تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

جەلپكار ليەندۈي چوڭ قەدەم بىلەن يېتىپ كەلدى

بىڭتۇەن گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ يەن، پەن لىشىن، ما فۇچۈەن خەۋەر قىلىدۇ): 10-ئاينىڭ 14-كۈنى، 7-شى 130-تۇەن 7-ليەن پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ گاڭنىڭ مۇخبىرغا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:«ليەنىمىز جەمئىي 14 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، يېڭى يول ياساش، يول چىرىغى ئورنىتىش، ئەخلەت ساندۇقى قويۇش، ھاجەتخانىلارنى ئۆزگەرتىشكە ئىشلىتىپ، كىچىك ھەم مۇكەممەل، مۇكەممەل ھەم گۈزەل، كۆركەم بولغان بەختلىك ليەندۈي قۇرۇپ چىقتى».

بۇ يىل، 130-تۇەن 22 مىليون 785 مىڭ 600 يۈەن مەبلەغ سېلىپ، بىر قىسىم ليەندۈيلەرنىڭ ئىچىدىكى يوللارنى ئوڭشىدى، يوللارنى يورۇتۇش، سۇ بىلەن تەمىنلەش، سۇ چىقىرىۋېتىش قاتارلىقلارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتتى، بۈگۈنكى كۈندە، 130-تۇەننىڭ ھەرقايسى ليەندۈيلىرىدە ماڭغاندا، كۆز ئالدىڭىزدا پاكىز دېھقانلار ھويلىسى، ئازادە يوللار، رەڭدار مەدەنىيەت تېمى نامايان بولىدۇ...

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، 130-تۇەن ئىشچى-خىزمەتچى ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، ئىشچى-خىزمەتچى ئاممىنىڭ تۇرمۇشىدىكى قالاق ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىپ، ھەممە ھەرىكەتكە كېلىپ، ھەممە ئائىلە قاتنىشىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن «تۇرالغۇسى بىخەتەر، ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل، ئىقتىدارى تولۇق، سەپەرگە چىقىش قولايلىق، مۇھىتى پاكىز» بولغان گۈزەل يۇرت-ماكاننى قۇرۇپ چىقتى.

يېقىندا، 130-تۇەن 20-ليەنىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىسى ئابدۇخالىق قاسىماخۇن ئائىلىسىنىڭ كىچىك ھويلىسى 130-تۇەندىكى «ئەڭ گۈزەل ھويلا» بولۇپ باھالاندى. «ئائىلە ھاجەتخانىسىنى ئۆزگەرتىشتىن كېيىن، تۇرۇبا راۋانلاشتى، ھازىر ليەندۈينىڭ ئازادە، يورۇق ئۆيىدە تۇرۇۋاتىمىز، بىنا ئۆيدىنمۇ راھەت» دېدى ئابدۇخالىق قاسىماخۇن خۇشال ھالدا.

دېرىزىنى ئىتتىرگەندە يېشىللىقنى كۆرۈش، باشنى كۆتۈرگەندە مەنزىرىدىن ھۇزۇرلىنىش، قەدەمنى يۆتكىگەندە خۇش ھىدنى پۇراش. 130-تۇەن ھويلا-ئاران پاكىز، رەتلىك، ئورۇنلاشتۇرۇش مۇۋاپىق، كۆركەم، ئازادە بولۇش تەلىپى بويىچە، «مۇھىت تازىلىقى پاكىز بولۇش، ئورۇنلاشتۇرۇش تەرتىپلىك بولۇش، ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىش ئېڭى كۈچلۈك بولۇش، ھويلا-ئاراننى ئىجادىي ماسلاشتۇرغان بولۇش، دەل-دەرەخ، گۈل-چېچەك ئۆستۈرگەن بولۇش، ئائىلە ئىستىلى، ئائىلە تەربىيەسى ياخشى بولۇش» ئۆلچىمى بويىچە، پۈتۈن تۇەن بويىچە «ئەڭ گۈزەل ھويلا-ئاران»دىن 15 ئائىلىنى باھالاپ چىقىپ، كىچىك ئائىلە گۈزەللىكى ئارقىلىق چوڭ ئائىلە گۈزەللىكىگە تۈرتكە بولۇپ، ئائىلىنىڭ يېڭى قىياپىتى ئارقىلىق ليەندۈيلەرنىڭ مۇھىت قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ گۈزەل ليەندۈينى ئورتاق بەرپا قىلدى.

گۈزەل مۇھىتنى كۆپچىلىك ئورتاق يارىتىدۇ. 130-تۇەننىڭ ھەرقايسى ليەندۈيلىرى مۇھىت تازىلىقىنى قەرەللىك تۈزەشنى قانات يايدۇرغاندىن باشقا، يەنە «ئىشىك ئالدىدا بەشنى ھۆددىگە بېرىش» مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، دائىرە بويىچە باشقۇرۇش، بۆلەكلەر بويىچە ھۆددىگە ئېلىپ تۇتۇش، كۈندىلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، تەكشۈرۈپ باھالاش قاتارلىق بىر قاتار تۈزۈملەرنى تەدرىجىي ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆزىنى ئۆزى نازارەت قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ليەندۈينىڭ مۇھىتىنى تۈزەش ۋە ئۇزاق ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش، پەرۋىش قىلىشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى ھەقىقىي تۇتاشتۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ دائىملىشىشى، ياخشى يۈرۈشۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال تۈزەشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك بولۇشى، دائىملىشىشى، ئىنچىكىلىشىشىگە تۈرتكە بولدى.

ئۆزگىرىۋاتقىنى مۇھىتلا ئەمەس، ئىشچى-خىزمەتچى ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشى، كىرىمىنىڭ سىجىل ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ساغلام، مەدەنىي، يۇقىرى ئۆرلەيدىغان ئىجتىمائىي كەيپىيات 130-تۇەندە شەكىللەندى، كەسىپلەر گۈللەنگەن، ئېكولوگىيەسى ياشاشقا باب كېلىدىغان، يېزا ئىستىلى مەدەنىي، ئىدارە قىلىنىشى ئۈنۈملۈك، تۇرمۇش باياشات بولغان جەلپكار ليەندۈي چوڭ قەدەم بىلەن يېتىپ كەلدى ...

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ