كۇچا شەھىرى دۆڭقوتان بازىرىدىكى لازا ئېتىزىدا، ئىشچىلار لازىلارنى ئۆرۈپ قۇرۇتماقتا. (شىنخۇا تورى، رۇستەم فوتوسى)
شىنخۇا تورى، ئۈرۈمچى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى تېلېگىراممىسى (رۇستەم): يېقىندا، شىنجاڭ كۇچا شەھىرى لازا يىغىشنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى. كۇچا شەھىرى دۆڭقوتان بازىرىدا، 7000 مودىن ئارتۇق يەردىكى پىگمېنتلىق لازا پىشىپ، ئېتىز باشلىرىدا كەنت ئاھالىلىرى لازا ئۈزۈش، قۇرۇتۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، قۇرۇتۇش مەيدانىدا ئالدىراشلىققا تولغان مەنزىرە نامايان بولدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۇچا شەھىرى يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز تەڭشەپ، بازار ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ خاس لازا سورتىنى تېرىپ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.
كۇچا شەھىرى دۆڭقوتان بازىرىدىكى لازا ئېتىزىدا، ئىشچىلار لازىلارنى ئۆرۈمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تورى تارقاتقان (ۋۇ لې فوتوسى)
بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان كۇچا شەھىرى دۆڭقوتان بازىرىدىكى لازا قۇرۇتۇش مەيدانى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (يۈەن خۈەنخۈەن فوتوسى)