تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىڭتۇەن 7 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ 8 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ شياۋيەن خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 7 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 8 - ئومۇمىي يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، جېڭۋېي ۋاڭ جۈنجېڭ سۆز قىلدى.

يىغىندا 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ۋاڭ جۈنجېڭ بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يىغىندا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 7 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 8 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەن ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى قارارى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

يىغىندا مۇنداق قارالدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ مەزمۇنى يۈكسەك، ئىدىيەسى چوڭقۇر، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول بولۇپ، 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان شىنجاڭ خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم، زور نەتىجە - ئۈنۈم ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەندى، ھازىر شىنجاڭ خىزمىتى دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت چوڭقۇر تەھلىل قىلىندى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى شەرھلەندى، ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، نىشان - ۋەزىپىلىرى، فاڭجېن - سىياسەتلىرى، ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بۇ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ۋە بىڭتۇەن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى، ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىش، ئۇنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىڭتۇەن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ ۋە بىڭتۇەن خىزمىتى توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئۆگىنىش، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتكە باغلاپ ئۆگىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بىڭتۇەندە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىنلىقىنى تېزدىن قوزغاپ، شەكلى كۆپ خىل، مەزمۇنى مول بولغان تەشۋىقات لېكسىيەنى پائال قانات يايدۇرۇپ، يىغىن روھىنى پارتىيەلىك كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر، ئاممىنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىڭتۇەن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تەشكىلىي ئەۋزەللىك ۋە سەپەرۋەرلىك ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى ئاساس قىلىپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى كاپالەت قىلىپ، ئۇزاق كەلگۈسى پىلان ئۈستىدە كۆپرەك ئىزدىنىپ، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرلىرىنى كۆپرەك قوللىنىپ، «ئۈچ چوڭ فۇنكسىيە»نى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىپ، «تۆت چوڭ رول»نى جارى قىلدۇرۇپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەن ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بىڭتۇەننىڭ ئالاھىدە رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن كۇڭ شىڭلۇڭ، لى فايى، شاۋ فېڭ، ليۇ جيەنمىڭ، مۇتەللىپ مەتتوختى، ياۋ شىنمىن، جاڭ يۇڭ، لى پىڭ، لۇ شۈپىڭ، لى جىدۇڭ، جۇڭ بو قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ