تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دۆلەت ئېلېكتىر تورى چەكلىك شىركىتىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچىدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، دۆلەت ئېلېكتىر تورى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ماۋ ۋېيمىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

دۆلەت ئېلېكتىر تورى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى شىن باۋئەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۇنلىن يىغىنغا قاتناشتى.

شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىۋاتقان، تەشۋىق قىلىۋاتقان، ئىزچىللاشتۇرۇۋاتقان، ئەمەلىيلەشتۈرۈۋاتقان پەيتتە، دۆلەت ئېلېكتىر تورى چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچىدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، دۆلەت ئېلېكتىر تورىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىقىنى ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسەت، مەبلەغ، تۈر قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە شىنجاڭنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. بىز يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك؛ يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەت ئېڭى بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق چوڭقۇرلۇقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى، ھەمكارلىق ساھەسىنى كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشكە سىجىل كۈچ سەرپ قىلىشىمىز كېرەك؛ مەۋقەنى ئېنېرگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاش، ئورتاق پايدا ئېلىپ تەرەققىي قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقا سىجىل كۈچ سەرپ قىلىشىمىز كېرەك؛ خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا پائال تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

ماۋ ۋېيمىڭ مۇنداق دېدى: شىركەت پارتىيە گۇرۇپپىسى باشتىن - ئاخىر شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىشتىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى بىر قاتار خىزمەت تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، شىركەت 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، ئېلېكتىر تورى بايلىقىنى تەقسىملەش ۋە ئىشەنچلىك توك بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە مۇلازىمەتنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىغا ھەر تەرەپلىمە ياردەم بېرىش - يۆلەش سالمىقىنى زورايتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېلېكتىر تورىنىڭ تىرەك بولۇش، تۈرتكە بولۇش، مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مەبلەغ، كەسىپ، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بىرىكمە مۇشتىنى ياخشى ئىشقا سېلىپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى قوللاش داۋامىدا دۆلەت كوماندىسىنىڭ «تۈۋرۈكلۈك» رولىنى ھەقىقىي ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، جاسارەت بىلەن مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى باشلامچىلىرىدىن بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن دۆلەت تورى كۈچىنى قوشىدۇ.

سۆھبەت ئاياغلاشقاندىن كېيىن، دۆلەت ئېلېكتىر تورى چەكلىك شىركىتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاپتونوم رايوننىڭ «14 - بەش يىل»لىق ئېنېرگىيە ۋە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى يىرىك پىلانىنى تۈزۈش، ئېنېرگىيە ئالاقە تورى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، پاكىز ئېنېرگىيە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېلېكتىرلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىقلار بويىچە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاۋ چىڭ، دۆلەت ئېلېكتىر تورى چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جاڭ جىگاڭ يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ