شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىر جىن مېڭمېڭ): «بۇ يىل، مەن يەنە 10 مىڭ يۈەن ئىگىلىك تىكلەش تولۇقلىمىسى ئالدىم، كېيىنكى مەزگىلدە يەنە ئاز سوممىلىق ئۆسۈمسىز قەرز پۇلىدىن بەھرىمەن بولالايمەن، شىركىتىمنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا ئىشەنچىم كامىل» دېدى بورتالا شەھىرىدە ئىگىلىك تىكلەۋاتقان جاڭ سەي 10-ئاينىڭ 26-كۈنى.
2018-يىلى، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن جاڭ سەي دوستى بىلەن بىرلىكتە بورتالا شەھىرىدە جيۇيى تور پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنى قۇردى، شىركەت بورتالادىكى ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر بازىسىغا جايلاشقاندىن كېيىن، ئۆي ئىجارىسىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى باسقۇچلۇق كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق بىر قاتار پايدىلىق سىياسەتلەردىن بەھرىمەن بولدى، كارخانا سىجىل ياخشى تەرەققىي قىلدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەشتە ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ياردەم پۇلىنى ئەمەلىيلەشتۈردى. بورتالا ئوبلاستى ھازىرغا قەدەر 11 مىليون 858 مىڭ 700 يۈەن ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ياردەم پۇلى تارقاتتى.
بورتالا ئوبلاستلىق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى پەن شىڭچۇەن مۇنداق دېدى: بىز توردا باھار شامىلى ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى، توردا تەكلىپ قىلىشنى توختىتىپ قويمىدۇق، توردا مۇلازىمەت قىلىپ، يېزىلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى كۆپ خىل يول، ئۇسۇللار ئارقىلىق قوللاپ، تەربىيەلەش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، شەھەر-يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئاشۇردۇق».