپكە رىئايە قىلىپ، ناھايىتى تېزلا تۈگەتتى.» ئەمدىلا نوكلېئىك كىسلاتاسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىشنى ئىشلەپ بولغان دۇڭچېڭ گۈللۈكى ئولتۇراق رايونى ئاھالىسى گۈلجامال مىجىت مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: گەرچە نوكلېئىك كىسلاتاسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىش ۋاقتى سەل كېيىنرەك بولسىمۇ، لېكىن مەھەللە كادىرلىرى، پىدائىيلار، نوكلېئىك كىسلاتاسىدىن ئەۋرىشكە ئالغۇچى خادىملارنىڭ ھەممىسىنىڭ جاپالىق خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كۆپچىلىك ھەممىمىز ناھايىتى تەسىرلەندۇق. «نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشمۇ بىزنىڭ ساغلاملىقىمىزغا مەسئۇل بولغانلىق، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىش بىز ئاھالىلەرنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىز. كۆپچىلىك بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، بىر ياقىدىن باش چىقارساقلا، ئاندىن يۇقۇم ئۈستىدىن بالدۇرراق غەلىبە قىلالايمىز» دېدى گۈلجامال.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ