تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن خەۋىرى): «بىزنىڭ تۇنجى قېتىم ناراتقا كېلىشىمىز، ئىلگىرىكى سۈرەت ۋە تېلېۋىزوردىن كۆرگەن مەنزىرىلەردىن تېخىمۇ گۈزەلئىكەن، كىشىنى بەك مەپتۇن قىلىدىكەن، يىراقتىكى قارلىق تاغ، دەريالار ئالتۇن رەڭلىك ئوتلاق بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ كېتىپتۇ» 10-ئاينىڭ 21-كۈنى ياڭجوۋلۇق ساياھەتچى شۈ جيې ساياھەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ناھايىتى خۇشال: «كېلەر يىلى يەنە شىنجاڭغا كېلىپ، ياز پەسلىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىمەن» دېدى. شۇ كۈنى، 2020 ـ يىلى «ياڭجوۋلۇقلار ئىلىنى ساياھەت قىلىش» 2 ـ تۈركۈمدىكى 100 كىشىلىك ھۆددە ئايروپىلان ساياھەتچىلىرى ياڭجوۋدىن يولغا چىقىپ، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى نارات بوشلۇق ئوتلىقىغا كېلىپ ساياھەت قىلدى.
(سۈرەتنى نارات مەنزىرە رايونى تەمىنلىگەن)