تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«تۆت بالدۇر» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش -تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى

«تۆت بالدۇر» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ، ۋەزىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، چىڭ تۇتۇپ «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش»تىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، يوچۇقلارنى ئېتىپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ قايتا كۆرۈلۈشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغدىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھازىر پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ نورمال تەرتىپى ئاساسىي جەھەتتىن ئەسلىگە كەلدى، لېكىن خەلقئارادا يۇقۇم ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ، كىرىش خاراكتېرلىك تارقاق تارالغان ئاغرىق مىساللىرى ۋە قىسمەن دائىرىدە يۇقۇم پارتلاش خەۋپ - خەتىرى يەنىلا مەۋجۇت، «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ كۈز، قىش پەسىللىك تارقىلىشچان زۇكام بىلەن گىرەلىشىپ كېتىش خەۋپ - خەتىرىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ھەقىقىي تۈردە مەسئۇلىيەت ئېڭى، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى باشتىن - ئاخىر چىڭىتىپ، سىياسىيدا، ئىدىيەدە، ھەرىكەتتە ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جەڭ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى قىلىشنىڭ مۇكەممەل تەييارلىقىنى ياخشى قىلىپ، بوشاشماي، بوشاشتۇرماي، دىققەتنى «تۆت بالدۇر» تەلىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش»تىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى بىرتەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ئىشەنچى بولۇش، ئىقتىدارى بولۇش، ئىرادىسى بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش»تىن ئىبارەت ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرىنى جەزمەن بوشاشماي دائىم تۇتۇش، ئۇزاققىچە بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك. «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش»تىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چېگرا پورتىدا، نۇقتىلىق سورۇنلاردا، نۇقتىلىق كىشىلەر توپى ئارىسىدا دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن زەنجىرلىك يېپىق ھالقىسىمان باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىشى، يۈرۈشۈشىنىڭ تېخىمۇ راۋان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقۇمنىڭ كىرىش خەۋپ - خەتىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش كېرەك. «ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش»تىكى تۈرلۈك تەلەپلەرنى ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، بۇنىڭ يادروسى «تۆت بالدۇر» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئاچقۇچى كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىش، دىققەتنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، كۆپ نۇقتىلىق قوزغىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆزىتىپ ئۆلچەش تورىنى زىچ توقۇپ، پۇختا توقۇپ، ۋاقتىدا بايقاش، تېز بىر تەرەپ قىلىش، دەل جايىدا باشقۇرۇش - تىزگىنلەش، ئۈنۈملۈك قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ۋە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، داۋالاش - سەھىيە مۇلازىمىتى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش سۈپىتى، ئۈنۈمى ۋە ئۈسكۈنىلەرنىڭ يۈرۈشۈش بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەت ئالدىدا چارە - تەدبىرلىك بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي مەسئۇلىيەت، تەۋەلىك مەسئۇلىيىتى، ئاساسلىق باشقۇرغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى دەرىجىمۇدەرىجە چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، ھۆكۈم قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «قايتا قاراپ چىقىش»نى دائىملاشتۇرۇپ قانات يايدۇرۇپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش - تەكشۈرۈش، يېتەكچىلىك قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى قاتتىق تۇتۇپ، قاتتىق باشقۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم - كوتسىز دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، جاڭ چۇنلىن، ۋاڭ مىڭشەن، جاۋ چۇڭجيۇ، جاۋ چىڭ، مەڭلىك سېيىت، ليۇ جيەنشىن، ۋەن خەيچۈەن، ياڭ يۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ