تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

غېنى تۇرسۇننىڭ بېيىش يولىدىكى گۇاڭدۇڭ كۈچى

تىيانشان تورى خەۋىرى: كۈزلۈك يىغىم مەزگىلىدە، شىنجاڭ بىڭتۇەن 3-شىسى تۇمشۇق شەھىرى كەيئېرۋاڭ باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى مول ھوسۇل ئالدى، 500 تۇياق قوي ئارقا-ئارقىدىن قوتاندىن چىقىرىلدى، بۇ يىلقى بازار ئەھۋالىغا قارىغاندا، بۇ قېتىم مەركەزلىك قوتاندىن چىقىرىشتىن 650 مىڭ يۈەن كىرىم قىلغىلى بولىدۇ.

«بۇ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ بۇ يىل 2-قېتىم مەركەزلىك قوتاندىن چىقىرىشى بولۇپ، بۇ يىل بازار ئەھۋالى ياخشى بولدى، بىز بۇ يىل 195 تۇياق كالا ساتتۇق، ئومۇمىي كىرىمىمىز 3 مىليون 510 مىڭ يۈەن بولدى، 950 تۇياق قوي ساتتۇق، ئومۇمىي كىرىمىمىز 1 مىليون 235 مىڭ يۈەن بولدى» كەيئېرۋاڭ باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى غېنى تۇرسۇن خۇشال ھالدا بىزگە شۇنداق دېدى.

كەيئېرۋاڭ باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى شىنجاڭ بىڭتۇەن 3-شىسى تۇمشۇق شەھىرى 44-تۇەن 20-ليەنىگە جايلاشقان، قوتاننىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 60 مىڭ كىۋادرات مېتىر، ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا جەمئىي 387 تۇياق سىيىر، 870 تۇياق دولان قويى بار، بۇنداق باقمىچىلىق كۆلىمىنى غېنى تۇرسۇن ئىلگىرى چۈشىدىمۇ ئويلاپ باقمىغانىدى.

شىنجاڭ بىڭتۇەن 3-شىسى تۇمشۇق شەھىرى دۆلىتىمىزدىكى «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست» ئېغىر نامرات رايونىغا جايلاشقان. ئون يىل ئىلگىرى، غېنى تۇرسۇن تېخى چارۋىلارنى دالىدا باقىدىغان ئائىلە بولۇپ، ئائىلىسىدە كۆپ بولغاندا بەش ـ ئالتە تۇياق كالا ۋە 30 نەچچە تۇياق قوي بار ئىدى. 2010-يىلى «قوي بازىرى» ئىتتىك بولغاچقا، غېنى تۇرسۇندا باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىش ئويى بىخ سۈردى. غېنى تۇرسۇن پۇل ۋە ئورۇن كەمچىل بولۇشتەك مۈشكۈل ئەھۋالغا قارىتا، ھۆكۈمەتنىڭ ئىگىلىك تىكلەش مەبلىغى ۋە خەلقنى بېيىتىش سىياسىتىنىڭ قوللىشىدىن بەھرىمەن بولدى، 2014-يىلى، غېنى تۇرسۇن يىغقان بارلىق پۇلىنى چىقىرىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەت جەھەتتىن قوللىشى بىلەن، كەيئېرۋاڭ باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى، ھازىرغىچە جەمئىي 13 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 28 كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە نامرات ئائىلىدىن سەككىزى بار. مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كىرىمىگە تايىنىپ، 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن سەككىز نامرات ئائىلىنىڭ ھەممىسى نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى.

بۇ يىل 9-ئاينىڭ بېشىدا، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ 3-شى تۇمشۇق شەھىرىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى (تۆۋەندە <گۇاڭدۇڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 3-شى تۇمشۇق شەھىرىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى> دېيىلدى) نەق مەيداندا تەكشۈرۈش، قىسقا فىلىمنى كۆرۈش، باھالىغۇچىلارغا نومۇر قويۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، تۇمشۇق شەھىرىدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى ئالتە بېيىش باشلامچىسىنى تاللاپ چىقتى، بۇ قېتىمقى تاللاش پائالىيىتىدە غېنى تۇرسۇن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاللاندى. 2020-يىللىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى «بىر، ئون، يۈز، مىڭ، ئون مىڭ» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى، تاللانغان بېيىش باشلامچىلىرى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى ۋە سىياسەت مەدىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى مالىيە ۋە مەبلەغ تەكشۈرۈش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى تاڭ جۇگۇاڭ بىلدۈرۈپ، بېيىش باشلامچىلىرىنى تاللاشتا بىرنى يۆلەپ بىر تۈركۈمگە تۈرتكە بولۇش مەقسەت قىلىنغان، بېيىش قابىللىرىنى يۆلەش ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ نامرات ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمىز، دېدى.

10-ئاينىڭ 17-كۈنى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 3-شى تۇمشۇق شەھىرىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بېيىش باشلامچىسى غېنى تۇرسۇن ئوتتۇرىغا قويغان بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىش پۇقراۋى قونالغۇ تۈرىنى نەق مەيداندا تەكشۈردى. بۇ تۈرگە جەمئىي 4 مىليون 30 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان بولۇپ، تۈر پۈتكەندىن كېيىن، ئەتراپتىكى تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

«گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغى ۋە سىياسىتىنىڭ قوللىشىدىن پايدىلىنىپ، ھازىرقى باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى زورايتىپ، ئۆزىمىزنىڭ داڭلىق ماركىسىنى يارىتىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە نۆۋەتتىكى قىزىق نۇقتا بولۇۋاتقان پۇقراۋى قونالغۇ ۋە دېھقانلار ئارامگاھى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىككى تەرەپكە تەڭ ئېتىبار بېرىپ پۇل تېپىشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز، شۇنداقلا ئەتراپىمىزدىكى ئاممىنى بىرلىكتە بېيىشقا يېتەكلەيمىز» دېدى غېنى تۇرسۇن چۈشەندۈرۈپ.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ