تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر گو لىڭ): ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى(G30)نىڭ شياۋساۋخۇدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش تۈرىدە يېقىندا قاتناش باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭدا قوش يۆنىلىشلىك سەككىز ئاپتوموبىل يۈرۈش يولى بار يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول مۇساپىسى 481 كىلومېتىرغا يەتتى. ئۈرۈمچىگە كىرىپ-چىقىش ئۈچ چوڭ ئېغىزىنىڭ دەرىجىسى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلۈپ، قاتناش، يول يۈرۈش تېخىمۇ راۋانلاشتۇرۇلدى.
ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭدىكى تۇنجى تۈركۈم قوش يۆنىلىشلىك سەككىز ئاپتوموبىل يۈرۈش يولى بار يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول — بېيجىڭ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى(G7)نىڭ شىنجاڭ دائىرىسىدىكى داخۇاڭشەندىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان بۆلىكىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش تۈرى بىلەن ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى(G30)نىڭ شىنجاڭ دائىرىسىدىكى ئۈرۈمچىدىن كۇيتۈنگىچە بولغان بۆلىكىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش تۈرىدە 2019-يىلى ئاساسىي لىنىيەدە قاتناش باشلانغان، بۇ، شىنجاڭ تاشيول قاتنىشىنىڭ قوش يۆنىلىشلىك سەككىز ئاپتوموبىل يۈرۈش يولى بار يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول يېڭى دەۋرىگە كىرگەنلىكىدىن دېرەك بەردى. ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىدىن كېيىنكى شياۋساۋخۇدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان بۆلەكنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش تۈرىنىڭ قوش يۆنىلىشلىك سەككىز ئاپتوموبىل يۈرۈش يولىدا ئاپتوموبىللار راۋان يۈردى، ئەسلىدىكى تاغ گەۋدىسىنى بويلاپ جايلاشقان كونا يولنىڭ ئورنىنى يەتتە ئورۇندا يېڭىدىن ياسالغان تونېل ئالدى.
شياۋساۋخۇدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان بۆلەكنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش تۈرىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى گۇەن چېڭجياڭنىڭ دېيىشىچە، شياۋساۋخۇدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان بۆلەكنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش تۈرى شىنجاڭنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى «تۆت ئاپتوموبىل يۈرۈش يولىنى سەككىز ئاپتوموبىل يۈرۈش يولىغا ئۆزگەرتىش»تىكى ئۈچ تۈرنىڭ بىرى بولۇپ، 2016-يىلى 8-ئايدا ئالدىن ئىش باشلانغان. تۈردە كۆۋرۈك، تونېل كۆپ بولۇپلا قالماي، يەنە بىر تەرەپتىن قۇرۇلۇش قىلىپ، بىر تەرەپتىن قاتناش باشلاش بېسىمىغا دۇچ كەلگەن. قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدىن شياۋساۋخۇغىچە بولغان ئەسلىدىكى ئىككى سائەتلىك مۇساپە بىر سائەتكە قىسقارغان.
قاتناش باشلىنىپ ھازىرغىچە، شياۋساۋخۇدىن ئۈرۈمچىگىچە، داخۇاڭشەندىن ئۈرۈمچىگىچە، ئۈرۈمچىدىن كۇيتۈنگىچە بولغان ئۈچ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا قاتناش باشلانغىنىغا 20 نەچچە يىل بولغان بولۇپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى ئەڭ بېسىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ھېسابلىنىدۇ.
«نۆۋەتتە، شىنجاڭدا قوش يۆنىلىشلىك سەككىز ئاپتوموبىل يۈرۈش يولى بار يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول مۇساپىسى 481 كىلومېتىرغا يېتىپ، شىنجاڭغا كىرىپ چىقىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا يول يۈرۈش سۈرئىتى ۋە ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئېشىپ، <شىنجاڭنىڭ ئىچىنى ھالقىسىغان تۇتاشتۇرۇش، شىنجاڭغا كىرىپ چىقىشنى تېزلىتىش> نىشانىنى تېزلىتىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى قۇرۇلۇش باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى سۈن شيەنكۇي. (سۈرەتلەرنى زىيارەت قىلىنغۇچىلار تەمىنلىگەن)