تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تەپەككۇر ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى قوزغىتىش

− مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۇكاپاتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشقا تەشكىللەش مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى نامراتلارنى يۆلەش پۇل مۇئامىلە ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ شىنجاڭ شۆبە بۆلۈمى توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ يۇڭفېي

«پۇل مۇئامىلە مەدىتىگە ئېرىشتۇق، بىز تېرىقچىلىق كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولىمىز» دېدى 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چېنگۇاڭ بىيو پەن - تېخنىكا گۇرۇھى يەكەن چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى شى شۇجاڭ. بۇ شىركەت جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى نامراتلارنى يۆلەش پۇل مۇئامىلە ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ شىنجاڭ شۆبە بۆلۈمى يەكەن ناھىيەسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا كۈچ قوشۇش ئۈچۈن كىرگۈزگەن كارخانا بولۇپ، بۇ يىل يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى نامراتلارنى يۆلەش پۇل مۇئامىلە ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ شىنجاڭ شۆبە بۆلۈمى بۇ شىركەتكە 170 مىليون يۈەن قەرز پۇل بەردى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى نامراتلارنى يۆلەش پۇل مۇئامىلە ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ شىنجاڭ شۆبە بۆلۈمى كەسىپ ۋە تۈردىن ئىبارەت ئىككى كۈچەش نۇقتىسىنى نىشانلاپ، تەپەككۇردا يېڭىلىق يارىتىپ، قەرزنى ئۈستىگە ئېلىش سۇبيېكتى بولماسلىق ۋە رەنىلىك كېپىل ئىقتىدارى يېتەرلىك بولماسلىقتىن ئىبارەت ئىككى قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىپ، نامرات رايونلارنىڭ «قان ئىشلەش ئىقتىدارى»نى كۈچەيتتى. 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، بۇ شۆبە بۆلۈم مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۇكاپاتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشقا تەشكىللەش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

كەسىپ ۋە تۈردىن ئىبارەت قوش چاق بىلەن تۈرتكە بولۇش

ھازىر توقسۇ ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ جىددىي داۋالاش كېسەلخانىسى ئۇنىۋېرسال بىناسى ھەم ئۇنىڭ يانداش قوشۇمچە ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى ئوڭۇشلۇق بولۇۋاتىدۇ، يىل ئاخىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى مۆلچەرلەنمەكتە. بۇ تۈرنىڭ ئالغا سىلجىتىلىشى يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى نامراتلارنى يۆلەش پۇل مۇئامىلە ئىشلىرى بۆلۈمى شىنجاڭ شۆبە بۆلۈمىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش تۈر مەبلىغى جەھەتتە قوللىشىدىن بولدى.

يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى نامراتلارنى يۆلەش پۇل مۇئامىلە ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ شىنجاڭ شۆبە بۆلۈمى شىنجاڭنىڭ، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلىرى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئاجىز ھالقىلارغا قارىتا، يېزا ئىگىلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېزا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا نىشانلىق كۈچەپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنىڭ دەل جايىدا بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈردى.

كەسىپ جەھەتتە، بۇ شۆبە بۆلۈم مەۋقەنى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، تەسىر كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش دائىرىسى كەڭ بولغان خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى تاللاپ كۈچىدى، تۈر قۇرۇلۇشى جەھەتتە، نامرات رايونلارنىڭ قاتناش، سۇچىلىق قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىنى چۆرىدەپ كۈچ سەرپ قىلدى.

پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش سۈرئىتىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى نامراتلارنى يۆلەش پۇل مۇئامىلە ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ شىنجاڭ شۆبە بۆلۈمى خادىملارنى سەپلەش جەھەتتە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا مايىللىشىپ، ئىقتىدارى گەۋدىلىك تېخىمۇ كۆپ كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا سەپلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى باھالاش چارىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىگە قارىتا ئايرىم گۇرۇپپىلىدى، ئايرىم كۆرسەتكۈچ چۈشۈردى، ئايرىم باھالىدى.

كىرگۈزۈش ۋە ئىناۋەتنى ئاشۇرۇشتا كۈچ ئۇلاپ بۆسۈش ھاسىل قىلىش

كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش داۋامىدا، قەرزنى ئۈستىگە ئېلىش سۇبيېكتى كەمچىل بولۇش ۋە رەنىلىك كېپىل ئىقتىدارى يېتەرلىك بولماسلىق يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى نامراتلارنى يۆلەش پۇل مۇئامىلە ئىشلىرى بۆلۈمى شىنجاڭ شۆبە بۆلۈمىنىڭ قەرز پۇل بېرىشىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان ئىككى قىيىن مەسىلە ئىدى. «شۇڭا بىزنىڭ ئەندىزىدە يېڭىلىق يارىتىپ، شارائىت يارىتىپ <قەرز ئالالماسلىق> مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىمىزغا توغرا كەلدى» دېدى يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى دۇ يەنكۇن.

قەرزنى ئۈستىگە ئېلىش سۇبيېكتى بولمىسا قانداق قىلىش كېرەك؟ بىرى «كىرگۈزۈش»؛ بىرى «قۇرۇش» كېرەك. 2019 - يىلى يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى نامراتلارنى يۆلەش پۇل مۇئامىلە ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ شىنجاڭ شۆبە بۆلۈمى ئىچكىرى رايونلاردىكى ۋە شىنجاڭ ئىچىدىكى 11 نۇقتىلىق كارخانىنى كىرگۈزۈپ جەنۇبىي شىنجاڭغا ماكانلاشتۇرۇپ، بۇ كارخانىلارغا جەمئىي 2 مىليارد 56 مىليون يۈەن ئىناۋەتلىك قەرز پۇل بەردى. بۇنىڭدىن باشقا، يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسىنىڭ شىنجاڭ شۆبە بانكىسى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ۋە ئەقىل كۆرسىتىش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، نامرات رايونلارنىڭ يەتتە شىركەت قۇرۇشىغا ياردەملەشتى.

بەزى جايلاردا قەرزنى ئۈستىگە ئېلىش سۇبيېكتى بار بولسىمۇ، لېكىن مەبلەغ ئىناۋىتى يېتەرلىك ئەمەس، رەنىلىك كېپىل كەمچىل ئىدى. بۇ بوغما ھالەت چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاش ئۈچۈن، يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى نامراتلارنى يۆلەش پۇل مۇئامىلە ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ شىنجاڭ شۆبە بۆلۈمى ئىلگىرى - كېيىن يېڭىلىق يارىتىپ، تەمىنلەش زەنجىرى پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت ئەندىزىسى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا «ھۆكۈمەت ئىناۋەتنى ئاشۇرۇش» ئەندىزىسىنى يولغا قويدى.

بۇ يىل يۇقۇم مەزگىلىدە، شىنجاڭ كوئېنلۇن لۈيۈەن يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا تەرەققىيات (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئوبوروت قىلىنىدىغان نەق پۇل يېتىشمەسلىك مەسىلىسىگە دۇچ كېلىپ، يەم - خەشەك بىلەن تەمىنلەشتە كىرىزىسكە ئۇچرىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ شىركەت مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشتە يەنە رەنە بۇيۇمى يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىگە دۇچ كەلدى. يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى نامراتلارنى يۆلەش پۇل مۇئامىلە ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ شىنجاڭ شۆبە بۆلۈمى بۇ شىركەتنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، پىكىر يولىدا يېڭىلىق يارىتىپ، زاكازلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، كارخانىغا 160 مىليون يۈەن قەرز پۇل بەردى.

نامراتلارنى يۆلەش بىلەن ئىرادە جەھەتتىن يۆلەشنى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈش

ئەجىر يەردە قالمايدۇ، يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى نامراتلارنى يۆلەش پۇل مۇئامىلە ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ شىنجاڭ شۆبە بۆلۈمى نامراتلارنى يۆلەش قەرز پۇل بېرىش سۈرئىتىنى تېزلەتتى. 2019 - يىلى بۇ شۆبە بۆلۈم جەمئىي 43 مىليارد 929 مىليون يۈەن قەرز پۇل تارقاتقان بولۇپ، باش بانكا چۈشۈرگەن ۋەزىپىنىڭ تەخمىنەن ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كەلدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى توققۇز ئېيىدا، بۇ بانكا جەمئىي 41 مىليارد 569 مىليون يۈەن نامراتلارنى يۆلەش قەرز پۇلى تارقىتىپ، باش بانكا چۈشۈرگەن پۈتۈن يىللىق ۋەزىپىنى %178.41 ئورۇندىدى، بۇنىڭ بىلەن نامراتلىق قالپىقى ئېلىۋېتىلمىگەن ئون نامرات ناھىيەگە پۈتۈن يىللىق قەرز پۇل بېرىش ۋەزىپىسىنى مۇددەتتىن يېرىم يىل بۇرۇن ئاشۇرۇپ ئورۇندىدى.

بۇلتۇردىن بۇيان، يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى نامراتلارنى يۆلەش پۇل مۇئامىلە ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ شىنجاڭ شۆبە بۆلۈمى كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەپ، نامرات ئائىلىلەردىكى جەمئىي 67 مىڭ 500 كىشىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى؛ تۈر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش بويىچە نامرات ئائىلىلەرگە جەمئىي 858 مىڭ ئادەم قېتىم مۇلازىمەت قىلدى، تۈرتكە بولدى.

بوجېڭ يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ خوتەن ناھىيەسى يېڭىئاۋات يېزىسىدىكى ئوت - چۆپ ئۆستۈرۈش بازىسىدا، يىلدا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ئوت - چۆپ 250 مىڭ توننىغا، بېقىلىدىغان گۆش قويى 650 مىڭغا يېتىدۇ. بۇ يىل، يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسىنىڭ شىنجاڭ شۆبە بانكىسى بۇ شىركەتكە 220 مىليون يۈەن قەرز پۇل بەردى. بۇ تۈر نامرات ئائىلىدىكىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. يېڭىئاۋات يېزىسى يېڭىئاۋات كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى نۇرجاھان قېيۇم بىلەن ئېرىنىڭ بۇ يەردە ئىشلەۋاتقىنىغا ئىككى يىل بولدى. «ئىككىمىزنىڭ ئايلىق مائاشى جەمئىي 7500 يۈەن، ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ!»

كەسىپ ۋە تۈرلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، زور بىر تۈركۈم نامرات ئائىلىدىكىلەر دېھقاندىن كەسىپ ئىشچىسىغا ئايلاندى. «تۈر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تەبىئىي مۇھىت ۋە جەمئىيەت مۇھىتى جەھەتتىن نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ئىنتايىن پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بەردى. نامرات ئائىلىلەر نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، ئىدىيە قارىشىمۇ <مېنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇر>دىن <مەن نامراتلىقتىن قۇتۇلىمەن>گە ئۆزگەردى» دېدى يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن بانكا باشلىقى جېڭ بىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى