تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

گۇچۇڭ: نامراتلارنى يۆلەش سېخى بېيىش يېڭى يولىنى ئاچتى

تىيانشان تورى خەۋىرى: (ئىختىيارىي مۇخبىر بەي يۈنفىڭ خەۋىرى) كېسىش، تىكىش، بېسىش، مىخلاش... 10-ئاينىڭ 19-كۈنى، گۇچۇڭ ناھىيەسى گۇچۇڭ بازىرىدىكى كارۋان سومكا زاۋۇتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئىشچىلار سومكا، خۇرجۇن، سايمان سومكىسى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى جىددىي، تەرتىپلىك ياساۋاتاتتى.

كارۋان سومكا زاۋۇتىنىڭ باشلىقى ئەخمەت زۇنۇن مۇنداق دېدى: «بۈگۈن بىز چۆچەك، ئىلىغا ئەۋەتىدىغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىۋاتىمىز، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا زاۋۇتنىڭ كۆلىمى بارغانسېرى زورايدى، ھازىر 20 نامرات ئاھالە ۋە مېيىپ كىشى زاۋۇتتا ئىشقا ئورۇنلاشتى».

2018-يىلى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ گۇچۇڭ بازىرى لىخۇاجيەن مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش زەنجىرى بىرلەشمە گەۋدىسى تۈرى»نى يولغا قويۇپ، جىمىسار ناھىيەسىدىكى جىڭشيۇ كىيىم-كېچەك چەكلىك شىركىتىنى كىرگۈزۈپ، تۈرلۈك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، بىرلىشىپ ئىشقا ئورۇنلىشىپ ئىگىلىك تىكلىگەن «نامراتلارنى يۆلەش سېخى» قۇرۇپ چىقىپ، ھەر يىلى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 20دىن ئارتۇق نامرات ئائىلىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى ، كىچىككىنە «نامراتلارنى يۆلەش سېخى» كارخانا ۋە نامرات ئامما ئارىسىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش چوڭ سەھنىسى ھازىرلاپ، مەھەللىدە ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغان خادىملارنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بەردى.

گۇچۇڭ بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بەي يۈن مۇنداق دېدى :« بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، گۇچۇڭ بازىرى 11 مەيدان \ قېتىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، تۈرلۈك تەربىيەلەش كۇرسلىرىنى ئاچتى، نامراتلارنى يۆلەش سېخى تەسىس قىلىش ئارقىلىق 200دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ئۇلارنى كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى .

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇچۇڭ ناھىيەسى يەرلىك كارخانىلارنى نامراتلارنى يۆلەش سېخى قۇرۇشقا پائال يېتەكلەپ ، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى پىرىنسىپ، خاس كەسىپلەرنى تايانچ، نامراتلارنى يۆلەش سېخىنى ۋاسىتە قىلغان نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنىڭ يېڭى يولىنى تېپىپ چىقتى. نۆۋەتتە گۇچۇڭ ناھىيەسىدە نامراتلارنى يۆلەش سېخىدىن 14ى قۇرۇلۇپ، نامرات ئەمگەك كۈچلىرى ۋە شەھەر-بازارلاردىكى نامرات ئاھالىدىن 323ى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ