تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

مەن جەنۇبىي شىنجاڭدا | ئەمگەكچانلىقنىڭ ئۆزى نەقلەشتۈرگىلى بولىدىغان بايلىق

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۈي يۈنيەن): 10-ئاينىڭ 15-كۈنى سەھەر سائەت 5تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، پەيزاۋات ناھىيەسى يېڭىمەھەللە يېزىسى لايلىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى تۇرغۇنجان مەمەت ئۈچ شېرىكى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى ھەيدەپ يولغا چىقىپ، تېخى تاڭ سۈزۈلمەستىنلا 160 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ سېرىقبۇيا بازىرىغا باردى، ئۇلارنىڭ مەقسىتى شۇ جايدىكى چوڭ تىپتىكى بازارنىڭ ئېچىلىشى بىلەن تەڭ، بىرىنچى ۋاقىتتا كۆڭلىدىكىدەك كالا-قويلارنى تاللىۋېلىش ئىدى.

  سائەت 22 ئەتراپىدا، ئۇ ھارغىن ئەمما رازىمەنلىك ئىلكىدە كەنتكە قايتتى. شۇ كۈنى ئۇ بەش كالا سېتىۋېلىپ، 110 مىڭ يۈەن خەجلىدى، قايتىش يولىدا كالىدىن بىرنى سېتىپ، 1400 يۈەن پۇل تاپتى. قالغان تۆت كالىنى، ئۇ بىرنەچچە كۈندىن كېيىن يوپۇغا ناھىيە بازىرىغا ئاپىرىپ سېتىۋېتىشنى پىلانلىدى، ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بالدۇر يولغا چىقىشى كېرەك ئىدى. «سەھەر تۇرغان قۇشنىڭ قورسىقى توق» دېدى تۇرغۇنجان. «ئەمگەكچانلىق» ئۇنىڭ قەلبىدە نەقلەشتۈرگىلى بولىدىغان بايلىق ئىدى.

  بۇ يىل 32 ياشقا كىرگەن تۇرغۇنجاننىڭ پۇل تېپىشقا ئېپى بار ئىدى، ئالدىنقى كۈنلەردە، كەنتتە شىنمېيدىن ھوسۇل ئېلىندى، ئۇ شىنمېې ۋاسىتىچىسى بولۇپ، 130 مىڭ يۈەن پۇل تاپتى. ئۇنىڭ ئائىلىسى 2014-يىلى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، بېيىش يولىغا قاراپ ماڭدى.

  «ئىلگىرى ھەقىقەتەن بەك نامرات ئىدۇق، ئۈچ مو يەرگە كېۋەز ۋە بۇغداي تېرىيتتۇق، بىر يىل ئالدىراش ئىشلىسەك، قولىمىزدا ئۆزىمىزگە يەتكۈدەك ئاشلىق ۋە نەچچە يۈز يۈەنلا قالاتتى» دېدى تۇرغۇنجان. 2016-يىلى، ئۇ ئۆسۈمسىز ئاز سوممىلىق قەرز بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ، 50 مىڭ يۈەن قەرز ئېلىپ كالا-قوي بورداقچىلىقى بىلەن شۇغۇللاندى. ئەقىللىق، ئىشچان بولغانلىقتىن، ناھايىتى تېزلا دەسلەپكى جۇغلانمىغا ئىگە بولدى، 2019-يىلى قەرزنى قايتۇرۇپ بولغاندىن كېيىنمۇ، قولىدا يەنە ئامانەت پۇلى بار ئىدى.

  بۇ مەزگىلدە، ئۇ تەرەپ-تەرەپتىن ئىشلەمچىلىك قىلىپ پۇل تېپىش پۇرسىتى ئىزدىدى، ئىچكىرى رايوندىن كەلگەن بىر ھۆددىگەرگە ئەگىشىپ قۇرۇلۇش قىلدى ھەم پۇتۇڭخۇادا سۆزلەشنى ئۆگەندى، بۇ ئۇنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت بولدى. پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ شىنمېي ئۆستۈرۈش كەسىپ تەرەققىياتى ئۇنىڭ بېيىش يولىنى يەنىمۇ كېڭەيتتى.

  لايلىق كەنتىنىڭ 1-شۇجىسى نىڭ دوجۈن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ كەنت 2006-يىلىدىن باشلاپ شىنمېي ئۆستۈرۈشكە باشلىغان بولۇپ، تېرىقچىلىق كۆلىمىنىڭ كېڭىيىشى، مېۋىلىك دەرەخلەرنى پەرۋىش قىلىش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، دېھقانلار كىرىمىنىڭ ئېشىشى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈلدى. بۇ يىل كەنتنىڭ شىنمېي سېتىش سوممىسى 7 مىليون يۈەندىن ئاشقان بولۇپ، ئايرىش، ئۈزۈش، ۋاكالىتەن بېجىرىشكە تايىنىپ قىلغان ۋاسىتىلىك كىرىمى 800 مىڭ يۈەنگە يېقىنلاشتى. تۇرغۇنجان شۇ ۋاسىتىچىلەرنىڭ بىرى.

   2017-يىلى كۈزدە، تۇرغۇنجان قىزغىنلىق بىلەن ئىچكىرى رايوندىن كەلگەن سودىگەرلەرگە ۋاقىتلىق تەرجىمان بولدى. ئاندا-مۇندا باردى-كەلدى قىلىش ئۇلارنىڭ ھەمكارلىشىشىغا تۈرتكە بولدى  ئۇ قارشى تەرەپكە ياردەملىشىپ 30 توننا شىنمېي ھەل قىلىپ بېرىپ، 8000 يۈەن تونۇشتۇرۇش ھەققى تاپتى. كېيىن، ئۇنىڭ خېرىدارى يەنە ئىككىگە كۆپەيدى، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئاقسۇ ۋە شىئەندىن كەلگەن خېرىدارلار ئىدى.

  بۇ يىل تۇرغۇنجان بىلەن ھەمكارلاشقىنى كورلا شەھىرىدىن كەلگەن سودىگەر ما جيې. ئىككى يىل ئىلگىرى، ما جيې تۇرغۇنجان بىلەن تونۇشۇپ، بۇ يىگىتنىڭ پۇتۇڭخۇانى ياخشى سۆزلەيدىغانلىقىنى، سەمىمىي ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن دوست بولۇپ قالدى. ئۇزاق مۇددەت بېرىش-كېلىش قىلىش ئارقىلىق، ئۇلار ئۆزئارا كېلىشىپ قالدى ھەم بۇ يىل رەسمىي ھەمكارلاشتى. تۇرغۇنجان ئۈزۈش ۋە سېتىۋېلىشقا ئادەم ئىزدەشكە مەسئۇل بولدى، ما جيې توشۇش ۋە سوغۇق ساقلاشقا مەسئۇل بولدى، پايدىنى ھەربىرى 130 مىڭ يۈەندىن تەڭ بۆلۈشتى.

  تۇرغۇنجاننىڭ ئۆيى ناھايىتى چىرايلىق زىننەتلەنگەن ئىدى، يەرگە خىش ياتقۇزۇلغان بولۇپ، زامانىۋى ئۇسلۇبتىكى ئائىلە جابدۇقلىرىنى سېتىۋالغانىدى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ بار بولۇشقا تېگىشلىكلىرىنىڭ ھەممىسى تولۇق ئىدى، دوستى بىلەن شېرىكلىشىپ سېتىۋالغان كالا-قويلارنى توشۇيدىغان يۈك ئاپتوموبىلىدىن سىرت، ئۇ يەنە بىر پىكاپ سېتىۋالدى، ئىككى بالىسى ئۈچۈن روزغارچىلىق سۇغۇرتىسى ئالدى. ئۇ ھازىرقى تۇرمۇش سۈپىتىدىن ناھايىتى رازى بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىشنى ئارزۇ قىلاتتى.

  «كۆكتات، مېۋە-چېۋە، ئوت-چۆپ، كالا-قوي، ئۆي قۇشلىرى دېگەندەك نۇرغۇن جايلار ۋاسىتىچىغا موھتاج، مەن داۋاملىق پۇرسەت ئىزدەپ، قالغان ۋاقتىمدا كالا-قوي بورداپ، يېتەرلىك مەبلەغ توپلاپ، كالا-قوي باقمىچىلىق مەيدانى قۇرىمەن.» تۇرغۇنجان مۇنداق دېدى: بالىلىرىمنىڭ ياخشى داشۆلەرگە ئۆتۈپ، ياخشى مائارىپنى قوبۇل قىلىپ، تېخىمۇ ياخشى ئىستىقبالغا ئىگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىش تىرىشىپ پۇل تېپىشىمنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ