تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىن 17 - كۈنىگىچە، جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى ۋۇ جېڭلۇڭ جياڭسۇ ئۆلكىسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ، ئىككى جاينىڭ ھەمكارلىقى، ئالماشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جياڭسۇ - شىنجاڭ ھەم بىڭتۇەننىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى بىزنى يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە يېتەكلەيدىغان قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال. بىز 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تۈرتكە قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئۇزاق كەلگۈسى پىلان ئۈستىدە كۆپرەك ئىزدىنىپ، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرلىرىنى كۆپرەك قوللىنىپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك. ئۇزاقتىن بۇيان، جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت باشتىن - ئاخىر شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، پۈتۈن ۋەزىيەت خىزمىتىگە كىرگۈزۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بۇنى ئېسىدە چىڭ ساقلايدۇ، قەلبىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ. ھازىر شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى يېڭى تارىخىي مەزگىلگە قەدەم قويدى، بىز سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىمىزنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ئىلغار تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىككى ئۆلكە - ئاپتونوم رايوننىڭ چوڭقۇر ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.

ۋۇ جېڭلۇڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى جياڭسۇغا تاپشۇرغانلىقى جياڭسۇغا ناھايىتى زور ئىشەنگەنلىكى، شۇنداقلا بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان سىياسىي مەسئۇلىيىتىمىز. بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشنى ئاساس، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە شىنجاڭ ھەم بىڭتۇەنگە نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى پىلانلاپ، ياخشى ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ياخشىلاشقا كۈچەپ، شىنجاڭغا ئەقلىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، قول تۇتۇشۇپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇپ، مائارىپ، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئالدىنقى قاتاردا مېڭىشىغا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتا جياڭسۇنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىمىز، جياڭسۇ تۆھپىسىنى قوشىمىز.

شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئاتۇش شەھىرى، غۇلجا شەھىرى، قورغاس شەھىرى، قورغاس ناھىيەسى، كۈيتۈن شەھىرى، بىڭتۇەن 7 - شىسى ئېقىنتال شەھىرى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، دوختۇرخانا، مەكتەپ، كەسىپلەر باغچە رايونى، چېگرا پورتىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈردى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.

جياڭسۇ، ئاپتونوم رايون ھەم بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن خەن لىمىڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، پېڭ جيارۇي، جاۋ چىڭ، ليۇ سۇشې، ياۋ شىنمىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ