تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلارنى يۆلەش

چېگرا رايوندا بەخت گۈللىرى ئېچىلدى|بارىن يېزىسىدىكى ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەمەلىي مەشىق بازىسى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلار گو لىڭ، لۈ يىخەن، جۇڭ جاۋفېڭ فوتوسى، خەۋىرى): زاۋۇت ئىشىكى ئالدىغىلا قۇرۇلدى، 27 ياشلىق ئايىمنىسا ئاۋۇت بۇنىڭ بىلەن خىزمەتكە ئېرىشىپلا قالماي، يەنە مۇھەببەتكە ئېرىشتى، زاۋۇتتىكى نۇرغۇن ئاچا-سىڭىللار ئۇنىڭغا ئوخشاش، مۇقىم خىزمىتى بولغاندىن كېيىن تۇرمۇشىدا ئۆزگىرىش بولدى.

ئايىمنىسا ئاۋۇت زاۋۇت ئۆيىدە ئىشچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرماقتا.

ئايىمنىسا ئاۋۇتنىڭ ئۆيى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيەسى بارىن يېزىسىنىڭ بارىن كەنتىدە بولۇپ، 2016-يىلى پەرۋىش كەسپىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئىزچىل ئۆيىدە ئىش كۈتۈپ تۇردى، بارىن يېزىسىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەمەلىي مەشىق بازىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ تۇرمۇشىدا ئۆزگىرىش بولدى.

بارىن يېزىسى ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەمەلىي مەشىق بازىسى A رايون ۋە B رايونغا ئايرىلغان، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 12 مىڭ 300 كىۋادرات مېتىر، زاۋۇت ئۆيى، ياتاق، يېمەك-ئىچمەك، تۇرمۇش قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىدارلىق بۆلەكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، «كارخانا + دېھقان ئائىلىسى» تەرەققىيات ئەندىزىسى بويىچە، ئادەم ئىشلىتىش مىقدارى كۆپ كارخانىلار يېزا-كەنتلەردە زاۋۇت قۇرۇشقا كىرگۈزۈلۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

«مەن باشقۇرغۇچىلىققا تەكلىپ قىلىندىم، بىللە ئىشلەيدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ يېزا، كەنتتىكى قوشنىلار، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئوخشاشلا ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلاشتى، ئىلگىرى يەر تېرىپ، قوي باققان كەنت ئاھالىلىرى ھازىر زاۋۇتنىڭ ئىشچىلىرىغا ئايلاندى». ئايىمنىسا زاۋۇتتا ئاشخانا، يەنە ياتاقنىڭ بارلىقىنى، چۈشلۈك تاماق ۋە چۈشلۈك دەم ئېلىش ئورنى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

زاۋۇت ئۆيىدىكى ئىشچىلار ئالدىراش خىزمەت قىلماقتا.

مۇخبىر ئايىمنىسا خىزمەت قىلىدىغان زاۋۇت ئۆيىگە كىرىپ، ئىشچىلارنىڭ بارماقلىرىنى چەبدەسلىك بىلەن ھەرىكەتلەندۈرۈپ، تال-تال مىس سىملارنىڭ قوللاردا تېزلىكتە سىم ئورامغا ئايلانغانلىقىنى كۆردى. «تامىقىمىز ياخشى، كىرىمىمىز يۇقىرى، يەنە تېخنىكا ئۆگىنەلەيمىز، بۇ يەردە خىزمەت قىلىپ ناھايىتى خۇش بولدۇم» ئىشچى ھاۋانىسا ناسىر كۈلۈپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى.

ئايىمنىسا خىزمەت قىلغاندىن كېيىن ھازىرقى ئېرى بىلەن تونۇشقانىدى، ئېرى زاۋۇتنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئىككىيلەننىڭ توي قىلغىنىغا بىر يىلدىن ئاشتى، بالىسى ئەمدىلا ئۈچ ئايلىق بولغاندا، ئايىمنىسا يەنە خىزمەت ئورنىغا قايتىپ كەلدى. «ئاچام ئۆيدە بالا باققاچ مېنىڭ بالامنىمۇ باقىدۇ، شۇڭا ۋاقىت چىقىرىپ ئىشقا كەلدىم، بالام چوڭ بولغاندىن كېيىن، ئاچاممۇ بىللە ئىشلەيدۇ». ئايىمنىسانىڭ ئېيتىشىچە، ئىش ئورنىغا چىققان بارلىق ئىشچىلار ئالدى بىلەن يېرىم ئاي تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلىنىدىكەن، بىرەر ئارتۇقچىلىقى بولغاندىن كېيىن، تېخىمۇ ئىشەنچكە تولىدىكەن.

كىيىم-كېچەك زاۋۇتىنىڭ ئىشچىلىرى جىددىي ھالدا مەكتەپ فورمىسى تىكمەكتە.

ياندىكى كىيىم-كېچەك زاۋۇتىدا، سېخ مۇدىرى ھەزرەتئېلى سېيىت ئالدىراشلىقتا پايپېتەك بولۇپ كەتتى، زاۋۇتتىكى پۈتۈن ئاقما لىنىيەدىكى ئىشچىلارنىڭ ھەممىسى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ مەكتەپ فورمىسى تىكىۋاتاتتى، «ھازىر بەش-ئالتە مەكتەپ مەكتەپ فورمىسى بۇيرۇتتى، بىز بىر تۈركۈمنى ئىشلەپ بولساق، بىر تۈركۈمنى يەتكۈزۈپ بېرىۋاتىمىز، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن بىز يەنە تېخىمۇ كۆپ ئادەم قوبۇل قىلىمىز». ھەزرەتئېلى شۇنداق دېگىنىچە، بىرىنچى قەۋەتتىكى كېسىش ئورنىدىن ئىككىنچى قەۋەتتىكى ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا يۈگۈرۈپ دېگۈدەك ماڭدى.

«ئەتراپتىكى دوستلار ۋە قوشنىلارنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ پۇل تاپقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ كۈندىن-كۈنگە روھلىنىپ، تۇرمۇشىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ياخشىلانغانلىقىنى كۆرۈپ، مېنىڭمۇ ئۇلارغا ئوخشاش بولغۇم كەلدى». رۇقىيەم ياسىن 2019-يىلى 8-ئايدا زاۋۇتقا كىرىپ خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، قىسقىغىنا بىر نەچچە ئايدىلا مەلىكىلىك ئىشچىغا ئايلاندى.

«مەن ھازىر دەسلەپكى كۈنلەرگە قارىغاندا كۈندە نەچچە ئون يۈەن ئارتۇق پۇل تاپىمەن». رۇقىيەم ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا، تىرىشقاندا، بەختلىك تۇرمۇشنى كۈرەش قىلىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بارىن يېزىسى ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەمەلىي مەشىق بازىسىنىڭ مەسئۇلى شياڭ شيەنشېڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نۆۋەتتە ئۈچ كارخانا ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەمەلىي مەشىق بازىسىغا ئورۇنلاشقان، بۇ كارخانىلار يېقىن ئەتراپتىكى يېزا-كەنتلەردىن جەمئىي 320 خىزمەتچى قوبۇل قىلغان، كەسىپ تەرەققىي قىلغان، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىمۇ ئاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ