تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قەشقەر ۋىلايىتىدە بارلىق خادىملارنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش تاماملاندى

دوكلات قىلىنغان كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى مۇسبەت چىققان 183 كىشىدىن سىرت، قالغانلارنىڭ ھەممىسى مەنپىي چىقتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چاۋ جىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ئاچقان قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، كوناشەھەر ناھىيەسىدە يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، قەشقەر ۋىلايىتى مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ بارلىق خادىملارنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان. قەشقەر ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈشكە تېگىشلىك ئومۇمىي ئادەم سانى 4 مىليون 746 مىڭ 500 ئادەم بولۇپ، 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى سائەت 17گىچە بارلىق خادىملارنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش تولۇق تاماملانغان.

10 - ئاينىڭ 26 - كۈنى سائەت 24تىن 27 - كۈنى سائەت 17گىچە، قەشقەر ۋىلايىتىدە يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى بەش بولۇپ، ھەممىسى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يۇقۇملانغۇچىغا ئايلانغانلار؛ يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 19.

قەشقەر ۋىلايەتلىك سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى لىنيۈ مۇنداق تونۇشتۇردى: تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى تېز، ئۈنۈملۈك تاماملاش ئۈچۈن، قەشقەر ۋىلايىتى ئەۋرىشكە ئېلىش، توشۇش، تەكشۈرۈشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تەلىپى بويىچە، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارى، ئەۋرىشكە ئېلىش قوشۇنىنى يەنە بىر قېتىم ئىلمىي مۆلچەرلەپ، ئەۋرىشكە ئېلىش سانى ۋە تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ سۈپەت كونترول قىلغۇچى خادىملار پۈتۈن مۇساپىدە ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش خىزمىتى ئىشلەپ، تەكشۈرۈشنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، دەل جايىدا بولۇش، سان - سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. دوكلات قىلىنغان كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى مۇسبەت چىققان 183 ئادەمدىن سىرت، قالغانلارنىڭ ھەممىسى مەنپىي چىقتى. باشقا ناھىيە، شەھەرلەردىكى بارلىق خادىملارنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ ھەممىسى مەنپىي چىقتى.

لى لىنيۈ يەنە كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى يۇقۇمنى تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە مەنبەدىن تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، قەشقەر ۋىلايىتى تېزلىكتە تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ ئانالىز قىلىش، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئۇلار بىلەن يېقىندىن ئۇچراشقان خادىملارنىڭ پائالىيەت ئىزىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار ۋە تارقىلىش خەۋپى ئامىلىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، مۇمكىنچىلىكى بولغان يۇقۇم مەنبەسىنى تەكشۈرۈپ ئىزدىدى. بايقالغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئەۋرىشكىسىدىكى ۋىرۇسنى پۈتۈن گېن گۇرۇپپىسى بويىچە ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، كوناشەھەر ناھىيەسىدە يۈزبەرگەن يۇقۇمنىڭ 7 - ئايدا ئۈرۈمچىدە يۈزبەرگەن يۇقۇم ۋىرۇسى بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى ئېنىقلىدى. نۆۋەتتە، بۇ قېتىمقى يۇقۇمدا دوكلات قىلىنغان يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسىدە كىلىنىكىلىق ئالامەت كۆرۈلمىگەن، بەلكىم ئۇلار يۇقۇملىنىشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بولغاچقا، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلاردا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلۈپ، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئايلىنىشى مۇمكىن ئىكەن، بارلىق كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار ھازىر تېببىي كۆزىتىشنى ئاكتىپ قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ئەسەت ئۇرايىم مۇنداق تونۇشتۇردى: ئايرىۋېتىلگەن خادىملارغا قارىتا، ھەرقايسى مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش نۇقتىلىرى تۇرمۇش، ئادىمىيەت غەمخورلۇقى، دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تۈرلۈك مۇلازىمەت كاپالىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كوناشەھەر ناھىيەسى ئاممىنىڭ تۇرمۇش مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، مەخسۇس ماددىي ئەشيا كاپالىتى گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش نۇقتىلىرى، مەكتەپ، كەنت(مەھەللە)، داۋالاش ئاپپاراتلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەرقايسى جەھەتتىكى قوغدىنىش بۇيۇملىرى، تۇرمۇش بۇيۇملىرى ئېھتىياجىنى ۋاقتىدا ئىستاتىستىكا قىلىپ، خىراجەت كاپالىتى سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سېتىۋېلىش يېشىل يولى ئېچىپ، ماددىي ئەشيا زاپىسىنى تارقىتىش خىزمەت قائىدىسى ۋە ھېسابات دەپتىرى تۈزۈپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھەر خىل ماددىي ئەشيالارنىڭ بەلگىلىمە بويىچە يۇقىرى ئۈنۈمدە جايىدا كاپالەتلەندۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ