جىڭ ناھىيەسىنىڭ تولى بازىرى ئۇلان دانداغاي كەنتى:
مەدەنىيەت يېڭى تۇرمۇشنى نۇرلاندۇردى
شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۇڭ ياۋېن
جىڭ ناھىيەسىنىڭ تولى بازىرى ئۇلان دانداغاي كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى جى. نەيدمە ھەر كۈنى كەنتنى سەيلە قىلىپ، كەنتتىكى دېھقانلارنىڭ قاتار كەتكەن رەتلىك ھويلىلىرىنى كۆرۈپ، تۈپتۈز يول ۋە پاكىز، ئازادە مەيداننى ئايلىنىپ، ناھايىتى ئازادىلىك ھېس قىلىدۇ.
ئۈچ يىل ئىلگىرى، تۇيۇقسىز يەر تەۋرەپ، بۇ كەنتتىكى ئۆيلەر ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانىدى. بۈگۈنكى كۈندە، قاتار - قاتار ئەمىن ئۆيلەر قەد كۆتۈرۈپ، يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھەلەر ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، ئۇلان دانداغاي كەنتى يېڭى ھاياتىي كۈچكە تولدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چېھرىدە بەخت تەبەسسۇمى جىلۋىلەندى.
يەر تەۋرەشتىن كېيىن يېڭى يۇرت - ماكان قۇرۇش
«پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە، بىز ئۆرۈلۈپ كەتكەن كونا ئۆينىڭ ئورنىغا ئۈچ ياتاقلىق، ئىككى زاللىق يېڭى ئۆي سالدۇق، تەرەت تۇڭى، تەبىئىي گاز، توك پار قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بار. ھويلىدا كۆكتات تېرىغىلى، گۈل ئۆستۈرگىلى، باقمىچىلىق قىلغىلى بولىدۇ، كۈنلىرىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى. بىز پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە چىن قەلبىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز.» 10 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تاڭ ئەمدىلا يورۇشى بىلەن، جى. نەيدمە ئورنىدىن تۇرۇپلا ھويلىنى سۈپۈرۈپ تازىلىدى، ئالما دەرىخىدىكى مەي باغلاپ پىشقان قىپقىزىل ئالمىلارغا قاراپ چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلەندى.
يەر تەۋرەشتىن كېيىن، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىدا، شۇ جاينىڭ ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتى تېز باشلاندى. جىڭ ناھىيەسى ئىلمىي پىلانلاپ، ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشنى يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاش، گۈزەل، ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان يېزا - كەنت قۇرۇشنىڭ پۇرسىتى قىلدى. 2017 - يىلىدىن ھازىرغىچە، جىڭ ناھىيەسى 551 مىليون 838 مىڭ يۈەن تۈرلۈك ياردەم پۇلى مەبلىغى سېلىپ، ئاپەتتىن كېيىن 11 مىڭ 266 يۈرۈش ئۆينى قايتا سالدى.
ئۇلان دانداغاي كەنتى ئاپەتكە ئۇچرىغان كەنت ئاھالىلىرىگە مەركەزلىك پىلانلاپ ئۆي سېلىپ بەردى، تۆت كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسىدىكى 210 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى يېڭى تۇرالغۇ نۇقتىسىغا كۆچۈپ كەلدى. ھەربىر يېڭى ئۆينىڭ كۆلىمى 80 كىۋادرات مېتىر، ئۆينىڭ ھويلا قۇرۇلمىسى ۋە تاشقى كۆرۈنۈشى بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، سۇ، توك تۇتاشتۇرۇلدى، ئاسفالت يول ياسىلىپ، يول چىرىغى ئورنىتىلدى.
ناخشا ئېيتىپ پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى كۈيلەش
10 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، كەنت ئاھالىسى ۋۇ. بايىرتانىڭ ئۆيىگە كىرگىنىمدە، لەرزان ناخشا ساداسى ئاڭلاندى. ۋۇ. بايىرتا ئات باشلىق غېجەك چېلىپ، ئۇچىسىغا رەڭدار، كۆركەم موڭغۇلچە تون كىيىپ، كارىۋات قىرىدا ئولتۇرۇپ، 85 ياشلىق ئانىسىغا «جاڭغىر» ئېيتىپ بېرىۋاتاتتى.
«مەن كىچىك ۋاقتىمدا چوڭلاردىن <جاڭغىر> ئېيتىشنى ئۆگەنگەن، ھازىر ئانام ياشىنىپ قالدى، ۋاقتىم چىقسىلا ئۇنىڭغا ئېيتىپ بېرىمەن.» بۇ يىل 56 ياشقا كىرگەن ۋۇ. بايىرتا جاڭغىر ۋارىسى، ھەر قېتىم كەنتتە ئەدەبىيات - سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەندە، ئۇ كەنت ئاھالىلىرىگە پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىدۇ.
«پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنىڭ ياردىمىدە، بىز يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپلا قالماي، يەنە مۇقىم خىزمىتىمىز بار بولدى، بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۇق، مەن ناخشام ئارقىلىق ئۇلۇغ پارتىيەنى، ئۇلۇغ ۋەتەننى كۈيلەيمەن» دېدى ۋۇ. بايىرتا.
كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى گۇڭ. تۆربايىر مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يەردە موڭغۇل ئامما كۆپ، كەنت كەنت ئاھالىلىرىنى تەشكىللەپ، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئامما ياقتۇرىدىغان شەكىل ئارقىلىق ھەربىر كەنت، ھەربىر ئائىلىگە جانلىق تەشۋىق قىلىپ، ئاممىغا چۈشەندۈردى، ئاممىنى خۇشال قىلدى.
كەنت مەدەنىيەت پائالىيەت مەركىزىدە، بىر چوڭ سەھنە ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ئارىلاپ - ئارىلاپ ئەدەبىيات - سەنئەت پائالىيىتى تەشكىللەيدۇ، كەنت ئاھالىلىرى چىرايلىق كىيىملەرنى كىيىپ، ئۆزى تۈزۈپ، ئۆزى تەييارلىغان نومۇرلارنى ئورۇنلاپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، گۈزەل تۇرمۇشنى بىرلىكتە مەدھىيەلەيدۇ.
«كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ماددىي تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۆستى، مەنىۋى تۇرمۇشىمۇ ياخشىلىنىشى كېرەك، بىز مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئۇزاق مۇددەت قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن كەنتتىكىلەرنىڭ روھىنى كۆتۈرەڭگۈ قىلىمىز» دېدى گۇڭ. تۆربايىر.
قۇملۇق ئۆرپ - ئادەت ساياھىتى كەنت ئاھالىلىرىنى بېيىتتى
ئەۋزەل قۇملۇق بايلىقى ئۇلان دانداغاي كەنتىنىڭ ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىدىكى مۇنبەت تۇپراق.
قۇملۇقتا پىيادە مېڭىش، قۇمدا سىيرىلىش، دېھقانلار تامىقى يېيىش... جىڭ ناھىيە بازىرىدا ئولتۇرىدىغان لى چياڭ ئۇلان دانداغاي كەنتىنىڭ دائىملىق مېھمىنى، «بۇ جاي ناھىيە بازىرىغا ناھايىتى يېقىن، ھەپتە ئاخىرىدا دائىم دوستلىرىم بىلەن دېيىشىپ، بىللە ئوينىغىلى كېلىمەن، بىز قۇملۇق دالا تۈرىدىن ھۇزۇرلىنىپلا قالماي، يەنە بۇ جاينىڭ خاس مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلالايمىز».
ساياھەتچىلەرنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كەنت ئاھالىسى با. سويۇلبات دېھقانلار ئارامگاھى ئاچتى. «ئۆكتەبىر بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە سودا ناھايىتى ياخشى بولدى، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى ئارامگاھتا مېھمانلارنى كۈتۈپ ئالدىراش بولۇپ كەتتۇق. گەرچە ناھايىتى چارچىغان بولساقمۇ، لېكىن كىرىممۇ كۆپ بولدى.» با. سويۇلباتنىڭ چىرايىدىن كۈلكە يېغىپ تۇراتتى، ساياھەتنىڭ ئاۋات پەسلىدە ئۇنىڭ بىر ئايلىق كىرىمى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغان بولۇپ، كۈنلىرى ئىنتايىن ياخشى ئىدى.
«كەنتنىڭ قۇملۇق بىلەن بولغان ئەڭ يېقىن ئارىلىقى 600 مېتىرلا كېلىدۇ. بىز قۇم تىزگىنلەش جەريانىدا قاقاس قۇملۇقتا تەرەققىيات سودا پۇرسىتى بارلىقىنى، يەنى قۇملۇق ساياھىتى قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى بايقىدۇق.» گۇڭ. تۆربايىر مۇنداق تونۇشتۇردى: كەنت قۇملۇق ئېكسپېدىتسىيەسى، قۇملۇقتا پىيادە مېڭىش، قۇملۇقتا تاختا بىلەن سىيرىلىش، قۇم بىلەن داۋالاش، دالىدا موتوسىكلىت مىنىش قاتارلىق تۈرلەرنى قانات يايدۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ دېھقانلار ئارامگاھى، پۇقراۋى قونالغۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ئىلھام بەردى، مەدەت بەردى.
«كېيىنكى قەدەمدە، بىز غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋارىسلىرى قاتارلىقلارنىڭ باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مىللىي ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيەت ساياھىتىنى دېھقانچىلىق ئىشلىرى، دېھقانلار قورۇمىلىرى، دېھقانلار ھويلا - ئاران مەنزىرىسىنى كۆرسىتىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى يېزا - كەنت ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلەيمىز» دېدى گۇڭ. تۆربايىر.