تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كوناشەھەر ناھىيەسى توققۇزاق بازىرى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلدى

10-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، كوناشەھەر ناھىيەسى توققۇزاق بازىرى مەدەنىيەت يولى مەھەللىسى يۈەندىڭ ئولتۇراق رايونىدا، مەھەللە خىزمەتچىسى ئولتۇراق رايوننى ئۈزۈل-كېسىل دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرمەكتە.

  ئانار بۇلۇت / شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز ئايشەمگۈل ئابلا، ۋاڭ جوۋ، يى تۇڭيۈەن خەۋىرى، فوتوسى): «تۇرسۇن تاغا، سىزگە نەرسە-كېرەك ئەكەلدىم، ئۆيدە سالامەتلىكىڭىزگە دىققەت قىلىڭ، ئائىلە تازىلىقىنى ياخشى ئىشلەپ، شەخسىي مۇداپىئەلىنىشنى ياخشى قىلىڭ.» 10-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيەسى توققۇزاق بازىرى ۋېنشىن مەھەللىسى ۋېنشىن ئولتۇراق رايونىدا، مەھەللە خىزمەتچىلىرى ئۇن، ياغ قاتارلىق ھال سوراش بۇيۇملىرىنى مەھەللىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئۆيىگە يەتكۈزۈپ بەردى.

  يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، كوناشەھەر ناھىيەسى دەرھال جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش كاپالەت مېخانىزمىنى قوزغىتىپ، ماددىي ئەشيا كاپالىتى ۋە خەلققە قولايلىق مۇلازىمەتنى كۈچەيتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى زىيارەت قىلدى، يوقلىدى ۋە تولۇق كاپالەتلەندۈردى.

  ۋېنشىن ئولتۇراق رايونىدا، ھەر خىل كۆكتات، مېۋە-چېۋە، گۈرۈچ، ئۇن، ياغ قاتارلىق تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى ئولتۇراق رايون ئىچىدىكى خەلققە قولايلىق كۆكتات بىۋاسىتە تەمىنلەش نۇقتىسىغا رەتلىك تىزىپ قويۇلغانىدى. ئۆيدىن ئايرىلىپ تۇرۇۋاتقانلار ۋېيشىن، تېلېفون قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق مەھەللە خىزمەتچىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئېھتىياجلىق نەرسىلىرىنى سېتىۋالاتتى.

  ماددىي ئەشياغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگەندىن سىرت، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى تارقاتقان «مېھىر-شەپقەت قوي گۆشى»، «كۆكتات بولىقى» مەھەللە ئارقىلىق قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا يەتكۈزۈلدى. «تۈرلۈك مېھىر-شەپقەت بولاقلىرىنىڭ ھەممىسى بىرىنچى ۋاقىتتا تارقىتىلىۋاتىدۇ» دېدى كوناشەھەر ناھىيەسى توققۇزاق بازىرى ۋېنشىن مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى نۇرئامىنەم سۇلتانمامۇت.

  توققۇزاق بازىرى مەدەنىيەت يولى مەھەللىسىدە، 48 مەھەللە خىزمەتچىسى، تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلار ۋە يۈزگە يېقىن پىدائىي ئالتە مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەپ، ئاممىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  «ھەربىر دەنيۈەندە بىردىن پىدائىي بار، بىز مەھەللە خىزمەتچىلىرىگە ماسلىشىپ، ھەر كۈنى ئۆيىدە ئايرىلىپ تۇرۇۋاتقانلارغا كۆكتات يەتكۈزۈپ بېرىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كارىدورنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش، شۇنداقلا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەيمىز» دېدى مەدەنىيەت يولى مەھەللىسى يۈەندىڭ 2-قارار ئولتۇراق رايونىنىڭ پىدائىيسى ساۋ ۋېيلىڭ.

  «بىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلەن قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش، غەمخورلۇق قىلىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى زىيارەت قىلدۇق، ھال سورىدۇق» دېدى مەدەنىيەت يولى مەھەللىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ رۈيچى، ھازىر مەھەللە ھەر كۈنى ئاھالىلەرگە ئاز دېگەندە بىر قېتىم كۆكتات، نان ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى، ئىككى كۈندە بىر قېتىم گۆش تۈرىدىكىلەرنى تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بېرىۋاتىدۇ، «ئاھالىلەرنىڭ سۇ، توك، دورا سېتىۋېلىش ئېھتىياجى بولسا، ۋېيشىن توپىدا دېسە بولىدۇ، ياشانغانلارغا قارىتا، خىزمەتچىلەر ۋاقتىدا ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىپ، كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەۋاتىدۇ».

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، قەشقەر ۋىلايىتى ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىنى كۈچەيتىش، ۋاقىتلىق تۆۋەن كاپالەت سىياسىتىنى ئورنىتىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىشكە تولۇق كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا كۆڭۈل بۆلۈش، غەمخورلۇق قىلىش، ياردەم بېرىش-يۆلەشنى كۈچەيتكەن. «نۆۋەتتە، كوناشەھەر ناھىيەسى ھەپتىدە بىر قېتىم كۆكتات بولىقى تارقىتىشنى باشلىدى، بۇ، كۆكتات، گۆش، تۇخۇم، قېتىق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ۋاقىتلىق قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ئاممىغا قارىتا ئاۋۋال قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش، ئاندىن تەستىقلاشنى يولغا قويدۇق، كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈپ، بىر ئادەمنىمۇ چۈشۈرۈپ قويمايمىز» دېدى قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ۋاڭ جيەنگو.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ