تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

چارچاش ھېسسىياتىنىمۇ قەرەللىك تازىلاپ تۇرۇش كېرەك

   دائىم بەزىلەرنىڭ «روھىي جەھەتتىن بەك چارچاپ كەتتىم» دېگىنىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز، بىر ھەپتىنىڭ بەش كۈنىدە خىزمەت قىلىپ، بىرىنچى كۈندىن باشلاپلا ھەپتە ئاخىرىنى كۈتۈشكە باشلايمىز، ئىشتىن چۈشۈپ چارچاپ كەتكەن بەدىنىمىزنى سۆرەپ دېگۈدەك ئۆيگە قايتىمىز، سافاغا چاپلىشىپ يېتىشتىن باشقا ھېچ ئىشنى قىلغۇمىز كەلمەيدۇ، ئاران تەستە ھەپتە ئاخىرىنى كۈتۈۋېلىپ، ئاخىرى قېنىپ ئۇخلاش ئارزۇيىمىزغا يېتىمىز، زاكاز قىلغان تامىقىمىزنى پەسكە چۈشۈپ ئېلىشمۇ بىزنى ھارغۇزىۋېتىدۇ... ئۇزۇنغا سوزۇلغان يىغىن، تالاي قېتىم ئۆزگەرتىلگەن دوكلات، ئۇششاق-چۈششەك خىزمەت، يەنە بالىلارنىڭ مەكتىپىدىكى ھەرۋاقىت دىققەت قىلىپ تۇرۇشىمىزغا تېگىشلىك بولغان يېڭى ئۇچۇرلار، تەكرار ئىشلەپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان تاپشۇرۇقلار... بۇلارنىڭ ھەممىسى كىشىنى روھىي جەھەتتىن چارچىتىدۇ.

   ئىنچىكە كۆزەتسىڭىز شۇنى بايقايسىزكى، گەرچە ھەپتە ئاخىرى، دەم ئېلىش كۈنلىرى بولسىمۇ چوڭ مېڭىمىز بىكار قالمايدۇ: تۇرمۇشتىكى ھەربىر ئىشنى تەرتىپلىك بىر تەرەپ قىلماقچى بولىسىز؛ ئەتراپتىكى خىزمەتداشلىرىڭىز، رەھبەرلىرىڭىزنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشمەكچى بولىسىز؛ ئۆزىڭىزنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ئورنىڭىزنىڭ ئۆسۈپ مائاشىڭىزنىڭ قوشۇلۇشىنى، ئائىلىڭىزدىكىلەرگە، ئۆزىڭىزگە تېخىمۇ يېتەرلىك بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بېرىشنى ئويلايسىز؛ بالىغا ئەڭ ياخشى يېتەكچىلىك قىلىشنى ئويلايسىز... ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، سانسىزلىغان «ئۇنى قىلسام، بۇنى قىلسام»لار قۇلاق تۈۋىڭىزدە توختىماي ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ.

   ئادەم غايەت زور بېسىم ئىچىدە تۇرغاندا، دائىم ئۇنتۇغاق بولۇپ قالىدۇ، يار-يۆلەكسىز ھېس قىلىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بېسىم يەنە چوڭ مېڭىنىڭ فىزىيولوگىيەلىك ھالىتىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. كۆپلىگەن ئىسپاتلار ئۇزاق داۋاملاشقان بېسىمنىڭ چوڭ مېڭىنىڭ خىمىيەلىك ۋە فىزىكىلىق ئالاھىدىلىكىنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ خۇددى كومپيۇتېرنىڭ ئارقا سۇپىسىدا ئېنېرگىيەنى كۆپ سەرپ قىلىدىغان بىر يۇمشاق دېتالنىڭ خىزمەت قىلغىنىغا ئوخشايدۇ، كۆز ئالدىڭىزدىكى كۆزنەك ئىنتايىن ئاستا يۈكلىنىۋاتقان بولۇپ، توختىماي ئايلىنىپلا تۇرىدۇ. بېسىم قانچە چوڭ بولسا، خىزمەتتە شۇنچە ئاسان خاتالىق كۆرۈلىدۇ، بۇ خىزمەت ئۈنۈمىنى بارغانسېرى تۆۋەنلىتىپ، ئىچكى سەرپىياتنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

   چوڭ مېڭىنى بوشىتىشنى ئۆگىنىۋېلىش، قەرەللىك ھالدا ئۆزىنى ئەركىن قويۇۋېتىش كېرەك. نۇرغۇن كىشىلەر ھېرىپ كەتكەنسىرى ئۆزىنى تۇتالماي كېچىچە خىزمەت قىلىشقا تىرىشىدۇ، لېكىن كېچىچە ئۇخلىماسلىق ئادەم بەدىنىنىڭ ئۆزىنى تەڭشىشىدىكى ئەڭ ياخشى پۇرسەتنى ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ. چوڭ مېڭە قەرەللىك تازىلاپ تۇرۇشقا موھتاج بولىدۇ، بۇ خۇددى بىزنىڭ ئۆينى قەرەللىك تازىلاپ تۇرۇشىمىز كېرەك بولغىنىغا ئوخشايدۇ، ھالبۇكى، ئۇخلاش چوڭ مېڭىنىڭ ئەخلەتلەرنى تازىلىشىدىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، چارچاشتىن ئىبارەت بۇ تۇيغۇ تەشۋىشلىنىشكە ئايلىنىشتىن بۇرۇن، بىز چوقۇم بىر قېتىم ئۈزۈل-كېسىل ئۆزىمىزنى قويۇۋېتىشىمىز كېرەك.

   ئازادە روھىي ھالەتكە ئىگە بولۇش ئۈچۈن، بەدىنىمىزنى ئەركىن قويۇۋېتىشنى ئويلىغان ھامان ئەركىن قويۇۋېتەلەيدىغان قىلىپ مەشىقلەندۈرۈشىمىز كېرەك. ئەمەلىيەتتە، بۇ قەدىمدىن ھازىرغىچە، جۇڭگودىن چەت ئەللەرگىچە بولغان ئۆزىنى كامالەتكە يەتكۈزۈشنىڭ نۇرغۇن ئۇسۇللىرى بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپ، بەدەننى ئەركىن قويۇپ بەرگەندە، نەپەس تەكشى ھالەتكە كېلىپ، كەيپىياتمۇ تەبىئىي ھالدا ئەسلىگە كېلىدۇ.

   «چارچاش نۇقتىسى»نىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى بېسىمنىڭ ئاز-ئازدىن يىغىلىپ قالغانلىقىدىن بولىدۇ، بەدىنىمىزدىكى چارچاش تۇيغۇسىنى قەرەللىك تازىلاپ، ئۆزىمىزنى ئازادە تۇتۇپ، ئەركىن قويۇۋېتىشنى ئۆگىنىۋالساقلا، تۇرمۇشنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان بەخت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ياخشى ھېس قىلالايمىز. (شى يۈ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ