تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 100- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 100 - قېتىملىق دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا شىنجاڭ سانجى دۆلەت يېزا ئىگىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قوللاشقا ئالاقىدار سىياسەت - تەدبىرلەر قاتارلىق خىزمەتلەر تەتقىق قىلىندى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېزا ئىگىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. پەن - تېخنىكا، كەسىپ، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق جەھەتلەردىن، شىنجاڭ سانجى دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا باغچە رايونىنى دۆلەت يېزا ئىگىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قىلىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى قوللاپ، يېزا ئىگىلىكىدە يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان باشلامچى رايون ۋە يېزا ئىگىلىكىدىكى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات تەجرىبە رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، مەملىكەت ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، خەلقئارادا تەسىر كۈچى بار زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىدە يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكى، ئىختىساسلىقلار ئېگىزلىكى ۋە كەسىپلەر ئېگىزلىكى بەرپا قىلىش كېرەك. ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار، ئورۇنلار سانجى دۆلەت يېزا ئىگىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر بويىچە ئۈلگە رايونى بەرپا قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ۋە ئۇنى پائال قوللاپ، مەسىلىلەرنى دەل ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت يېزا ئىگىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر ئۈلگە رايونىنى دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ بەرپا قىلىش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتتە، يۇقىرى ئۈنۈمدە ئالغا سىلجىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ