يېقىنقى ئىككى يىلدا، خوشۇت دېھقانلىرى تېرىقچىلىق ئۈنۈمىنى، مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇپ بېيىش ئۈچۈن، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، خاس، يۇقىرى ھوسۇللۇق زىرائەتلەرنى پائال كىرگۈزۈپ سىناپ تېرىدى، ھازىر، خوشۇت ناھىيەسى تاغارچى بازىرى ئارۋېن دېرۋىن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى لى چىڭخۇا تېرىغان تىيەنسۈيشى ئاللىبۇرۇن پىشقان بولۇپ، دەرەخ شاخلىرىغا لىق ئېسىلىپ تۇرغان تاتلىق، چۈرۈك شىزىلار كىشىنى خۇشال قىلىدۇ.
لى چىڭخۇا كەنتتە نامى چىققان، ئويلاشقا، ئىشلەشكە جۈرئەت قىلالايدىغان قابىلىيەتلىك ئادەم، 2009-يىلىدىن باشلاپ پارنىكتا كۆكتات تېرىشنى باشلاپ، ھازىرغىچە تەرەققىي قىلىپ، كۆلىمى بەش مو كېلىدىغان ئىككى پارنىكى بار بولدى، يېقىنقى نەچچە يىلدا، كۆكتات تېرىقچىلىقى بىلەن قانائەتلەنمىگەن لى چىڭخۇا باشقا زىرائەتلەرنى تېرىش ئۈستىدە ئويلىنىشقا باشلىدى، تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئۇ دىققىتىنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان خولۇڭگو، تىيەنسۈيشى قاتارلىق خاس تېرىقچىلىققا تارتتى.
لى چىڭخۇا مۇنداق دېدى: «2015-يىلى، مەن ئىچكىرىدىن تىيەنسۈيشىنى كىرگۈزۈپ سىناق تەرىقىسىدە تېرىپ باقتىم، دەسلەپكى بىر نەچچە يىلدا تەجرىبەم بولمىغاچقا، مەھسۇلات مىقدارى ياخشى بولمىدى، مەن تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئۆگەندىم، كېيىن بارغانسېرى ياخشىلىنىپ، 2018-يىلى 400 كىلوگرام مېۋە بەردى، 2019-يىلى بىراقلا تۆت توننىغا يەتتى، بۇ يىل بەش توننا مەھسۇلات مىقدارىنى مۆلچەرلىدىم ھەمدە بۇ شىزى ئادەتتىكى يۇمشاق شىزىغا ئوخشىمىغاچقا، ھەم مەززىلىك ھەم تاتلىق، يېيىشلىك، نۇرغۇن خېرىدارلار سېتىۋالغاندىن كېيىن يەنە داۋاملىق مال زاكاز قىلىدۇ، بىر كىلوگرامى 20 يۈەن، بۇ يىل تەخمىنەن 100 مىڭ يۈەن ساپ كىرىم قىلالايمەن، كېلەر يىلى تېرىلغۇ كۆلىمىنى كېڭەيتىشنى ئويلاشتىم».
تىيەنسۈيشى مېۋىسىنىڭ رەڭگى ئوچۇق، تەمى تاتلىق، شىرنىسى كۆپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى. تەركىبىدە فوسفور، كالىي كالتىسىي، تۆمۈر، سىنىك قاتارلىق كۆپ خىل مىنېرال ماددىلاردىن باشقا، پېكتىن (مېۋە يېلىمى) مىقدارى مول بولۇپ، ئۈچەينى سىلىقلاش ئۈنۈمى ياخشى بولغاچقا، خېرىدارلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشتى.
بۇ يىل لى چىڭخۇا دادىللىق بىلەن يېڭى زىرائەت تېرىش، كىشىلەر ئالدىدا مېڭىشقا جۈرئەت قىلىش ئۇسۇلى بىلەن بازار، كەنت ھەمدە خىزمەت ئەترىتىنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى، لى چىڭخۇاغا كۆپ تەرەپتىن ياردەم بېرىدىغانلىقى ۋە قوللايدىغانلىقىنى، تىرىشىپ كەنتنىڭ خاس كەسىپلىرىنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشكە يېتەكلەپ، ھوسۇلنى، كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشنىڭ يېڭى يولىنى ئىزدەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
(ماقالىنى خوشۇت ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مۇخبىرى گۇڭچىڭجاپ تەمىنلىگەن)