شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جاڭ جىلى، رايىدە
كۈز پەسلىدە قەشقەرگە كەلگىنىڭىزدە، ھەممە يەرگە تارالغان «قەشقەر تەمى» ئىچىدە، كىشىنى جەلپ قىلىدىغان ناننىڭ مەززىلىك ھىدى كەم بولمايدۇ.
«دادام بىر ئۆمۈر نان ياققان، مەنمۇ كىچىكىمدىن نان يېقىشنى ئۆگەندىم. ھازىر، مەن <2 - ئەۋلاد ناۋاي> ھېلىھەم نان يېقىۋاتىمەن، لېكىن بۇنىڭدا ئۆزگىرىش بەك كۆپ» دېدى 9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسىدا نان يېقىۋاتقان نۇرمەمەت ئوسمان قولىدىكى ئىشنى توختىتىپ، چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇخبىرغا.
نۇرمەمەت ئۇچىسىدىكى ئاپئاق خىزمەت كىيىمىنى قېقىپ قويۇپ، كۆز ئالدىدىكى پاكىز يېڭى تىپتىكى مۇھىت ئاسرايدىغان تونۇرغا قاراپ تۇرۇپ كەينى - كەينىدىن ئۈچ ئۆزگىرىشنى سۆزلەپ بەردى: تونۇر مۇھىت ئاسرايدىغان بولدى، نان ياقساق ھارمايدىغان بولدۇق، كىرىمىمىز كۆپەيدى.
نۇرمەمەتنىڭ ئۆيى پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ غولتوغراق يېزىسى شورجەينەك كەنتىدە بولۇپ، ئىلگىرى ئەنئەنىۋى تونۇرغا كۈندە ئەڭ كۆپ بولغاندا 500 نان ياقاتتىكەن، ئايلىق كىرىمى 2000 يۈەنگە يەتمەيتتىكەن؛ ئادەم كۈچىنى كۆپەيتىپ كۆپرەك نان يېقىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، لېكىن كەنت كىچىك بولغاچقا ئۇنچە كۆپ ناننى سېتىپ بولالمايتتىكەن.
بۇلتۇر 11 - ئايدا، پەيزاۋات ناھىيەسىدە نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، نۇرمەمەت قاتارلىق 1000دىن ئارتۇق ناۋايخانا ئاچىدىغان تىجارەتچىنىڭ تەقدىرىدە ئۆزگىرىش بولدى: ئۇلار كەنتتىكى يەرلىك تونۇردىن ئايرىلىپ، بىرتۇتاش خىزمەت كىيىمى كىيىپ، نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسىدىكى ئازادە، يورۇق سېختا نان ياقتى. «خېمىر يۇغۇرۇش، نان راسلاش، نان يېقىش، ئوراپ قاچىلاش، سېتىش ئىش تەقسىماتى ئېنىق بولۇپ، بۇرۇنقىدەك ھېرىپ كەتمەيدىغان بولدۇق، كۆپچىلىكنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە كىرىمى بۇرۇنقىدىن 1000 يۈەندىن ئارتۇق كۆپەيدى» دېدى نۇرمەمەت بىلەن بىر ئىسمېنىدا ئىشلەيدىغان ئابدۇغېنى ھىمام.
10 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن كۆپرەك كېلىدىغان نان يېقىش سېخىدا، 200 تونۇر رەتلىك تىزىلغانىدى. بەزى ناۋاي ئۇستاملار نان يېقىش ئارىلىقىدا، مۇخبىرلارنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۆز كەچۈرمىشلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلەپ بەردى.
«مەن ھەم نان ياقالايمەن، ھەم گۈل چىقىرالايمەن. نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسى بىزنى يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھاملاندۇردى، مەن راسلىغان نانلاردا، قوش ئەجدىھانىڭ مەرۋايىت تالىشىشى، گۈل، قۇش، بىلىق قاتارلىقلارنىڭ شەكلى چۈشۈرۈلگەنلىرى، مىننەتدارلىق ۋە ئىتتىپاقلىق سۆزلىرى يېزىلغانلىرى بار» دېدى ناۋاي ئۇستام جۈمە تۇرسۇن.
«مەن ئۈرۈمچىدىن كەلگەن مۇئەللىمدىن دۇخوپكىدا ھەر خىل تەملىك توقاچ پىشۇرۇشنى ئۆگىنىۋالدىم، چىلان تەملىك، ئۈزۈم تەملىك، زىشۇ تەملىك قاتارلىق ئون نەچچە خىل تەمدىكى توقاچنىڭ سۈرىتىنى دوستلىرىمغا يوللاپ بەرگەنىدىم، ئۇلار ئىنتايىن قىزىقتى» دېدى نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسى تەتقىق قىلىپ ئېچىش مەركىزىدە پىراكتىكا قىلىۋاتقان رازىيە ھەبىبۇللا.
بۇ يىل، پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسى 2 - قارارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈشىگە ئەگىشىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپ ھالەتلىرى كەسىپلەر باغچىسىدىكى ئىشلەمچىلەرگە يېڭى تەرەققىيات بوشلۇقى يارىتىپ بەردى: ناۋاي ئۇستام تۇرغۇن تاھىر ئۆسۈملۈك باغچىسىغا بېرىپ، جەنۇبتىن كىرگۈزۈلگەن گۈل - گىياھلارنى ئۆستۈرۈشنى ئۆگەندى، نان راسلايدىغان زۆھرە ئابدۇرېشىت بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىگە كىرىپ نان ساتتى، يەنە بەزى ناۋاي ئۇستاملار نان يېقىشنى سىناپ بېقىش رايونىدا «تىرېنېر» بولدى، ياكى نان راسلاش، نان يېقىش سايمانلىرىنى ساتتى.
پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى پاڭ شۆچىن مۇنداق قارىدى: ئەنئەنىۋى نان يېقىش كەسىپ بولۇپ شەكىللەنگەندىن كېيىن، مۇقەررەر ھالدا ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ. نان ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى زورايدى، بۇ يىل كۈزدە بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمى 20 مىڭ مو كۆپىيىدۇ؛ ھەر خىل تەملىك نان يېقىشتا كۆپ خىل ئۇن، كۆكتات، مېۋە - چېۋە مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىغا ئېھتىياجلىق بولغاچقا، پۈتۈن ناھىيەنىڭ تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسى يەنىمۇ تەڭشىلىدۇ، ئۇن پىششىقلاش كارخانىلىرى، مېۋە مۇرابباسى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى قاتارلىق يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش كارخانىلىرى كۆپىيىۋاتىدۇ؛ «كارخانا+ھەمكارلىق كوپىراتىپى+ناۋايخانا» ئەندىزىسىنىڭ شەكىللىنىشى يېزىلاردا نان يېقىش ئۇسۇلىنىڭ ئۆزگىرىشى، ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپىنىڭ زورىيىشىنى ئىلگىرى سۈردى.
خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەر بۇ بىر يەردىلا ئەمەس. ھازىر قاغىلىقتا نانچىلىق كەسپى شەكىللەنگەندىن كېيىن، نان يېقىش ھۈنىرى بىلەن مەدەنىيەت - ساياھەت ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلۈپ، «كوئېنلۇندىكى بىرىنچى شەھەر، قەشقەردىكى ياخشى تەم» دېگەن ماركىنى چىقاردى.
قاغىلىق ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ھاكىم ياڭ جۈنباۋ مۇنداق دېدى: ناھىيە بازىرىدىكى خۇڭشىليۇ نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسىدا، ساياھەتچىلەر ئوخشاش بولمىغان تەمدىكى نان سېتىلىدىغان دۇكانلارغا كىرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلسا، تېتىپ كۆرسە بولىدۇ، «نان» باش تېما قىلىنغان مەدەنىيەت - سەنئەتتىن ھۇزۇرلانسا بولىدۇ؛ يېزا - كەنتلەردە نان پىششىقلاش ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى؛ كېيىنكى قەدەمدە، نان مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرى شىنجاڭ - شىزاڭ تاشيولىنى بويلاپ شىزاڭنىڭ ئالىغىچە ماكانلىشىدۇ.
نۆۋەتتە، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ نانچىلىق كەسپى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، 196 پىششىقلاش كارخانىسى ۋە دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى، 5425 يەككە سودا - سانائەتچى، 9461 تونۇر، يىللىق مەھسۇلاتى 1 مىليارد 208 مىليون نان، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 2 مىليارد 400 مىليون يۈەنلىك كۆلەمگە ئىگە بولغاندىن سىرت، نان تۈرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، سۈپەتلىك ماركا قۇرۇلۇشى، باشقۇرۇش ئەندىزىسى، ئىشلەپچىقىرىش ئۆلچىمى، تەمدە يېڭىلىق يارىتىش، سېتىش يوللىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە بازارغا يېقىندىن ئەگىشىپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ.
قەشقەر نېنىدىكى «18 خىل ئۆزگىرىش» ئەڭ ئاخىرىدا كەڭ ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرىدۇ. 2025 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، قەشقەر ۋىلايىتى نان مەھسۇلاتلىرىنىڭ يىللىق سېتىش كىرىمىنى تەخمىنەن 7 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، خام ماتېرىيال، ئوراپ قاچىلاش، ئەشيا ئوبوروتى، يېمەك - ئىچمەك مۇلازىمىتى قاتارلىق ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى تەخمىنەن 2 مىليارد 500 مىليون يۈەن بولىدۇ؛ شىنجاڭ سىرتىدا ناۋايخانا، ئوبراز دۇكىنىدىن 1000دىن ئارتۇقنى قۇرۇپ، 15 مىڭ ناۋاي ۋە سېتىش خادىمىنى شىنجاڭ سىرتىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.