تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

جاڭ شىنباۋ ۋە مەمەت ھەمدۇل ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەننىڭ ھېكايىسى

مەمەت ھەمدۇل (سولدىن ئىككىنچى كىشى) ۋە جاڭ شىنباۋ (ئوڭدىن ئىككىنچى كىشى) ئۈزۈم ئۈزۈپ بولغاندىن كېيىن بىللە ئولتۇرۇپ پىكىر ئالماشتۇرماقتا.

  تىيانشان تورى خەۋىرى: دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭ تۇرپان شەھىرى پىچان ناھىيەسى پىچان بازىرى چوققا تام كەنتىدىكى ئۈزۈملۈكتە، يېقىملىق مۇزىكىلار ياڭراپ، ئاھالىلەر شادىيانە ئۇسسۇلغا چۈشتى، بىر چۈشتىن كېيىن ئەمگەك قىلغان كىشىلەر دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، ئېتىز باشلىرىنى شادلىق دېڭىزىغا ئايلاندۇردى.

  بىر ئۇيغۇر ئاكا ئارقىغا بۇرۇلۇپ توۋلاپ: «شياۋباۋ، ئۆيىڭىزدىكى ئۈزۈمنى تېخى ئۈزۈپ بولالماپسىز، سەل تۇرۇپ بىز بىللە ئۈزۈشۈپ بېرەيلى ھە» دېدى.

  خەنزۇ ئاكا كۈلۈپ تۇرۇپ ماقۇل بولغاندىن كېيىن، دەرھال ئۈزۈم بارىڭى ئاستىغا كىرىپ، ئۈزۈم ئۈزۈش سايمانلىرىنى يىغىشتۇردى.

  ئۇيغۇر ئاكىنىڭ ئىسمى مەمەت ھەمدۇل، خەنزۇ ئاكىنىڭ ئىسمى جاڭ شىنباۋ. ئۇلارنىڭ يېقىشلىق چاقىرىشلىرىدىن ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ئادەتتىكىچە ئەمەسلىكىنى ھېس قىلغىلى بولاتتى.

  جاڭ شىنباۋ بىلەن مەمەت ھەمدۇل 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى پىچان ناھىيەسىنىڭ پىچان بازىرى چوققا تام كەنتىدە تۇغۇلغان، ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ياخشى ئاكا-ئۇكىلاردىن بولۇپ، ئۇلار ئىككىسى كىچىكىدىن تارتىپ بىللە چوڭ بولغان. ئۇلار بالىلىق چاغلىرىدىن باشلاپ بىللە تامغا يامىشىپ، ئۆرۈك ئۈزۈپ، بېلىق تۇتۇشتىن ھازىرقىدەك «بىرگە بىر» ياردەم بېرىدىغان قوشماقلارغا ئايلاندى، ئىككى ئائىلىنىڭ 50 نەچچە يىللىق مېھىر-مۇھەببىتى توغرىسىدا ئېيتىپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان ھېكايىلەر بار ئىدى.

  مەمەت ھەمدۇل بىلەن خوتۇنىنىڭ سالامەتلىكى ئانچە ياخشى ئەمەس بولۇپ، تەكلەرنى ئېچىش، كۆمۈشتەك بۇنداق ئېغىر جىسمانىي ئەمگەكتە ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان يوق ئىدى. بۇ ئىشلارنى ئاساسىي جەھەتتىن جاڭ شىنباۋ ياردەملىشىپ قىلىشىپ بېرەتتى. ئۇ ئېتىز-ئېرىق  ئىشلىرىغا ياردەملىشىپلا قالماي، يەنە مەمەت ھەمدۇل ئائىلىسىدىكى چوڭ-كىچىك ئىشلارغىمۇ ياردەملىشەتتى.

  مەمەت ھەمدۇلنىڭ يېشى جاڭ شىنباۋدىن چوڭ بولسىمۇ، لېكىن ئۈزۈم ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى جەھەتتە جاڭ شىنباۋغا يەتمەيتتى، مەسىلىگە يولۇققاندا، ئۇ ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ياخشى ئىنىسى جاڭ شىنباۋنى ئويلايتتى. شۇ كۈنى ئەتىگەندە، ئۇ جاڭ شىنباۋنىڭ ئۆيىگە كېلىپ مۇنداق دېدى: «شياۋباۋ، بىزنىڭ ئۆيدىكى ئۈزۈملۈككە نۇرغۇنلىغان دانىسى يوغان ئۈزۈم ئۆسۈپ كېتىپتۇ، قانداق ئەھۋال ئىكەنلىكىگە قاراپ باقسىڭىز بولاتتى».

  مەمەت ھەمدۇلنىڭ سۆزى تۈگىشىگىلا جاڭ شىنباۋ دەرھال: «يۈرۈڭ، ھازىرلا بېرىپ كۆرۈپ باقايلى» دېدى. جاڭ شىنباۋ چوققا تام كەنتىدىكى «يەرلىك مۇتەخەسسىس» ئىدى، دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسالدى مەزگىلىدە، ئۇ دائىم كەنت تەشكىللىگەن تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتنىشىپ، ئۈزۈم ئۆستۈرۈش يېڭى تېخنىكىلىرىنى ئۆگەندى. ئادەتتە ئۇ مەمەت ئاكىغا ئۈزۈم ئۆستۈرۈشتىكى باراڭ ياساش، ئۈزۈم كۆچىتى تىكىش، چاتاش، ئۈزۈمنى ئوغۇت سۈيى بىلەن پەرۋىش قىلىش قاتارلىق بىلىملەرنى سۆزلەپ بېرەتتى. ئۇ يەنە ئېتىز باشلىرىغا بېرىپ، كەنتتىكى باشقا دېھقانلارغا تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىپ، يۇرتداشلارغا ياردەم بېرىپ، كۆپچىلىكنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

     مەمەت ھەمدۇل ئاكىنىڭ ئۈزۈملۈكىنىڭ ئەھۋالىنى ئەستايىدىل تەكشۈرگەندىن كېيىن جاڭ شىنباۋ مۇنداق دېدى: «بۇ دانىسى يوغان ئۈزۈمنى كېسىۋېتىش كېرەك، بولمىسا كەينىدە ئوزۇقلۇق يېتىشمەي ئۈزۈمنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يېتىدۇ». مەمەت ھەمدۇل توختىماي بېشىنى لىڭشىتىپ، دەرھال سايمانلارنى ئېلىپ چاتاشقا باشلىدى.

    مەمەت ھەمدۇلنىڭ ئائىلىسىدە قىيىنچىلىق بولۇپ، بەش مو ئۈزۈملۈككە تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامدايتتى، جاڭ شىنباۋ دائىم مەمەت ھەمدۇل ئەڭ قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرەتتى. ئۈزۈمنىڭ كۈزلۈك يىغىمىدا، جاڭ شىنباۋ تىراكتور ھەيدەپ، سىۋەت كۆتۈرۈپ كېلىپ مەمەت ئاكىنىڭ ئۈزۈم ئۈزۈشىگە ياردەملەشتى؛ يېڭى ئۈزۈملەرنى ساتقان چاغدا، جاڭ شىنباۋ مەمەت ئاكىغا ياردەملىشىپ ئۈزۈم سېتىۋالغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ بەردى.

  بىر يىلى ئەتىيازدا، دېھقانلار ئۈزۈملەرنىڭ تەكلىرىنى ئېچىش بىلەن ئالدىراش ئىدى، بىراق مەمەت ئاكىنىڭ ئۆيىدىن ئازراقمۇ شەپە چىقمىغانىدى، خاتىرجەم بولالمىغان جاڭ شىنباۋ ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلدى.

  «مەمەت ئاكا، ئۈزۈمنىڭ تەكلىرى پات ئارىدا ئېچىلىدۇ، تەييارلىقىڭىز قانداقراق؟» جاڭ شىنباۋ ئىشىكتىن كىرمەي تۇرۇپلا ئاۋازى ئاڭلاندى. جاڭ شىنباۋ مەمەت ئاكىنىڭ دۇدۇقلاپ نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالغانلىقىنى بىلىپ، يانچۇقىدىكى 2000 يۈەننى مەمەت ئاكىنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى.

  «بۇ پۇلنى ئېلىپ، ئۈزۈم تەكلىرىنى ئېچىشقا ئىشلىتىڭ، يەتمىسە بىر نەچچە كۈندىن كېيىن يەنە بېرىمەن»، «بولدى، شياۋباۋ، سىز ماڭا بەك كۆپ ياردەم قىلدىڭىز، ئىلگىرى خوتۇنۇم ئاغرىپ قالغاندا، ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپاردىڭىز، يەنە بىزگە پۇل بېرىپ تۇردىڭىز، ئۇ پۇلنى تېخى سىزگە قايتۇرۇپ بەرمىدىم»، « ھېچقىسى يوق، سىز ئىشلىتىپ تۇرۇڭ، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى، قۇرۇق ئۈزۈمنى ساتقاندىن كېيىن بىر گەپ بولار».

  يىلدىن يىلغا، جاڭ شىنباۋنىڭ ياردىمىدە، مەمەت ھەمدۇل ئائىلىسىنىڭ ئۈزۈم مەھسۇلات مىقدارى بارغانسېرى كۆپەيدى، قۇرۇق ئۈزۈمى بارغانسېرى بازار تاپتى، كۈنلىرىمۇ بارغانسېرى ياخشىلاندى، مەمەت ھەمدۇلنىڭ كۆڭلى يايراپ كەتتى. ھېيت-بايراملاردا جاڭ شىنباۋ بىلەن مەمەت ھەمدۇل ئىككى ئائىلىنىڭ بېرىش-كېلىشى تېخىمۇ كۆپەيدى. قۇربان ھېيت، روزى ھېيتتا، جاڭ شىنباۋ ئۆزىنىڭ گۈرۈچ، ئۇن، ياغلىرىنى مەمەت ئاكىغا سوۋغا قىلدى. چاغان، جۇڭچيۇ بايرىمىدا مەمەت ھەمدۇل ئۆيىدە سالغان ساڭزىنى جاڭ شىنباۋغا سوۋغا قىلىدى، ئىككى ئائىلە كىشىلىرى بىللە ئولتۇرۇپ بايرامنى بىللە ئۆتكۈزىدۇ.

  «شياۋباۋ مېنىڭ ئەڭ ياخشى قېرىندىشىم، ئۇ ئىلگىرى مېنىڭ ھاياتىمنى قۇتقۇزغان، ئۇنىڭ بىلەن تۇغقان بولۇش مېنىڭ تەلىيىم، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى»دېدى مەمەت ھەمدۇل.

  گەرچە قان-قېرىنداش بولمىسىمۇ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدىنمۇ يېقىن ياشاۋاتىمىز. بۈگۈنكى كۈندە، مەمەت ھەمدۇل ۋە جاڭ شىنباۋغا ئوخشاش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىرى چوققا تام كەنتىدە خۇددى  گۈلباغدىكى گۈللەردەك پورەكلەپ ئېچىلماقتا. چوققا تام كەنتىدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 323 جۈپ كەنت ئاھالىسى «بىرگە بىر» ياردەم بېرىدىغان قوشماققا ئايلاندى، ئۇلار ئوخشىمىغان مىللەتتىن، ھېچقانداق قانداشلىق مۇناسىۋىتى يوق بولسىمۇ، ئەمما ئىناق-ئىجىل بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ