تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز شېن زۇشياۋ خەۋىرى): شىنجاڭنىڭ 2020-يىللىق ئالىي كەسپىي مەكتەپلەرگە كۆپەيتىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەخسۇس تۈرى بويىچە تىزىملىتىش ۋاقتى 10-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە بولىدۇ، تىزىمغا ئالدۇرۇش خىزمىتىنى ھەر قايسى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان ئالىي مەكتەپلەر مەسئۇل بولۇپ تەشكىللەيدۇ، قوبۇل قىلىش خىزمىتى 11-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇرۇن تاماملىنىدۇ.
10 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى قاتارلىق ئالتە تارماق «2020 ـ يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ئالىي كەسپىي مەكتەپلەرگە كۆپەيتىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەخسۇس خىزمىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتقان، لايىھەگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر نۆۋەتلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچى ئوقۇش تارىخى ياكى ئوخشاش ئوقۇش ئىقتىدارى (تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگىنىگە ئۈچ يىلدىن ئاشقان)غا ئىگە ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەر، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، دېھقان ئىشلەمچىلەر، يۇقىرى ساپالىق دېھقانلار، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى، كارخانا خىزمەتچىلىرى ۋە ئاساسىي قاتلام يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرى قاتارلىقلار ئىمتىھانغا تىزىملاتسا بولىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئوخشاش بولمىغان توپ ۋە تەربىيەلىنىش ئەھۋالىغا قارىتا، ئىمتىھاندا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشى ئاساس قىلىنىپ، توردا ۋە تور سىرتىدا ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىدىكەن، كونكرېت تەلەپلەرنى مەكتەپلەر ئۆز ئالدىغا بېكىتىدىكەن ھەم جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدىكەن.
بۇنىڭ ئىچىدە، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلاردىن مەكتەپكە كىرىش ئىمتىھانى ئېلىنىدۇ، مەدەنىيەت ساپاسى ئىمتىھانىدا تەربىيەلەش مەكتەپلىرى تەشكىللىگەن مەدەنىيەت ئىمتىھانى قوللىنىلىدۇ، كەسپىي ماھارەت ئىمتىھانىدا تەربىيەلەش مەكتەپلىرى تەشكىللىگەن كەسپىي ماسلىشىشچانلىق سىناق نەتىجىسى ياكى كەسپىي ماھارەت سىناق نەتىجىسى قوللىنىلىدۇ؛ ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەر، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، دېھقان ئىشلەمچىلەر، يۇقىرى ساپالىق دېھقانلار، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى، كارخانا خىزمەتچىلىرى ۋە ئاساسىي قاتلام يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرى قاتارلىقلارنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى سىنىقى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، تەربىيەلەش مەكتەپلىرى تىزىملاتقان كەسىپكە ئالاقىدار كەسپىي ماسلىشىشچانلىق سىنىقى ياكى كەسپىي ماھارەت سىنىقى تەشكىللەيدۇ. ئالاقىدار كەسپىي ماھارەت دەرىجە گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەن ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئالاقىدار كەسىپكە تىزىملاتسا كەسپىي ماھارەت سىنىقى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. تەربىيەلەيدىغان مەكتەپلەر ئىمتىھان كەچۈرۈم قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىختىساسلىقلارنى ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىدۇ.
قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار 2021-يىلى ئەتىيازدا ئوقۇش باشلاشتىن بۇرۇن مەكتەپكە كىرىدۇ.