تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىر جى شياڭ): 10-ئاينىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەسى نارات ئوتلىقى گۈزەل ۋە رەڭدار تۈسكە كىرىدۇ. يېقىندا، نارات مەنزىرە رايونى «توي كىيىمى كىيىپ ساياھەتكە بېرىش» باش تېمىسىدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، خەلق ساقچىلىرى، پىدائىيلار، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەشۋىقاتچىلار قاتارلىقلارنىڭ قىسمەن ئاكتىپ ئېنېرگىيەلىك ۋەكىللىرىنى نارات ئوتلىقىغا كېلىپ، ئالتۇن كۈزدىكى ناراتتا ئەڭ گۈزەل خاتىرىلەرنى قالدۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.
نارات ئوتلىقىدا، ئۇلار كۈز پەسلىنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلىپ، ئېگىز تاغ، قارلىق چوققىنىڭ ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشىدىن، كۆك ئاسمان، ئاپئاق قاردىن، شەمشادلارنىڭ خىلمۇ خىل نۇر ۋە رەڭدىكى جىلۋىسىدىن ھۇزۇرلاندى.