10 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق يېزا تاشيولى يېڭىدىن ئۆزگەرتىپ ياسالدى
ئاپتونوم رايونىمىز يىللىق قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى مۇددەتتىن بۇرۇن نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندىدى
شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لۇ فېڭباۋنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 9 - ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىز يېزا تاشيولىغا جەمئىي 7 مىليارد يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىشنى تاماملاپ، 10007.47 كىلومېتىر يېزا تاشيولىنى يېڭىدىن ئۆزگەرتىپ ياساپ، يىللىق مەبلەغ سېلىش ۋە قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى مۇددەتتىن بۇرۇن نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندىغان.
بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز يېزا تاشيول قۇرۇلۇشىغا 5 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش، 10 مىڭ كىلومېتىر مۇساپىلىك يېزا تاشيولىنى يېڭىدىن ئۆزگەرتىپ ياساشنى تاماملاپ، 86 قوشۇۋېتىلگەن ئىشتاتلىق كەنتكە قاتتىقلاشتۇرۇلغان يول تۇتاشتۇرۇش، 347 كىلومېتىر ناھىيە، يېزا يولىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش، 200 كىلومېتىر تار يول ئۇلىنى كېڭەيتىپ ئۆزگەرتىش، ھەمدە 1200 كىلومېتىر دۆلەت ئىلكىدىكى ئورمانچىلىق مەيدانى يولى، 9313 كىلومېتىر بىخەتەرلىك - ھاياتلىق بويىچە مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشى ۋە 25 خەتەرلىك كۆۋرۈكنى ئۆزگەرتىشكە نۇقتىلىق تۈرتكە بولۇشنى پىلانلىغانىدى.
پۈتۈن يىللىق يېزا تاشيول قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى مەبلەغ پىلانىنى مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرۈپ، قۇرۇلۇۋاتقان تۈرلەرنى تۇتۇپ، يېڭىدىن ئىش باشلانغان تۈرلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايونغا ئايرىپ، دەرىجىگە ئايرىپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، تۈرلەرنىڭ ئىلگىرىلەش سۈرئىتىگە پۇختا، تەرتىپلىك تۈرتكە بولدى. ھەر دەرىجىلىك قاتناش - تىرانسپورت تارماقلىرى دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتىدە، نىشان بەلگىلەپ جەڭ قىلىپ، قۇرۇلۇش مۇددىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ھەرقايسى تۈرلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق تاماملىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونىمىز يېزا تاشيولى تۈر قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق تېزلىتىپ، ئىمكانقەدەر كۆپرەك ئەمەلىي قۇرۇلۇش مىقدارىنى تاماملايدۇ؛ ھەم ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، «14 - بەش يىل»لىق يېزا تاشيول سىياسىتى تەتقىقاتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، «ئاپتونوم رايوننىڭ <14 - بەش يىل>لىق يېزا تاشيولى تەرەققىيات يىرىك پىلانى»نى تېزدىن مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يىرىك پىلان ئارقىلىق يېتەكلەپ، «تۆتتە ياخشى يېزا يولى»نىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا تاشيولى ئومۇمىي مۇساپىسى 133 مىڭ 100 كىلومېتىرغا (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) يېتىپ، «12 - بەش يىل»نىڭ ئاخىرىغا سېلىشتۇرغاندا 16 مىڭ كىلومېتىر ئېشىپ، ھەممە يېزا - بازار ۋە شارائىت ھازىرلىغان ئىشتاتلىق كەنتتە قاتتىقلاشتۇرۇلغان يولنى %100 تۇتاشتۇرۇش نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، يېزا رايونلىرىنىڭ قاتناش مۇھىتى زور دەرىجىدە ياخشىلانغان.