تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

دادا نېمە ئۈچۈن بالىغا كۆپرەك ھەمراھ بولمايدۇ

كىشىلەر دائىم «دادا مېھرى تاغقا ئوخشايدۇ» دېيىشىدۇ، دادىنىڭ بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولسىمۇ، لېكىن «دائىم ھەمراھ بولالماسلىق» مەسىلىسى دائىم مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ 2017-يىلىدىكى «0~6 ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ ئائىلە تەربىيە ئەھۋالى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، ئەمەلىي تۇرمۇشتا، بالىلارغا دائىم مەھراھ بولۇپ، ئۆزىنىڭ دادىلىق مۇھەببىتىنى ئىپادىلەپ تۇرىدىغان ئاتىلار %30~%40 كىچىلا ئىكەن، شۇنداقلا 10 ئاتىنىڭ ئالتىسى بالىلىرىغا ھەمراھ بولالمايدىكەن. يېقىندا «جۇڭگو پسىخىكا ساقلىقنى ساقلاش ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتتا، بالىلارنىڭ ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىدىكى پسىخىكا ساغلاملىقىغا دادىنىڭ قاتنىشىش مەسىلىسى يەنىمۇ تەھلىل قىلىنغان.

«دادىنىڭ قاتنىشىشى» دېگىنىمىز دادىنىڭ بالىلارنىڭ پسىخىكا تەرەققىياتى جەريانىدىكى تونۇشى، ھېسسىياتى، ھەرىكەت سېلىنمىسىنى كۆرسىتىدۇ، بالىلارنىڭ پىسىخىكا ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ھالقا ھېسابلىنىدۇ. تەتقىقات ئاپتورلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا بېيجىڭ داشۆ كىلىنىكىلىق پسىخىكا مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋراچى چيەن يىڭ مۇنداق دېدى: گەرچە دادا مېھرىنىڭ مۇھىملىقىنى بىلسەكمۇ، ئەمما دادىغا قارىغاندا ئانا بالىلارغا كۆپرەك ھەمراھ بولىدۇ، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئۈچ جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ:

1. دادىنىڭ ئېڭى. بەزى تەكشۈرۈشلەردە بايقىلىشىچە، دادىنىڭ بىلىم سەۋىيەسى قانچە يۇقىرى بولسا، ئاكتىپ خاراكتېر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولىدىكەن، بۇنداق بولغاندا بالىغا ھەمراھ بولۇش دەرىجىسى شۇنچە يۇقىرى بولىدىكەن. ئەگەر دادىنىڭ «دادا» رولىنى ئېتىراپ قىلىشى قانچە يۇقىرى بولسا، بالا تەربىيەسىگە قاتنىشىش دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن، بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، بىللە ئويۇن ئويناش ھەرىكىتىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدىكەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى، ئەگەر دادا ئۆزى بېقىش سالاھىيىتىگە يېقىن تۇرۇپ، بۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرسە، ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشتىكى رولىنى ئۆزى چۈشەنسە، ئۇلارنىڭ بالىغا قاراش تەشەببۇسكارلىقى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدىكەن.

2. ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى ياخشى بولماسلىق. تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە: ئانىنىڭ ئىدىيەسى قانچە ئوچۇق بولسا، دادىنىڭ بالىنىڭ پسىخىكا ساغلاملىقىغا قاتنىشىش دەرىجىسىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدىكەن، كەڭ قورساقلىق، ئىناق ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى دادىنىڭ بالىغا قارىشىغا پايدىلىق ئىكەن. 3600 ئائىلىنى ئىز قوغلاپ زىيارەت قىلىشتىن بايقىلىشىچە: بالا ئۈچ ياش ۋاقتىدا، ئەگەر ئانا دادىنى بالىنى بېقىشقا كۆپرەك ئىلھاملاندۇرسا، بالا بەش ياشقا كىرگەندىمۇ دادا بالىنى كۆپرەك باقىدىغان بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى قانچە ياخشى بولسا، دادا بىلەن بالا كۆپرەك بىللە ئويناپ، مۇناسىۋىتىمۇ شۇنچە يېقىن بولىدىكەن. ئەكسىچە، ئامبۇلاتورىيەدە ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى ياخشى بولمىغان ئائىلىلەرنى، بالا دائىم ئانىسى بىلەن بىرلىشىۋالىدىغان، دادا بىلەن قارشىلىشىدىغان ئەھۋاللارنى دائىم ئۇچرىتىمىز، بۇ خىل ئەھۋاللار كىچىك بالىلارنى ئەر-خوتۇن توقۇنىشىغا سۆرەپ كىرىدۇ، كۆپ ھاللاردا ئۇلارنىڭ پسىخىكىسىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىسىز.

دادا-بالا مۇناسىۋىتىدە، دادىنىڭ قاتنىشىش دەرىجىسى بالىنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تۆۋەنلەيدۇ، بالىنىڭ يېشى، جىنسى، مىجەزىمۇ دادىنىڭ قاتنىشىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە، دادا ئوغۇل پەرزەنتى بىلەن ئويناشنى بەكرەك ياقتۇرىدۇ، ئەمما ئىچكى مىجەز ئوغۇل پەرزەنتى ياكى يىغىلىشلارنى ياقتۇرمايدىغان قىزلىرىغا ئاز ھەمراھ بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، پەرزەنتى كۆپ ئائىلىلەردە بالىنىڭ تۇغۇلغان تەرتىپى، ئىككىنچى پەرزەنتلىك ئائىلە قاتارلىق ئامىللارمۇ دادىنىڭ قاتنىشىش دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. مەسىلەن، يالغۇز پەرزەنتلىك ئائىلىلەردە دادىنىڭ قاتنىشىشى كۆپ پەرزەنتلىك ئائىلىلەرگە قارىغاندا كۆپرەك بولىدۇ.

3. جەمئىيەت، مەدەنىيەت تەسىرى. چيەن يىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ۋە چەت ئەلنىڭ بالا بېقىش ئىدىيەسىنى سېلىشتۇرغاندا، جۇڭگولۇق دادىلار دائىم «نومۇس قىلىش»، «ياقتۇرماسلىق» شەكلىدە بالا باقىدۇ، ئۇلار بالا بېقىش ئانىنىڭ مەسئۇلىيىتى دەپ قارايدۇ. ئەنئەنىۋى «ئەرلەر سىرتقا، ئاياللار ئۆي ئىچىگە مەسئۇل» دەيدىغان بۇ ئىدىيە دادىنىڭ بالىنىڭ پىسىخىكا ساغلاملىقىغا قاتنىشىشىغا پايدىسىز. يەنە، دۆلىتىمىزدە، ئائىلىدە ئەرلەر يەنىلا ئائىلىنىڭ ئىقتىسادى تۆۋرۈكى ھېسابلىنىدۇ، خىزمەت ۋاقتى ئۇزۇن بولۇش، كۆپرەك كاماندىروپكىغا چىقىش، خىزمەت ئورنى ئۆيدىن يىراق بولۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دادىنىڭ بالىغا ھەمراھ بولۇشنى خالىماسلىقىدىكى سەۋەب ھېسابلىنىدۇ.

گەرچە نۇرغۇن سەۋەبلەر بولسىمۇ، ئەمما دادىنىڭ رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. چيەن يىڭ مۇنداق دېدى: ئەنئەنىۋى قاراشلاردا دادا قەيسەرلىككە، ئانا مۇلايىملىققا ۋەكىللىك قىلىنىدۇ، دادا مېھرى تاغقا، ئانا مېھرى سۇغا سىموۋول قىلىنىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى مەلۇم دەرىجىدە ئاتا-ئانا مۇھەببىتىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى چۇشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئانىنىڭ ھېسسىياتچان، بىخەتەر بولۇشى، بالىنىڭ ئاجىزلىقى ۋە سەزگۈرلۈكىنى قوغدايدۇ؛ لېكىن دادىنىڭ ئەقىل بىلەن، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشى، كۈچ ۋە باتۇرلۇققا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بالىغا كۆڭۈل بۆلۈشتە، ئاتا-ئانا ئىككىلا تەرەپ بىرلىكتە كۆڭۈل بۆلۈشى، كۈچ چىقىرىشى كېرەك. ياخشى دادا بولۇشتا، ئىمكان بار بالا تۇغۇلۇشى بىلەنلا يېنىدا بولۇشى كېرەك. مەسىلەن، بالىلار بالىلىق دەۋرىدە، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشنى ۋە يېڭى شەئىيلەرنى سىناپ بېقىشنى ياقتۇرىدۇ، شۇڭا دادا بالىغا قايسىسىنى قىلسا بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇشى، «قىزىل سىزىق» ئېڭىنى تىكلىشى كېرەك، لېكىن دادا زىيادە قاتتىق قول بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك، بولمىسا بالا زىيادە قورقۇنچاق بولۇپ قالىدۇ، شۇنداقلا بالىغا زىيادە ئامراقلىق قىلماسلىق كېرەك، بۇنداق بولغاندا بالا جاھاننى بېشىغا كىيىدۇ؛ بالاغەتكە يېتىش دەۋرىدە، دادا دەل ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشنى ياكى قويۇۋېتىشنى بىلىشى كېرەك، مەن ئاتا-ئانا دېگەن ھەيۋە بىلەن بالىنى باسماسلىقى، ئۇلار ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولغىنىدا، دادا تەشەببۇسكارلىق بىلەن بالىنى قوللىشى، ئىمكان بار سوغۇق گەپنى قىلماسلىقى، بالا بىلەن يېڭىش-يېڭىلىشنى تالاش-تارتىش قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

چيەن يىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دادىنىڭ بالىغا ھەمراھ بولۇشى قانداقتۇر زامان ۋە ماكان جەھەتتىكى «ھەر ۋاقىت ھەمراھ بولۇش» ئەمەس، بەلكى پسىخىكا جەھەتتە بالىغا «دادام مېنىڭ يۆلەنچۈكۈم» دەيدىغان ھېسسىياتنى بىلدۈرۈشتۇر. كاماندىروپكىغا كۆپ چىقىدىغان، خىزمىتى ئالدىراش دادىنىڭ بالىغا كۆپرەك تېلېفون قىلىشىنىڭ زىيىنى يوق، لېكىن گەپ باشلىنىپلا ئۆگىنىش توغرىسىدا سۆز قىلماسلىق كېرەك، بالىغا ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى كۆپرەك سۆزلەپ بېرىشى، بالىنىڭ ئاكتىپ تەرەپلىرىنى كۆپرەك بايقىشى، ھېسسىيات، كىشىلىك مۇناسىۋەت جەھەتتە يولۇققان قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىنىمۇ پائال ياخشىلاپ، دادىنىڭ بالىغا ھەمراھ بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باشقا ئائىلە ئەزالىرىغىمۇ دادىنىڭ ھەمراھ بولۇشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەش كېرەك.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ