تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

كۈز تۈسى قويۇقلىشىپ ئۈرۈمچى ئەتراپىدىكى ساياھەت، قىسقا مۇساپىلىك ساياھەت داۋاملىق جانلاندى

  شىنجاڭ تورى خەۋىرى (مۇخبىر لى كەي): ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كۈز ھاۋاسى ساپ ھەم سالقىن بولۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ساياھەتكە چىقىش قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، شەھەر ئەتراپى ساياھىتى، قىسقا مۇساپىلىك ساياھەت داۋاملىق ئەۋجىگە چىقتى.

  10-ئاينىڭ 18-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچىدىكى نۇرغۇن مەنزىرە رايونىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىنقى مەزگىلدە ھاۋا ئاساسەن ئوچۇق بولۇپ، ئۈرۈمچىدىكى نۇرغۇن مەنزىرە رايونى دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، بېلەت ئالماسلىق ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنى ساياھەتكە چىقىشقا جەلپ قىلغان.

  «كۈز پەسلىدىكى ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى رەڭگارەڭ تۈسكە كىرگەن بولۇپ، بىر بېرىپ كۆرۈپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ.» شەھەر ئاھالىسى لىن ۋەنيى شەنبە كۈنى شەھەرلىك ئۆسۈملۈكلەر باغچىسىغا كەلدى.

  لىن ۋەنيى مۇنداق دېدى: چۈشتىن بۇرۇن باغچىغا كىرىپ ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، بەزىلەر باغچىنى ئايلىنىۋېتىپتۇ، بەزىلەر كۆپ كىشلىك ۋىلىسىپىت مىنىۋېتىپتۇ، بەزىلەر بالىلارنى ئېلىپ كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرىدە ئويناۋېتىپتۇ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئاڭلىق ھالدا ماسكا تاقاپ، بىخەتەر جەمئىيەت ئالاقىسى ئارىلىقىنى ساقلاپتۇ.

  شەھەر ئاھالىسى ۋاڭ جۈن مۇنداق دېدى: ھەپتە ئاخىرىدا قوشنىلىرىم بىلەن بىللە تىيانشان ياۋايى ھايۋاناتلار باغچىسىغا باردۇق، بالىلار شىر، يولۋاس، پىل، بېگېموت قاتارلىق ھايۋانلارنى كۆرۈپ، ئىنتايىن خۇشال بولدى.

  ۋاڭ جۈننىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى ساياھەتتە مەنزىرە رايونىغا كىرىش بېلىتى ھەقسىز بولۇپ، ئۇلار پەقەت ئۆزلىرى ھەيدىۋالغان ئاپتوموبىلنىڭ ھەققى ئۈچۈن 90 يۈەندىنلا تۆلىگەن، چۈشتە ئۆزلىرى ئېلىۋالغان يېمەكلىكلەرنى يىگەن. كۈز كىرگەندىن بۇيان مەنزىرە رايونىدا ئېتىبار بېرىش پائالىيەتلىرى ئىنتايىن كۆپ، ھاۋامۇ ياخشى بولغاچقا، ئۇ قوشنىلىرى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرى ۋاقىت چىقىرىپ قىسقا مۇساپىلىك ساياھەتكە چىققان.

  «ھازىر دەل مەنزىرە رايونىدىكى دەرەخ يوپۇرماقلىرىنىڭ ئەڭ گۈزەل رەڭگە كىرىدىغان پەسلى.» 10-ئاينىڭ 18-كۈنى، تىيانشان چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونىدا، ساياھەتچى فۇ يۈنفېڭ كۈزدىكى يوپۇرماقلارنى سۈرەتكە تارتتى.

  تىيانشان چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونىدا چوڭ، كىچىك يوپۇرماقلىق ئەرمۇدۇن، قىزىل يوپۇرماقلىق تاشئالما، ئاق قېيىن دەرىخى، ئالما دەرىخى قاتارلىق كۆپ خىل دەل-دەرەخلەر ئۆستۈرۈلگەن بولۇپ، كۈزدە دەرەخ يوپۇرماقلىرىنىڭ رەڭگى ھەر خىل رەڭگە ئۆزگىرىپ ئاجايىپ گۈزەل تۈسكە كىرىدۇ.

  تىيانشان چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونى تىجارەت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ماۋ خۇڭجۈن مۇنداق دېدى: ئالدىن كېلىشىش، مۇۋاپىق ۋاقىت ئارلىقى قالدۇرۇش، ساياھەتچى ئېقىمىغا چەك قويۇش قاتارلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، مەنزىرە رايونى ھەپتە ئاخىرىدىكى ئىككى كۈندە 4000 كىشى ئەتراپىدا ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى، كۈتۈۋېلىش مىقدارى مۇقىم ئېشىپ، ئىلگىرىكى يىللاردىكى دۆلەت بايرىمى ئالتۇن ھەپتىلىكىدىن كېيىنكى مەزگىلگە قارىغاندا بىرقەدەر مۇقىم بولدى، بۇ يىل كۈز مەنزىرىسى قىسقا، مەنزىرە رايونلىرىنىڭ بېلىتى كەچۈرۈم قىلغانلىقتىن، ساياھەت قىزغىنلىقى سىجىل يۇقىرى بولدى.

  مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىنىڭ كۈز پەسلىدىكى گۈزەل مەنزىرىسىنى، پەقەت ئايلىنىپ كۆرگەندىلا ئاندىن چوڭقۇر ھېس قىلغىلى بولىدۇ. دۇڭگۇ يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ما يۈچيۇڭ مۇنداق دېدى: ھازىر، داۋانچېڭ رايونى دۇڭگۇ يېزىسى دەريا ۋادىسى ئىككىلەمچى ئورمان پىيادىلەر يولى بويىدىكى ئاق تېرەك، سۆگەت، قارىياغاچ يوپۇرماقلىرى سارغايدى، ساياھەتچىلەر پىيادە نەچچە كىلومېتىر يول يۈرۈپ كۈزدىكى گۈزەل مەنزىرىلەرنى سۈرەتكە تارتىپ ئىنتايىن خۇشال بولدى، ھەپتە ئاخىرىدا نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى بۇ يەردە پىيادە ماڭىدۇ.

  شىنجاڭ قەدىمىي ئېكولوگىيە باغچىسى ھەپتە ئاخىرىدا كۈز سەيلىسى قىلغىلى كەلگەن نۇرغۇن ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى. ساياھەتچى نىڭ ۋېي مۇنداق دېدى: كۈز پەسلىدە شىنجاڭ قەدىمىي ئېكولوگىيە باغچىسىدىكى قىزغۇچ سېرىق، سېرىق، يېشىل رەڭلەر ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن مەنزىرە ئىنتايىن گۈزەل بولۇپ، يەنە چەۋەندازلىق ماھارىتىنى كۆرگىلى بولىدۇ، بۇ يەر قىسقا مۇساپىلىك ساياھەتكە ناھايىتى ماس كېلىدۇ.

  يېما گۇرۇھى مەدەنىيەت، تەشۋىقات مەخسۇس خادىمى دۇ شۆمېي مۇنداق دېدى: ھەپتە ئاخىرىدىكى ئىككى كۈننىڭ ھەر كۈنىدە كۈتۈۋالىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى مىڭدىن ئاشىدۇ، مەنزىرە رايونىدىكى چەۋەندازلىق ماھارىتىنىمۇ ھەر كۈنى ئىككى مەيدان كۆرسىتىۋاتىمز، ساياھەتچىلەرنى ئېسىل چەۋەندازلىق ماھارىتىدىن ھۇزۇرلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىمىز.

  ئىگىلىنىشىچە، مۇشۇ ئايدىن باشلاپ 2021-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە، تىيانشان چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونى، غەربىي بەيياڭگۇ مەنزىرە رايونى، يەنخۇ مەنزىرە رايونى، خۇڭگۇاڭ تېغى مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئىشىك بېلىتى ھەقسىز بولىدىكەن، 10-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 2021-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە، تىيانشان ياۋايى ھايۋاناتلار باغچىسىنىڭ كىرىش بېلىتى ھەقسىز بولىدىكەن. مەنزىرە رايونلىرىدىكى ئېتىبار بېرىش پائالىيەتلىرى ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كۈز پەسلىدىكى گۈزەل مەنزىرىسى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ساياھەت قىزغىنلىقىنى داۋاملىق ئاشۇرغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ