تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

【مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش】 مەن ۋە تۇغقىنىم ئوتتۇرىسىدىكى ھېكايە

  تىيانشان تورى خەۋىرى: 2019-يىلى 5-ئايدا، مەن تۇرۇشلۇق ئورۇن ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائىتى شەھەرچىسى(تەرەققىيات رايونى) پارتىيە خىزمىتى كومىتېتى، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى قوبۇل قىلىپ، تەۋەلىكتىكى جۈلوڭ مەھەللىسىگە بېرىپ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە قاتناشتىم. جۈلوڭ مەھەللىسىگە كەلگەندىن كېيىن، مەن تەجرىبە ئورمانچىلىق مەيدانى تەۋەلىكىدىكى ئاھالە جاڭ شياۋلەن بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدۇم.

  جاڭ شياۋلەننىڭ ئۆيىگە تۇنجى قېتىم كەلگەندە، ئۆزۈمنى تونۇشتۇرۇشقا ئۈلگۈرمەيلا، قىزىق چاي، مېۋىلەر ئۈستەلگە كەلتۈرۈلدى. پاراڭلىشىش ئارقىلىق، جاڭ شياۋلەننىڭ گۆدەك ئوغلى ۋە مېيىپ دادىسى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقىنى، ئائىلە چىقىمىدا ئاساسلىقى ئۇنىڭ ۋاقىتلىق ئىشلەپ تاپقان كىرىمى ۋە تۆۋەن كاپالەت پۇلىغا تايىنىدىغانلىقىنى بىلدىم. ھەر ئايدا دادىسىنىڭ داۋالىنىش خىراجىتى، ئۆي ئىجارىسى قاتارلىقلارنى تۆلەيتتى، ئېغىر يۈك ئۇنى ھالسىرىتىپ قويغانىدى. شۇنىڭ بىلەن، مەن كۆڭلۈمدە چوقۇم ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە بەل باغلىدىم. شۇنىڭدىن كېيىن، خىزمىتىم قانچىلىك ئالدىراش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، نەچچە كۈندە بىر ۋاقىت چىقىرىپ جاڭ شياۋلەن بىر ئائىلە كىشىلىرىنى يوقلاپ تۇردۇم.

  2019-يىلى 6-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، جاڭ شياۋلەننىڭ دادىسىنىڭ مېڭىسىگە قان چۈشۈپ پالەچ بولۇپ قېلىپ، ۋىلايەتلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسىدا يېتىپ داۋالىنىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم. بالنىستتا ياتقان مەزگىلدە 140 مىڭ يۈەن چىقىم قىلغان، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن 55 مىڭ 649 يۈەن ئاتچوت قىلىپ بەرگەن، ئۇرۇق-تۇغقان، قوشنىلىرىدىن بىر قىسمىنى قەرز ئالغان، ئۇ ئەمدى پۇل چىقىرالماي قالغانىدى. مەن دەرھال ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ ئۇنىڭ دادىسىنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىۋاتقانلىقىغا ئالاقىدار ماتېرىياللارنى ئېلىپ ئاقسۇ شەھەرلىك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسىگە بېرىپ مەسلىھەت سوراپ، بۇ خىل كېسەلنىڭ ئاتچوت قىلىنىش نىسبىتىنى ئىگىلىدىم. مەسلىھەت سوراش ئارقىلىق، جاڭ شياۋلەننىڭ دادىسىغا ئوخشاش كېسەل ئېغىر كېسەلگە تەۋە ئىكەنلىكىنى، دوختۇرخانىدىن چىققاندا ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئاتچوت قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئېشىپ قالغان قىسمىنى سودا سۇغۇرتىسىدىكى ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى بىلەن ئاتچوت قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدىم، كېيىن مەن دوختۇرخانىغا قايتىپ، ئەھۋالنى ۋاقتىدا جاڭ شياۋلەنگە ئېيتتىم. بۇ ئىشتىن كېيىن، جاڭ شياۋلەن ماڭا رەھمىتىنى بىلدۈردى، مەن:«سىزگە ياردەم قىلىش مېنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىم، بىز تۇغقان، بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىككى ئائىلىنىڭ گېپىنى قىلىشمايمىز دېدىم».

  جاڭ شياۋلەننىڭ ئائىلىسى بۇ ۋەقەنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ دادىسىنى يوقلاش قېتىم سانىم تېخىمۇ كۆپەيدى، گۈرۈچ، ئۇن، ياغ ۋە دورا قاتارلىق تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى يەتكۈزۈپ بەردىم، ھەمدە پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئېنىق چۈشەندۈردۈم.

  جاڭ شياۋلەن ئائىلىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا مەھەللە مۇلازىمەت خىزمىتىگە قاتنىشىپ، ھەر ئايدا ياردەم پۇلى ئېلىش تەكلىپىنى بەردىم. مەن يەنە يېقىن ئەتراپتىكى باغ، زاۋۇتلارنىڭ پەسىللىك ئىشچىلارغا ئېھتىياجلىق ياكى ئەمەسلىكىنى سۈرۈشتۈرۈپ، ئۇنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشلەمچىلىك قىلىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ يېقىن ئەتراپتا دادىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەردىم. ئايالىم دائىم جاڭ شياۋلەن بىلەن پاراڭلىشىپ، پىسخىكىلىق يېتەكلەش خىزمىتىنى ئىشلەپ، ئۇنىڭغا تۇرمۇشنى چىن قەلبىدىن قىزغىن سۆيۈشنى، مەڭگۈ ئۈمىدۋار بولۇشنى بىلدۈردى.

  ۋاقىت ئەزەلدىن توختاپ قالمىدى، ھېكايە تېخى ئاخىرلاشمىدى. جاڭ شياۋلەن بىلەن تۇغقان بولغان بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە، مەن ئۇنىڭدىن تۇرمۇشقا بولغان قىزغىن مۇھەببەت ۋە قىيىنچىلىقنى يېڭىش ئىرادىسىنى كۆردۈم، شۇنداقلا قەتئىي تەۋرەنمەس، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىش روھىنى ئۆگىنىپ، تۇرمۇشتا قانداق قىيىنچىلىققا يولۇقۇشتىن قەتئىينەزەر ئاسانلىقچە ۋاز كەچمەسلىكنى چۈشەندىم.

  پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلىگەن ئاز سانلىق مىللەت كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى يولىدا كىچىك ئىشلار ئارقىلىق، ھەر بىر سۆز-ھەرىكىتىم ئارقىلىق «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ھېكايىسىنى داۋاملىق سۆزلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە تۇرمۇشنى ياخشىلاشقا يېتەكلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيەگە مەڭگۈ مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىپ كۈرەش قىلىمەن.

  ئاغزاكى بايان: رۇستەم زۇبدۇن

  يىغىپ رەتلىگۈچى: مۇخبىر پەن تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر خې يۇڭمېي

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ