تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتەيلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شېنجېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يىلتىزى خەلقتە، جان تومۇرى خەلقتە. باش شۇجى شى جىنپىڭ شېنجېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى تەكىتلەپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنىڭ بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز ئىكەنلىكىنى، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايوننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتىنى بۇ نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش كېرەكلىكىنى چوڭقۇر كۆرسىتىپ بەردى.

پارتىيەنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشتىكى تۈپ مەقسىتى خەلقنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈندۇر. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى قاينام - تاشقىنلىققا تولغان ئۇلۇغ ئەمەلىيەت بىزگە شۇنى بىلدۈردىكى: جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى، شۇنداقلا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى. 40 يىلدىن بۇيان، شېنجېن خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى، مائارىپ، داۋالاش، تۇرالغۇ قاتارلىقلاردا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى ئىشقا ئاشۇردى، 2019 - يىلى ئاھالىلەرنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 62 مىڭ 500 يۈەنگە يېتىپ، 1985 - يىلىدىكىدىن 31.6 ھەسسە ئېشىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى باشلامچىلىق بىلەن تاماملاپ، كىيىنىش - تويۇنۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىن يۇقىرى سۈپەتلىك ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگىچە بولغان تارىخىي خاراكتېرلىك ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى. «جەزمەن خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈش كېرەك»، بۇ، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلارنىڭ 40 يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشتا توپلىغان قىممەتلىك تەجرىبىسى، ئۇنى جەزمەن ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، ئۇزاققىچە قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۈزلۈكسىز بېيىتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «تۇرمۇشنىڭ ياخشى ئۆتكەن - ئۆتمىگەنلىكىدە خەلق ئاممىسىنىڭ ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقى بار.» ھازىر، دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتتە پۈتۈن ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش يۈز بەردى، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان تەلىپى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلار خەلقنىڭ يېڭى ئارزۇسىغا ماسلىشىپ، خەلق ئاممىسى ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئىنكاسى كۈچلۈك، قايتا - قايتا كۆرۈلۈۋاتقان مەسىلىلەرنى چىقىش قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، تۇرالغۇ، كۈتۈنۈش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، جەمئىيەت ئامانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى بىر - بىرلەپ ياخشى ھەل قىلىپ، تىرىشىپ خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى سۈپىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشى، بەخت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىشى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك. تەرەققىياتنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ئۆستۈرۈشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئاممىۋى بايلىقنىڭ ئاساسىي قاتلامغا كېڭىيىشىگە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، ئەلا سۈپەتلىك، تەڭپۇڭ ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، تولۇق قاپلىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىشى كېرەك. دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى قىلچە بوشاشتۇرماي ياخشى تۇتۇپ، تەجرىبە - ساۋاقلارنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بىلىپ ئاممىۋى سەھىيەدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلىشى كېرەك. بولۇپمۇ شېنجېن خەلق تۇرمۇشى بەخت ئۆلچەم بايرىقى بەرپا قىلىشنى كۆزدە تۇتۇپ، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان، ئورتاق بېيىيدىغان خەلق تۇرمۇشى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى باشلامچىلىق بىلەن شەكىللەندۈرۈپ، بالىلار مېھىرلىك تەربىيەلىنىدىغان بولۇش، ئوقۇيدىغانلار سۈپەتلىك ئوقۇيالايدىغان بولۇش، ئىشلىگەنلەر كۆپ ھەق ئالالايدىغان بولۇش، ئاغرىقلار ياخشى داۋالىنالايدىغان بولۇش، ياشانغانلار ئوبدان كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، ئۆيسىزلەر ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان يەردە ئولتۇرالايدىغان بولۇش، ئاجىزلارنى ئاۋام يۆلەيدىغان بولۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئەڭ چوڭ ھاياتىي كۈچى ئاساسىي قاتلام ۋە ئامما ئارىسىغا مۇجەسسەملەنگەن. ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلارنىڭ 40 يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش مۇساپىسىدە باسقان ھەر بىر قەدىمى ئاسانغا توختىمىدى، ھەممىسىدە جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىلدى، ھەممىسى خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىشىدىن ئايرىلالمىدى. بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى شارائىتى ۋە تاشقى مۇھىتىدا چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولماقتا. ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۈكلىگەن تارىخىي بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى، بولۇپمۇ خەلق ئاممىسىنىڭ ئىجادكارلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىشى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە ئىپادىلىگەن ئارزۇسى، ياراتقان تەجرىبىسى، ئىگە بولغان ھوقۇقى، جارى قىلدۇرغان رولىغا ھۆرمەت قىلىپ، خەلق ئاممىسى ئارىسىدىن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون تەرەققىياتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز قوبۇل قىلىپ، خەلق ئاممىسى ئارىسىغا مۇجەسسەملەنگەن ئىجادىيەت ئۇلۇغ كۈچىنى تولۇق قوزغىتىپ، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ، كەسىپ تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.

خەلق تارىخنىڭ ياراتقۇچىسى، خەلق پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئەڭ زور ئىشەنچى. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، مەيلى قانچىلىك خىرىس ۋە بېسىمغا دۇچ كېلىشتىن، مەيلى قانچىلىك قۇربان بېرىش ۋە بەدەل تۆلەشتىن قەتئىينەزەر، ھەممىسىدە باشتىن - ئاخىر خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، خەلققە چىڭ تايىنىش، خەلققە ئۈزلۈكسىز بەخت يارىتىش، خەلق ئارىسىدا پۇختا يىلتىز تارتىشتا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر خەلق ئويلىغاننى ئويلاپ، خەلق بىلەن بىللە ئىشلىسەك، پارتىيەمىز چوقۇم جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئارزۇسى يۈكلەنگەن پاراخوتنى دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىتىپ، شانلىق قىرغاققا غەلىبىلىك باشلاپ بارالايدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ