تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

10-ئايدىكى گۈزەل شايار

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز شېن زۇشياۋ خەۋىرى، فوتوسى): ئالتۇن كۈزدىكى 10-ئايدا، ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيەسىدىكى ئالتۇن رەڭلىك توغراق بىلەن كۆك ئاسمان، تارىم دەرياسى ئۆز ئارا گىرەلىشىپ گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلىپ، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.

  جېجياڭدىن كەلگەن ساياھەتچى چېن جيەنجۈن يان تېلېفونى بىلەن سۈرەتكە تارتقاچ، دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. «بۇ يەرنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى، فوتوگراف بولمىغان ئەھۋالدىمۇ، يان تېلېفوندا يەنىلا گۈزەل سۈرەتلەرنى تارتقىلى بولىدىكەن!» ئۇ مۇنداق دېدى: ئەمدىلا تارتىپ دوستلار چەمبىرىكىگە چىقارغان سۈرەتكە 30 نەچچە كىشى يۈرەك بەردى، ئون نەچچە كىشى پۇرسەت بولسا چوقۇم شايار ناھىيەسىگە كېلىپ گۈزەل توغراق مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا سۆز قالدۇرۇپتۇ.

  شۇ كۈنى، مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭنى ئوزۇقلاندۇرۇش — «گۈزەل ئاقسۇ» گۈزەل سەنئەت ئىجادىيەت پائالىيىتىگە قاتناشقان مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 30دىن ئارتۇق داڭلىق گۈزەل سەنئەت مۇتەخەسسىسلىرى مەخسۇس يۆلياڭۋەن مەنزىرە رايونىغا كېلىپ، سۇ ئۈستىدىكى توغراقنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلدى.

  «گۈزەل، جىمجىت توغراقلىق بىلەن دولقۇنلاپ تۇرغان كۆل ئۆزئارا گىرەلىشىپ تۇراتتى، شايار ناھىيەسىدىكى توغراقلارنىڭ شەكلى باشقا جايلاردىكى توغراقلارغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىكەن، بۇ سەنئەتكارلارنىڭ ماكانى، سۇ ئۈستىدىكى توغراقلىق ماڭا نۇرغۇن ئىجادىيەت ئىلھامى ئاتا قىلدى، شۇنداقلا بىزگە شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇردى.» دېدى جۇڭگو رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو شۈ بېيخۇڭ رەسىم يۇرتى جۇڭگوچە رەسىم يۇرتىنىڭ باشلىقى لى جىتيەن.

  ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشىگە يېڭى يول ئېچىپ بەردى. چىگەگېرەم كەنتىدىكى 25 ئائىلىلىك دېھقان مەبلەغ توپلاپ شايار ناھىيەسىدىكى شۈيجىيۈن ئىستىراھەت ساياھەت كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، يۆلياڭۋەن ئىستىراھەت كەنتىنى ھۆددىگە ئېلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى.

  يۆلياڭۋەن ئىستىراھەت كەنتىدىكى پايچىكلارنىڭ بىرى خۇ خۇڭيىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھەمكارلىق كوپىراتىپى تارىم دەرياسىنىڭ قارشى قىرغىقىدا 2-، 3-قارارلىق ئىستىراھەت كەنتى قۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەت تۈرلىرىنى كىرگۈزۈپ، خاس پۇقراۋى قونالغۇلارنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ ھەمدە يېزا ئىگىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى ۋە قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى ئېچىشنى زورايتىپ، كەنتنى گۈزەل ساياھەت كەنتى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى مەنزىرە رايونىغا كېلىپ ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى «ساياھەت تامىقى»غا ئىگە قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ