شىنخۇا تورى خەۋىرى: لۇڭتەن كەنتى فۇجيەن ئۆلكىسى نىڭدې شەھىرى پىڭنەن ناھىيەسىگە جايلاشقان بولۇپ، ئىلگىرى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر ئاز بولغاچقا، كەنت ئاھالىلىرى بەس-بەستە سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلاتتى، نۇرغۇن كونا ئۆيلەر ئۇزۇن يىل رېمونت قىلىنمىغاچقا، يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇ ئارىسىغا يوشۇرۇنغان ئۆلكە دەرىجىلىك نامرات كەنت بولۇپ قالدى.
2017-يىلى 5-ئايدىن باشلاپ، پىڭنەن ناھىيەسىدىكى ئەنئەنىۋى كەنت مەدەنىيەت ئىجادىيەت كەسىپ تۈرىنىڭ تۈرتكىسىدە، لۇڭتەن كەنتى مەدەنىيەت ئىجادىيەت ۋە كەسپىي لايىھەلەش ئىختىساسلىقلىرىنى كىرگۈزۈپ، مەدەنىيەت ئىجادىيەت كەسپىنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «كونا ئۆينى قۇتقۇزۇپ»، قەدىمىي كەنتنى جانلاندۇردى.
بۈگۈنكى كۈندە، سىرتتىكى لۇڭتەن كەنتىنىڭ كۆپلىگەن كەنت ئاھالىلىرى ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يۇرتىغا قايتىپ بىكار تۇرغان ھويلىلارنى ئىجارىگە ئالدى ياكى مەدەنىيەت ئىجادىيەت تۈرىنىڭ خىزمەتچىسىگە ئايلاندى ۋە ياكى يېمەك ـ ئىچمەك، پۇقراۋى قونالغۇ، ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىك قاتارلىق تۈرلەردە تىجارەت قىلدى. تاشلىنىپ قالغان كونا ئۆيلەر تونۇۋېلىنىپ رېمونت قىلىنغاندىن كېيىن، كەنتنىڭ ئەسلىدىكى قىياپىتى ساقلىنىپ قالدى، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشمۇ كەنتكە يېڭى مەدەنىيەت ئىقتىدارى ۋە قىممىتى ئاتا قىلدى. تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچى لۇڭتەن كەنتىگە كېلىپ سەيلە-ساياھەت قىلدى، ئىلگىرىكى «نامرات كەنت» «ۋاڭخۇڭ داكا كەنتى»گە ئايلاندى. 2018-يىلى، لۇڭتەن كەنتى ئۆلكە دەرىجىلىك «نامرات كەنت» دېگەن قالپاقنى مۇۋەپپەقىيەتلىك چۆرۈپ تاشلىدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى (ۋېي پېيچۈەن فوتوسى)