بۇ گۇيجوۋ ئۆلكىسى بىجيې شەھىرى چيەنشى ناھىيەسى شىنرېن مياۋزۇ يېزىسى خۇاۋۇ كەنتىنىڭ مەنزىرىسى (10-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان).
شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇيجوۋ ئۆلكىسى بىجيې شەھىرى چيەنشى ناھىيەسى شىنرېن مياۋزۇ يېزىسى خۇاۋۇ كەنتى ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ساياھەت كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى.
ئىگىلىنىشىچە، شۇ جاي ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمىنى 3000 يۈەندىن كۆپرەك ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولغان بولۇپ، خۇاۋۇ مياۋجەي كەنتى ئۆرپ-ئادەت بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، ساياھەت ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش يولىدا ماڭغان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتتى فەن خۇي فوتوسى