بىڭتۇەن گېزىتى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ باۋخۇڭ خەۋەر قىلىدۇ): 10-ئاينىڭ 20-كۈنى، 13-شى خۇڭشىڭ 4-چاڭ 3-ليەنىدىكى ئامما رېن جۈخۇا بۇ چاڭدىكى جياخې مەھەللىسىگە كېلىپ ئىشلىدى. بۇ چاڭ ئۇنىڭغا جياخې مەھەللىسىدە ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىش ئورنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بەردى، ئۇنىڭ ھەر ئايدا 1500 يۈەن كىرىمى بار بولدى. «مەن ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىش ئورنىدا تۆت ئايدىن كۆپرەك ئىشلىدىم، خىزمىتىم بارغانسېرى ئوڭۇشلۇق بولۇۋاتىدۇ، تۇرمۇشۇممۇ بارغانسېرى ياخشىلاندى» دېدى رېن جۈخۇا.
نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، خۇڭشىڭ 4-چاڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى قەتئىي چىڭ تۇتۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەش، كارخانىلارنىڭ ئىشقا قوبۇل قىلىشىغا ئىلھام بېرىش ئارقىلىق، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان خادىملار، قىيىنچىلىقى بار خادىملارنىڭ كىرىمىنى سىجىل، مۇقىم ئاشۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، بۇ چاڭ ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق قىيىنچىلىقى بار 55 كىشىنى ئورۇنلاشتۇردى؛ كارخانىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغان 77 كىشىنى قوبۇل قىلىشىغا ئىلھام بەردى.
«ئىلگىرىكى يىللاردا بۇ ۋاقىتتا، مەن ئېتىز ئىشلىرىنى قىلىپ بولسام، قىلىدىغان ئىش يوق بىكار قالاتتىم، بۇ يىل ئادەتتىن تاشقىرى ئالدىراش بولۇپ كەتتىم، مەن تۇەن-چاڭنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن شىنجاڭ شىنجۇڭشۇن خىمىيە سانائىتى پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ خىزمەت قىلدىم». يۇڭ پېيچاڭ شۇنداق دېدى، «كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلىنىش ئارقىلىق، بىر ماھارەت ئىگىلىدىم، كىرىمىممۇ خېلى كۆپەيدى».
خۇڭشىڭ 4-چاڭ يەنە ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش، ئېكولوگىيە تۆلەم تولۇقلىمىسى، تەربىيەلەشنى زورايتىش، ئىجتىمائىي كاپالەت بويىچە تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىقلار ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ ۋە ئۆستۈرۈپ، ئىشچى-خىزمەتچى ئاممىنىڭ بەخت تۇيغۇسى ۋە ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى.