2020-يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىدىغان يىل، يەكەن ناھىيەسى ئالامەت بازىرى «كىرىمنى سىجىل مۇقىم ئاشۇرۇش»نى زىچ چۆرىدەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈنۈمىنى مۇستەھكەملەپ، كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا تايىنىپ ئىش ئورنى بەرپا قىلىپ، ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.
يەكەن ناھىيەسى شىنمېي تېرىقچىلىق بازىسىدا، مۇخبىرلار 40 نەچچە ئىشچىنىڭ دەرەخ شاخلىرىنى رەتلەش، جازا قويۇش، پۇتاش بىلەن ئالدىراش ئىكەنلىكىنى كۆردى. يەكەن ناھىيەسى ئالامەت بازىرى نەزەرباغ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئاۋۇت ئەمەر مۇنداق دېدى: «ئايلىق مائاشىم 1800 يۈەندىن 2000 يۈەنگىچە. كوپىراتىپقا كېلىپ ئىشلىگەندىن كېيىن، ئائىلەمنىڭ ھويلا-ئارانلىرى، ئۆيۈمنىڭ مۇھىتى ياخشىلاندى. بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق كوپىراتىپتا ئىشلەپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە غەمخورلۇقى ئاستىدا، كۈنلىرىمنى بارغانسېرى ياخشىلايمەن».
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەتنىڭ ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنىڭ ياردىمىدە، بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئەۋزەل كەسىپ سۇپىسى قۇرۇپ، شىنمېي پەن-تېخنىكا ئۈلگە بازىسى بەرپا قىلىپ، شىنمېي ئۆستۈرۈشنى ئەتراپتىكى كەنتلەرگە يۈزلەندۈرۈپلا قالماي، يەنە تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى. يەكەن ناھىيەسى ئالامەت بازىرى نەزەرباغ كەنتىدىكى مەمەت ئېزىز خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئايلىق مائاشىم 1800 يۈەن، ھازىر تۇرمۇشۇم ياخشىلاندى، ئائىلىدىكى ھويلا-ئارانلىرىممۇ پۈتتى. ھازىر يەنە تېخى تېخنىكا ئۆگىنىۋاتىمەن، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بىزگە بۇنداق ياخشى پۇرسەت بەرگىنىگە رەھمەت».
يەكەن ناھىيەسى دونۇڭ تېرىقچىلىق دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى سۈن كۇنمىڭ مۇنداق دېدى: «بىزگە ئادەتتە ئىشچىلىققا 42 ئادەم لازىم بولىدۇ، شىنمېي ئۈزۈش مەزگىلىدە، ھەمكارلىق كوپىراتىپى 1000دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. ئۇزاق مۇددەت مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش مائاشى 1800 يۈەن ئەتراپىدا، ئىشچىلار بۇ يەردە مائاش ئېلىپ تۇرۇپ ئۆگىنىش قىلالايدۇ».
2019-يىلى، يەكەن ناھىيەسى ئالامەت بازىرى شىنمېي تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ شىنمېي تېرىش كۆلىمى 6000 مودىن ئاشتى. دېھقانلارنىڭ ياخشى باھادا سېتىشى ئۈچۈن، كوپىراتىپ «زاكازلىق يېزا ئىگىلىكى»نى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى، «شىركەت + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسى ئارقىلىق، دېھقانلارنىڭ سېتىشتىكى ئەندىشىسىنى ھەل قىلىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلدى. سۈن كۈنمىڭ مۇنداق دېدى: «بىز 2000 مو يەردىكى شىنمېيغا زاكاز ئىمزالىدۇق، 2020-يىلى 8-ئايدىكى ئۈزۈش ۋاقتىدا، ئالامەتنىڭ 2000 مو يېرىدىن 1200 توننا شىنمېي چىقىپ، ئومۇمىي كىرىم 12 مىليون يۈەنگە يەتتى. بىز ئۇلارغا كېسەللىك، زىيانداش ھاشاراتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مېۋىلىك دەرەخلەرنى چاتاش تېخنىكىسى ئۆگىتىشكە مەسئۇل، مېۋىلەرنى شىركىتىمىز سېتىۋالىدۇ. ھەر يىلى پۇقرالارنىڭ بىر مو يەردىن قىلغان ئەڭ تۆۋەن كىرىمىنىڭ 3000 يۈەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز».
مەنبە: يەكەن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى
(مۇنىرە ئابلەت، ئابدۇسالام ئابدۇغېنى)